uznur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 23:14:29

(كۆچۈرۈلمە)iPhone دىكى چوقۇم ئېتىۋىتىشكە تېگىشلىك تۆت ئىقتىدار

بۈگۈن تازا ئۆزۈم تىما يازىدىغانغا تاۋىم يوق ،شۇڭا بىر خەۋەرنى شالاققىدە كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم يۈزىقېلىنلىق بىلەن :lol
باش ماقالە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى iOS سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، ئەمما بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئازراقمۇ ئىشلىتىش ئورنى يوق. بىر قىسىم پۈتۈنلەي ئىشلىتىش ئورنى بار ئىقتىدارغا قارىتا تەكلىپ يەنىلا ئېتىۋېتىڭ، مەسلەن تۆۋەندىكى تۆت ئىقتىدار:


1. دىئاگىنوز قويۇش ۋە ئىشلىش مىقدارى: تارقاتماڭ
ئىتىۋېتىش ئۇسسۇلى: «لاھىيە»- «ھەممە ئىشلىتىدىغان»-«تېلفون توغرىسىدا»-«دىئاگىنوز قويۇش ۋە ئىشلىتىش مىقدارى»-« تارقاتمايمەن»؛ ios8 نىڭ تەرتىپى: «لاھىيە»- «ھەممە ئىشلىتىدىغان»-«شەخسىي سىر»-«دىئاگىنوز قويۇش ۋە ئىشلىتىش مىقدارى»-«تارقاتمايمەن».

نېمە ئۈچۈن ئېتىۋېتىمىز: چۈنكى بۇ ئىقتىدار سىزنىڭ يانفونىڭىزدىكى بارلىق بۇزۇلغان كۈندىلىك خاتىرە ھۈججەتلەرنى يىغىدۇ( بىر قىسىملىرى سىزنىڭ ئورنىڭىز قاتارلىق خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى خاتىرلەيدۇ)، كېيىن «بوغچا» بۇ خاتىرىلەرنى ئالما شىركىتىگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. مىسال ئالساق، سىز QQ نى ئاچقاندىن كېيىن تېزلا چېكىنىپ كەتتى ياكى بۇزۇلدى، سېستىما بۇ بۇزۇلۇش ياكى چېكىنىش ئۇچۇرىنى خاتىرلەپ ئالما مۇلازىمىتىرىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. سىز «دىئاگىنوز قويۇش ۋە ئىشلىتىش مىقدارى سانلىق مەلۇماتى» نى باسسىڭىزلا بۇزۇلغان ئۇچۇرنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز:
شۇڭا تەكلىپ «تارقاتمايمەن»نى تاللاڭ. بۇ ئىقتىدارنىڭ ئىشلەتكۈچىگە نىسبەتەن ئازراقمۇ ئىشلىتىش ئورنى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ئېقىم مىقدارىڭىزنى خورىتىدۇ، يەنە كېلىپ سىزنىڭ شەخسى سىر ئۇچۇرىڭىزنى يوللىشى مۇمكىن. گەرچە «دىئاگىنوز قويۇش ۋە ئىشلىتىش مىقدارى»نى يوللاش نەزەرىيە جەھەتتىن ئالمىنىڭ مۇلازىمىتىنى ياخشىلىسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمى مىكرو مىقداردا دىگۈدەك ناھايىتى ئاز. ئىتىۋەتسىڭىز ھېچقانداق يامان تەسىرى بولمايدۇ.


2. ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى ئاساسىدىكى دىئاگىنوز قويۇش ۋە ئىشلىتىش مىقدارى: ئېتىۋېتىڭ
ئېتىۋېتىش ئۇسۇلى: «لاھىيە»-«شەخسى سىر»-«ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى»-«سېستىما مۇلازىمىتى»-«دىئاگىنوز قويۇش ۋە ئىشلىتىش مىقدارى»-«ئېتىۋېتىش».

نېمە ئۈچۈن ئېتىۋىتىمىز: يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىغا ئوخشاش، بۇ مۇلازىمەت سىزنىڭ ئورۇن ئۇچۇرىڭىزنى خاتىرلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىزنىڭ بۇزۇلغان دىئاگىنوز قويۇش سانلىق مەلۇماتىڭىزنى ئالما مۇلازىمىتىرىگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئىشلەتكۈچىگە نىسبەتەن ئازراقمۇ ئىشلىتىش ئورنى يوق، ئىتىۋەتسىڭىز ھېچقانداق يامان تەسىرى بولمايدۇ.

3. ئورۇن ئاساسىدىكى iAd ئېلانى: ئېتىۋېتىڭ
ئېتىۋىتىش ئۇسۇلى:«لاھىيە»-«شەخسى سىر»-«ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى»-«سېستىما مۇلازىمىتى»- «ئورۇن ئاساسىدىكى iAd ئېلانى»-«ئېتىۋىتىش».

نېمە ئۈچۈن ئېتىۋىتىمىز: سىزنىڭ ئورۇن ئۇچۇرىڭىزنى ئالمىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ، ئارقىدىن ئالما سىزنىڭ ئورۇن ئۇچۇرىڭىزغا ئاساسەن سىزگە سىزنىڭ ئورۇن ئۇچۇرىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلاننى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ توغرىسىدا ئالمىمۇ يۇقىرىدىكى سۈرەت ئوڭ تەرەپتىكىدەك چۈشەندۈرۈش بەرگەن. بۇ ئىقتىدارنىڭ ئىشلەتكۈچىگە نىسبەتەن ئازراقمۇ ئىشلىتىش ئورنى يوق، ئىتىۋەتسىڭىز ھېچقانداق يامان تەسىرى بولمايدۇ.

4. دائىملىق بارىدىغان ئورۇن: ئېتىۋىتىڭ
ئېتىۋىتىش ئۇسۇلى: «لاھىيە»-«شەخسى سىر»-«ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى»-«سېستىما مۇلازىمىتى»- «دائىملىق بارىدىغان ئورۇن»-«ئېتىۋىتىش».

نېمە ئۈچۈن ئېتىۋىتىمىز: ئۇ سىزنىڭ دائىملىق بارىدىغان پائالىيەت ئورنىڭىز، پائالىيەت ۋاقتى، پائالىيەت تەكرارلىقى ئۇچۇرىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بىر ئادەمنىڭ پۈتۈن يۈرۈش-تۇرۇش ئىزىنى بىرقەدەر تەپسىلىي ئانالىز قىلىدۇ، ئاشكارا خاراكتىرلىق، ھېچقانداق مەخپىيەتلىك يوق.
بەلكىم سىز ئېتىۋەتمىسەم قانداق بولىدۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. ئېتىۋەتمىسىڭىز ھېچنىمە بولمايدۇ. پەقەت بۇ تۆت ئىقتىدار ھېچقانچىلىك بوشلۇق ئىگەللىمەيدۇ.

تىما ئەسلى مەنبەسى :بىي باسسىڭىز كۆرىسىز ئەينا

بارى يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 00:48:14

رەھمەت تېمىڭىزغا يۈزى قىلىن تاتىنجاقھى ھى

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

abdulla115 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 00:52:40

بارىيوللاش5مىنۇت ئىلگىرىرەھمەت تېمىڭىزغا يۈزى قىلىن تارەھمەت    بىلىۋالدۇق

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

alihan3 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 09:10:09

رەھمەتبىلۋالدۇقئاداش

09032555 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 11:26:39

ھە   رەھمەت قېرىندىشىمخېلى بىلىمگە ئ‍ىگە بولدۇم

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

alqin7 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 11:29:32

ئەسسالامۇئەلەيكۇمئالـما ھەۋسكارلىرى بۇ توپقاكىرىپ ئالـما تېلفۇنىدىكى مەسللەرنى ئورتاقلاشمامدۇق ،ئېسىل ئەپلەردىن بىرلىكتە پايدىلىنىمىز ،توپ نۇمۇرى
:欢迎加入Alma hawaskarliri ,群号码:436540891

donapandi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 19:15:25

ھەجەپ مەن تاپالمىدىما
ئايپادىمدا ئاۋۇ خەنچە خەتلەر ھېچ كۆرۈنمەيدا
ئازراق رەسىم قوشىۋەتمەي،         

alihan3 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 09:09:58

بۇلدىغانگەپھە باللار
بەت: [1]
: (كۆچۈرۈلمە)iPhone دىكى چوقۇم ئېتىۋىتىشكە تېگىشلىك تۆت ئىقتىدار