alip يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 13:11:04

windows7 دە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قوزغىتىش

搜狗输入法غا ئۇيغۇرچە قوشۇلۇپتۇ! دېگەن تېمىدىكى ئىنكاسلارغا قارىسام نۇرغۇن تورداشلار windows7 گە مىكروسوفت تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغانلىقىنى بىلمەيدىكەن ياكى ئىشلىتىپ باقماپتۇ. شۇڭا بۇ تېمىنى يازدىم.
مىكروسوفت شىركىتى Windows Vista دىن باشلاپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قوشقان. لېكىن ئۇ كىرگۈزگۈچتە ف ھەرىپىنىڭ كودىدا خاتالىق بار ئىدى. windows7 گە كەلگەندە ئۇ خاتالىقنى تۈزىتىپ توغرا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى windows مەھسۇلاتلىرىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بار ۋە windows 8 نىڭ ھەممە يېرى ئۇيغۇرچە بولدى.
كومپىيۇتېرغا windows7 قاچىلانغاندىن كېيىن ھېچقانداق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىمايلا تۆۋەندىكىدەك تەڭشەپ قويساڭلار ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوزغىلدۇ.
كونترول تاختىسىدىن 区域和语言 نى بېسىپ، ئۇ يەردە «كۇنۇپكا تاختىسى ۋە تىل» نى باسساڭلار (ئېكران ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى كىرگۈزگۈچنى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىدا بېسىپ 设置 نى باسسىمۇ بولىدۇ) كىرگۈزگۈچ تەڭشەش كۆزنىكى ئېچىلدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك. (دىققەت بۇ رەسىمدىكى كومپىيۇتېرغا مىكروسوفىتنىڭكىدىن باشقا ھېچقانداق ئۈچۈنجى تەرەپ كىرگۈزگۈچى قاچىلانمىغان)


بۇ يەردىن 添加 نى باسىمىز، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك چىقىدۇ.



بۇ يەرگە قارىساق دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللار دۆلەت بويچە تىزىلغان. مىسال ئۈچۈن 中文 中国 نى تاللىدىم. قارىساق ئۇ يەردە ئۇيغۇر تىلى يوق. بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار شۇ يەرگە قاراپلا كەينىگە قايتىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئاۋۇ رەسىمدىكى قىزىل سىتىرىلكىدا كۆرسىتىپ قويغان 显示更多نى باسساق نۇرغۇن كىرگۈزگۈچلەر چىقىدۇ. شۇلارنىڭ ئارسىغا قارىساق تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك维吾尔语   دەپ بار. شۇنى تاللاپ قويساق بولىدۇ.


دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، يۇقارقىدەك تىلدىن 中文 نى، كۇنۇپكا تاختىسىدىن 维吾尔语 نى تاللىساق word2003 دېگەندەك كونا نەشىردىكى بەزى يۇمشاق دېتاللاردا ئۇيغۇرچە خەت باسساق سولدىن چىقىپ، نۇر بەلگىسى ئوڭغا ئۆتمەي تۇرىۋالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى خەنزۇچە خەت سولدىن باشلىندۇ، ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىنى خەنزۇچىنىڭ ئىچىگە قوشساق كونا نەشىردىكى يۇمشاق دېتال ئۇيغۇرچىنىمۇ سولدىن يېزىلدىغان ئوخشايدۇ دەپ سولغا توغىرلىنىۋالىدۇ. شۇڭا ئىككىنجى رەسىمدىكى ھالەتكە كەلگەندە 中文 نى تاللىماي، 阿拉伯语(沙特阿拉伯) ئەرەپ تىلىنى تاللاپ، ئاندىن كېينكى تەرتىپ بويچە ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىنى قوشساڭلار ئۇيغۇرچە خەت ئوڭغا توغىرلىنىپ چىقىدۇ.
سوگۇ كىرگۈزگۈچتە مىكروسوفت قوشۇپ قويغان تەييار ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئاشخانىدىن لەغمەن يەپ چىقىپ بىڭگورچىغا رەھمەت دېگەندەك ئىش قىلمايلى.

جاھاندار يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 13:22:11

رەھمەت. يەنە بىر ئىسىل تېما.

شاش0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 13:25:16

ياخشى تېمىكەن ساقلاپ قۇياي.كومپىيوتېر ئالغاندا پايدىلنارمەن. رەھمەت ھە تېما ئ‍ىگىسى

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

تىلەك يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 13:35:53

رەھمەت بۇرادەر رەھمەت! چوڭ چوڭ ياخشى . ئاپىرىن

ئەسسالام يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 14:06:13

رەھمەت

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

تەشنا 2 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 14:08:06

رەھمەت سىزگە

abliz85 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 16:38:22

رەھمەت سىزگە

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

ھەيدەر520 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 18:41:58

رەھمەت .

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 19:08:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulla350 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-6 19:10

تېمىڭىزغا رەھمەت،ۋورتنى قوزغاتساق خەت يېزىش بېتىدە نوربەلگە سولدا تۇرغانلىغىنى كۆرىمىز،يۇقارقى ئۇسۇلنى قوللانغاندا ۋورت قوزغالغاندا نوربەلگە ئوڭدا كۆرۈنەمدۇ؟ياكى يەنىلا ئۆزىمىز ئىشلىتىدىغان يېزىقنىڭ ئىھتىياجغا قاراپ تاللامدۇق؟

uyoghul يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 19:09:16

    توغرا دەيسىز
»»»:ئالپ ئايفون تېرمىنالىدا يېزىلغان

ئىزچى 9 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 21:48:19

رەھمەت سىزگە ئىنكاسلىرىم بىلەن ساقلىۋالاي

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 21:49:29

ئالىپ ئەپەندى بۇ تېمىنى يېزىپ ياخشى قىپسىز.
بىۋاستە ئۇيغۇرچىنى تاللىساق تېخىمۇ ئاسان بولاتتىغۇ.
添加>维吾尔语>键盘>维吾尔语

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 21:51:57

ئەرەپ تىلىنى تاللاشنىڭ ھاجىتى يوق، بىۋاستە ئۇيغۇرچىنى تاللىساقلا بولىدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 21:58:49

bengbash يوللىغان ۋاقتى2015-3-6 21:51
ئەرەپ تىلىنى تاللاشنىڭ ھاجىتى يوق، بىۋاستە ئۇيغۇرچىنى ...

ئۇنداق قىلسا مەن تېمىدا ئەسكەرتكەندەك word2003 تە ئۇيغۇرچە خەت سولغا توغىرلىنىۋالىدۇ.

habar0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 22:54:09

مەن پەقەت قىلالمىغانتىم ئەمدى سىناپ باقاي رەھمەت

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
بەت: [1] 2
: windows7 دە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قوزغىتىش