Sebiybeg يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 00:06:49

بەيدۇ توردىسكىسىدىكى 404 خاتالىقنى ھەل قىلىش دەرىسلىكى

ھەممەيلەنگە مەلۇم بۇ بىر يىل بولۇپ قالاي دېدى رايونىمىزدا بەيدۇ تور دىسكىسى نورمال ئېچىلمايدىغان يەنى 404خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدىغان بولۇپ قالغان ۋە ئاز-تولا تور بىلەن ئېتىشىدىغان تورداشلار بولسا بىر ئامال قىلىپ نورمال ئېچىپ ئىشلەتكەن بولسىمۇ يەنە نۇرغۇن تورداشلار نېمە قىلارىنى بىلمەي قاتقان باشنى قاشلاپ ئولتۇردۇق، ئەمدى باشنى قاشلا ۋەرسە چاچ تۇرمايدۇ دەپ ئاڭلاپ باشنىقاشلىمايدىغان ئۇسۇلدىن بىرنى ئېلىپ كەلدىم، ( تاز بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇشبۇ تېمىنى كۆرۈپ چىققايسىزھى ھىھى )سەبىيجان چاقچاقلىرىدىنمەن ئالدىن قېتىم بەيدۇ تور دىسكىسىغا ماتېرىيال ھەم بەھرىلەش دەرسلىكى دەپ بىر تېما يوللىغان ئىدىم ھەمدە ئۇ يازمىدا yun بىلەن باشلانغان ئۇزۇن بەھرىلىنىش ئادرېسنى ئۆگىنىپ ئۆتكەن بولدۇق ئەمدى بۈگۈن pan بىلەن باشلانغان يەنى قىسقا بەھرىلىنىش ئادرېسىنىنورمال ئېچىش ۋە 404 خاتالىقنى ھەل قىلىشنىسۆزلەپ ئۆتمەكچى ماڭا ئەگىشىڭ ئەمىسە …!
1 – ئالدى بىلەن كومپىيۇتېرىمىزغا (Chrome) تور كۆرگۈچى قاچىلىۋالىمىز، بۇ تور كۆرگۈچنى چۈشۈرۈش مەنزىلى: Chrome تور كۆرگۈچىنى چۈشۈرۈش
قاچىلاش ناھايىتى ئاددىي بولغانلىقى ئۈچۈن قاچىلاش باسقۇچىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىم

ئۆرنەك ئادرېس: http://pan.baidu.com/s/1c0cYNYCئارىمىزدا كۆپلىگەن تورداشلار خەنزۇچە تور بېكەتلەرنى ئارىلاپ بېكەت سىستېمىلىرى ياكى يانفون سىستېمىلىرى ۋە ياكى باشقا پايدىلىق ماتېرىياللارنى چۈشۈرمەكچى بولىدۇ، لېكىن قارايدىغان بولساق رايونىمىزدا ئېچىلمايدىغان شەكىلدە يەنى pan بىلەن باشلان ئادرېستابەھرىلەنگەن ئەمدى بىز قانداق قىلىمىز …؟ ماڭا قاراڭ! مۇنداق قىلىمىز ئالدى بىلەن بىز شۇ بەھرىلىنىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈۋالىمىز ۋە Chrome يېڭى بىر كۆزنەك ئاچىمىز ۋە ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى تىزىملىكنى بېسىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن تېخىمۇ كۆپ قوراللار (更多工具) ئاچقۇچىلار قورالى (开发者工具) دېگەننى باسىمىز. ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە دىققەت قىلغايسىز …! ( رەسىمنى چېكىپ چوڭ ھالەتتە كۆرۈڭ )
http://tizyol.net/wp-content/uploads/2015/03/01.png
ۋە تۆۋەندىكىدەك يېڭى بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ، ۋە ئېچىلغان ئۇشبۇ كۆزنەكتە ئىسترېلكا كۆرسەتكەن باسقۇچلار بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ! ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە دىققەت قىلغايسىز …! ( رەسىمنى چېكىپ چوڭ ھالەتتە كۆرۈڭ )
http://tizyol.net/wp-content/uploads/2015/03/02.png

ئەلۋەتتە ئۈستىدە كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك رەسىمدىكى ئىسترېلكا كۆرسەتكەن 2 ئورۇندىن ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن تەقلىد قىلغان ئۈسكۈنىنى تاللىساق بولىدۇ. مەسىلەن ئايفون ( iPhone 6 Plus ) دېگەندەك.
7 . ئادرېسنى توركۆرگۈ ئادرېس رايونىغا چاپلاپ ( Enter ) كۇنۇپكىسىنى باسىمىز، ئەنە قاراڭ 404 خاتالىق چىقىۋالىدىغان ئادرېس ئەمدىلىكتە نورمال ئېچىلىۋاتىدۇ، ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە دىققەت قىلغايسىز …! ( رەسىمنى چېكىپ چوڭ ھالەتتە كۆرۈڭ )


http://tizyol.net/wp-content/uploads/2015/03/04.png
ئەمدى باشنى قاشلىمايسىزغۇ دەيمەنھى ھى ھىپايدىلانغان مەنبە: ئوغلان ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى
ھۆرمەت بىلەن تېزيول چۈشۈرۈش لىنىيەسى
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
ئەسلى مەنبە: http://tizyol.net/?p=9369

mayor330 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 11:02:07

مىنىڭچە يۇقىردىكى ئامال بەتنى يانفۇن نوسخىسىدا كۆرسۈتىدىغان ئامالدەك قىلىدۇ ،   بۇنى ھەرقېتىم ھۆججەت چۈشۈرگەندە بىر تەڭشەمدۇق ؟

يەنە بىر ئامال بار .... بەيدۇ تور دېسكىسىنىڭ ئادىرسىنى كۈچۈرۋېلىپopera mobile emulator    بۇ تور كۆرگۈچنى قاچىلاپ قويسىڭىزلا .... مۇشۇ كۆرگۈچكە چاپلىساقلا نورمال ئېچىلدۇ .... تەڭشەش ھاجەتسىز ... پەقەت ئادرىسنىلا چاپلايسىز،مەن مۇشۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن .

rohlan520 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 11:59:50

mayor330 يوللىغان ۋاقتى2015-3-10 11:02
مىنىڭچە يۇقىردىكى ئامال بەتنى يانفۇن نوسخىسىدا كۆرسۈت ...

1.ھەر داۋاملىق ئاچقاندا تەڭشەيدىكەن
2.بىرەر نەرسە چۈشۈرمەكچى بولغاندا ئۆزنىڭكىدىن چۈشدىكەن چۈشسىمۇ ئىنتايىن ئاستا

abdukayyum09033 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 12:55:34

ياخشى تىما بۇپتۇ رەھمەت

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

tanha8828 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 13:39:09

ئەڭ ياخشى ئامال ip代理 ئارقىلىق چۈشۈرۈش ...

tayir117 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 15:56:37

بىر قېتىم تەڭشەپ قويساق كىيىنمۇ بولىۋېرىدىغان ئامال قىلساق ياخشىبولاتتى، مەن چۈشۈرىدىغان ماتىريالنى تىلفۇندا چۈشۈرۋاتىمەن:(

BIZLAKIM يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 20:01:57

tanha8828 يوللىغان ۋاقتى2015-3-10 13:39
ئەڭ ياخشى ئامال ip代理 ئارقىلىق چۈشۈرۈش ...

مۇشۇنى ئۈزگەرتىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ قويسىڭىز

gherip يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 15:48:31

ما ھۈنەر ماڭا دەھشەت ئەسقاتتى جۇمۇ..رەھمەت سىزگە..مەن كۈندە نەچچە ۋاق ماتىريال چۈشۈرەتتىم تور دېسكىسىدىن...ھەر بىر قېتىم چۈشۈرۈش توغرا كەلسە ئادىرسىنى يانفۇندا بىردىن كۆچۈرۈپ تور دېدكىسىغا ساقلاپ بەك ئاۋارچىلىق ئىدى.. ماۋۇ سىز كۆرسەتكەن بەك قولايلىق ئىكەن...يەنە بىر قېتىم رەھمەت سىزگە......

hiyal810 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 18:18:26

tanha8828 يوللىغان ۋاقتى2015-3-10 13:39
ئەڭ ياخشى ئامال ip代理 ئارقىلىق چۈشۈرۈش ...

سىزدىگەن IP نى قانداق ئىشىلىتىمىز؟ مەسلىھەت بەرسىڭىز،چ چ15009038107
بەت: [1]
: بەيدۇ توردىسكىسىدىكى 404 خاتالىقنى ھەل قىلىش دەرىسلىكى