alip يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 23:36:30

Photoshop نىڭ 25 يىللىق تارىخى

دۇنياغا داڭلىق Photoshop دېتالىغا بۇ يىل 25 يىل بولدى. لايىھىلىگۈچىلەر، فوتو سۈرەتچىلەر، پروگراممىرلار، تور بەت قۇرغۇچىلار ئۈچۈن چوقۇم بىلمىسە بولمايدىغان بۇ مۇنەۋۋەر يۇمشاق دېتال ھەققىدە يېزىلغان خەنزۇچە كىتاپلارنىڭ تۈرىلا ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان بارلىق تېخنىكا كىتاپلىرىدىن كۆپ. فوتوشوپنىڭ 25 يىللىق تارىخىنى ئەسلەپ چىقايلى.



فوتوشوپنىڭ قوزغىلىش رەسىمىنىڭ 25 يىللىق ئۆزگىرىشى


فوتوشوپنىڭ مەھسۇلات قېپىنىڭ 25 يىللىق ئۆزگىرىشى


فوتوشوپ قورال ساندۇقىنىڭ ئۆزگىرىشى


1980-يىلى توماس نۇل ( Thomas Knoll) ۋە ئىنىسى جون نۇل (John Knoll)رەسىم تەھرىرلەش يۇمشاق دېتالىنى لايىھىلەپ يېزىشنى باشلىغان چاغدا ئۆزلىرى ياساپ چىققان بۇ Photoshop تىن ئىبارەت دېتالنىڭ لايىھىلىگۈچىلەر ۋە فوتوگرافلارنىڭ خىزمىتىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئۇلۇغ قورالغا ئايلىنىپ قېلىشىنى ئەسلا خىيالمۇ قىلمىغانىدى. 1987-يىلى جون نۇل بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ناھايتى قوللىنىشچانلىقىنى ھېس قىلىپ، مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىسمىنى Photoshop قويغان. Barneyscan شىركىتىگە ئۇچىراپ 200 نۇسخا ساتقان.
كېيىن Adobe شىركىتى بۇ دېتالنى بايقاپ نەشىر ھوقۇقىنى سېتىۋالغان، ۋە 1990-يىلى MAC مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىشلەيدىغان 1.0 نەشىرىنى ئېلان قىلغان. كېيىنكى 10 يىلدا Photoshop تىن 30 مىليون نۇسخا ساتقان. نەشىرى 15 قېتىم يېڭىلانغان.


1990-يىلى  Adobe Photoshop Version 1.0
1991-يىلى    Adobe Photoshop Version 2.0. بۇ نەشىرىگە ئوبېيكىتنىڭ گىرۋىكىنى تۈزىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان. بۇ ئىقتىدارنى ئىنژېنىر Mark Hambrug قوشقان، ئۇ يەنە CMYK رەڭ ئىقتىدارىنى قوشقان. بۇ ئىقتىدارلار فوتوشوپنى باسمىچىلىق ساھەسىدە ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. ئۇنىڭغا 4M لىق ئىچكى ساقلىغۇچ تەلەپ قىلاتتى.
1992-يىلىAdobe Photoshop Version 2.5
1994-يىلى Adobe Photoshop Version 3.0 ، بۇ نەشىرىگە چوڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن، يەنى سۈرەت قەۋىتى (Layer) ئۇقۇمى قوشۇلۇپ، مۇرەككەپ لايھىلەش ئىشلىرى ئاددىيلاشتۇرۇلغان.
1996-يىلىAdobe Photoshop Version 4.0 ، بۇ قېتىمقى نەشىرىگە Macro ۋە Adjustment layers ئىقتىدارى قوشۇلغان.
1998-يىلىAdobe Photoshop Version 5.0، بۇ نەشىرىگە ئىككى مۇھىم ئىقتىدار قوشۇلغان، يەنى ئىشلەتكۈچى كۆپ قېتىم چىدىماسلىق قىلىش (يېنىۋېلىش) ۋە تېكىست تەھرىرلەش ئىقتىدارى.
1999-يىلى Adobe Photoshop Version 5.5 ، بۇ نەشىرىگە Save for web ئىقتىدارى قوشۇلۇپ تور بەت لايىھىلەش ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىلغان.
2000-يىلى Adobe Photoshop Version 6.0 ، بۇ نەشىرىگە Layer style panel ۋەmulti-layer ئىقتىدارى قوشۇلغان.
2001-يىلى Introduction of Photoshop elements ، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن ئاددىيلاشتۇرۇلغان Photoshop element نەشىرى ئېلان قىلىنغان.
2002-يىلىAdobe Photoshop Version 7.0 ، بۇ نەشىرىنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ كۆپەيگەن. مەسىلەن: رەسىم ئوڭشاش قورالى healing brush ، كۆپ قۇرلۇق تېكىست، ھۈججەت كۆرۈش... قاتارلىقلار.
2003-يىلىAdobe Photoshop CS ، بۇ نەشىرىگە CDS قوشۇلغان ۋە scripting قوللاشنى باشلىغان.
2005-يىلى Adobe Photoshop CS2 ، بۇ نەشىرىگە قىزىل كۆزنى يوقۇتۇش قۇرالى، smudging option ۋە كۆپ قەۋەت تاللاش ئىقتىدارى قوشۇلغان. Smart Object ئۇقۇمى كىرگۈزۈلگەن.
2007-يىلى Adobe Photoshop CS3 ، بۇ نەشىرىدە بۇ نەشىرىنىڭ قاچىلاش، ئۆچۈرۈش تېزلىكى ياخشىلانغان. يەنە مۇھىم بولغان كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ رەسىمىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان.
2008-يىلى Adobe Photoshop CS4 .
2009-يىلى Adobe Photoshop iPhone ، فوتوشوپنىڭ ئايفون نەشىرى ئېلان قىلىنىپ، رەسىمنى يانفوندا تەھرىرلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. يەنە Lightroom 3.0 نىڭ beta نەشىرى ئېلان قىلىنغان.
2010-يىلى Adobe Photoshop CS5 ، فوتوشوپقا 20 يىل بولغانداCS5 نەشىرى ئېلان قىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلار قوشۇلغان. مەسىلەن: گىرۋەك تەكشۈرۈش، ماسكا ۋە سۈزۈكلەشتۈرۈش قاتارلىقلار.
2011-يىلى Adobe Photoshop CS5.5 ، فوتوشوپنىڭ ئاندرويد نەشىرى ئېلان قىلىندى.
2012-يىلى Adobe Photoshop CS6 ، بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە فوتوشوپ يۇمشاق دېتال دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك رەسىم بىر تەرەپ قىلىش دېتالىغا ئايلاندى. Adobe mercury سۈرەت ماتورى كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن ۋىدېئو تەھرىرلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى.
2014-يىلى Adobe شىركىتى Creative Cloud نى ئېلان قىلىپ يۈرۈشلۈك لايىھىلەش دېتاللىرنى يېڭىلىدى. بۇلار Photoshop、Illustrator、InDesign、Dreamweaver、Lightroom、 ۋە Premiere Pro قاتارلىق ئون نەچچە يۇمشاق دېتال بولۇپ، بۇلار لايىھىلەش ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئىقتىدارىغا ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىنىش ئېلىپ كەلدى.
yesky تورىدىن ئالپ تەرجىمە قىلدى

ئ‍ەلبىك يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 23:48:47

ھەي مۇشۇ فوتوشوپنىڭ ئ‍اندىروئ‍ىد نۇسقىسى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

bilimlik يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 00:08:17

photoshop نىڭ يانفۇن نۇسخىسى چىقماسلىقى مۇمكىن

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

绝爱 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 00:14:33

bilimlikيوللاش5分钟前photoshop نىڭ يانفۇن نۇسخىسى چيانفۇن نۇسخسى با مەن يانفۇن نۇسخىسىنى ئۇيغۇر خاككىرلار بىرلەشمىسى تورىدا كۆرگەنتېم   ھازىرمۇ يانتىلىفۇنىمدا ئىشلىتىۋاتېمەن...

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

نەزەر0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 00:39:03

绝爱يوللاش21分钟前يانفۇن نۇسخسى با مەن يانفۇن نۇماڭا ئۇ تور بىكەت نىڭ ئادىرىسىنى ئەۋەتىپ بىرەمسىز

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

ئىزلەپ يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 01:48:27

يانفۇن نۇسخىسى ئەپ بازارلىرىدا بارغۇ   شۇنىسى سىغىمى چوڭ

arka0997 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 02:19:54

راس يانفۇن نۇسقىسى بار،مەنمۇ بىر دېسكىغا ساقلىېۋالغان،قايسى دېسكىغا ساقلىغنىممۇ ئىسىمدە قالماپتۇ،ئۇنىڭغا ئۇزۇن بولدى يانفۇن نۇسققسى چىققىلى

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

bilimlik يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 09:29:55

绝爱يوللاش10小时前يانفۇن نۇسخسى با مەن يانفۇن نۇQQ نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

alihan3 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 09:39:00

ۋايتىلفۇنىڭكىنى ئىشلەتكەندىن    ئىشلەتمىگەن ياخشى

dana2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:40:51

ئ‍ەلبىك يوللىغان ۋاقتى2015-3-4 23:48
ھەي مۇشۇ فوتوشوپنىڭ ئ‍اندىروئ‍ىد نۇسقىسى بولغان بولسا ...

يانفون نوسخىسى بار، 91 ئەپ بازىردىن ئىزدىسىڭىز بولىدۇ

0000000 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:45:41

绝爱يوللاش12小时前يانفۇن نۇسخسى با مەن يانفۇن نۇھەمبەھىرلەپ قويۇڭ ئەمىسە

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

serdax08 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:03:08

《مەندە بار》دىگەنقىرىنداشلىرىم،ئورتاقبەھىرلىنەيلى،ئالىپ تورىغاتىماقىلىپيوللاپقويۇڭلا ، ،ياخشىنەرسىلەرمەخپىقالمىسۇن،قىزىقىدىغانلار   كۆپكەن،

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

جاھاندار يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:14:14

بولسا پوتوشۇپنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىكى بار توربەتتە بېرەنى تەۋسىيە قىلساڭلار

tanha8828 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:18:31

بۇ دىتال ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ كومپىيۇتېرمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان دىتالغا ئايلاندى.
ھەقىقەتەن ياخشى دىتال.......

ilterish يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 23:14:54

رەھمەت سىزگە نۇرغۇن ئىسىل بىلىملەرگە ئىگە بولدۇق
بەت: [1] 2
: Photoshop نىڭ 25 يىللىق تارىخى