akbulut يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 01:15:11

小米يانفۇنىدا wifi ئچېلمىدى، ياردەم قىلساڭلار

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن 小米3يانفۇنى ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم. ئەسلىدە يانفۇننىڭ wifi قوبۇل قىلىشى، ھەم سىمسىز تور تارقىتىشى نورمال ئىدى. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا چوڭراق بىر ھۆججەتنى تور دېسكامدىن يانفۇننىڭ سىغىمىغا چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق بېرىپ قويۇپ ئۇخلاپ قالغان ئىدىم. ئەتىسى قارىسام يانفۇننىڭ سىغىمى يۇقاپ كېتىپتۇ. ئىچىم پۇشۇپ يانفۇننىڭ كەينىنى ئاچتىم. قارىسام سىغىم كارتا سېلىنغان ئىكەن( يانفۇنۇم ساختا شياۋمى يانفۇنى ئىكەن.). شۇنىڭ بىلەن باشقا بىر كارتىنى سېلىپ ئېچىۋىدىم، سىغىمى ئەسلىگە كەلدى. ئەمما شۇنىڭدىن بۇيان wifi سىگنالى قۇبۇل قىلالمايدىغان، سىمسىز تور تارقىتالمايدىغان بولۇپ قالدى. باشقا ئىقتىدارلىرى ئىنتايىن نورمال. كىيىن يانا بىر ئېچىپ ئانتىنالىرى تىگىشمەي قالغان بولمىسۇن دەپ تەپسىلى تەكشۈردۈم، مەسىلە يوق. ئەمما يەنىلا ئوڭشالمىدى. زاۋۇت ئەسلىگە ئەكەلدىم، recvery دا قوش تازىلىتىپ باقتىم( يانفۇنۇم ساختا بولغان بىلەن recoverسى ھەقىقى ئىكەن)، يەنىلا ئوڭشالمىدى. يەنىلا شۇ wifi ئۈزچات بەلگىسىنى باسسام يورىمايدۇ، سىمسىز تور تارقىتاي دىسەم 出错 دەپ چىقىۋالىدۇ. قايتا سېستىما يازاي دەپ، كومپوتېرغا تۇنۇتۇپ، miflash قۇرالىغىمۇ تۇنتۇپ، ھەممىنى ئۆلچەملىك قىلىپ بولساممۇ سېستىما يازغىلى بولمىدى. بۇيرۇق بەرسەم، 成功دەپ چىققان بىلەن سېستىما يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا، كاشىلىمۇ يەنە با. ئاخىرى بولماي، روت ھۆججەت باشقۇرغۇچ بىلەن سېستىما ئىچىگە كىرسەم، wlan گە مۇناسىۋەتلىك ئەپ ياكى باشقا بىرەر ھۆججىتىنى تاپالمىدىم. خۇاۋېي يانفۇنۇمنىڭكىگە قارىسام يۇقاردا دىگەن ھۆججەتلەر بار ئىكەن. شۇڭا مەسىلە مۇشۇ يەردە بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم.
   ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم، مۇنبەردىكى ئۇستىلاردىن سوراپ باقسام، مەن شياۋمى 3 يانفۇنىنىڭ ئورگان رومىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆزۈم كەملەپ قاپتۇ دەپ قارىغان ھۆججەتلەرنى ئاشۇ رومدىن ئايرىپ ئېلىپ، روت ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق يانفۇنۇمنىڭ ئوخشاش ئورنىغا كۆچۈرۈپ قويسام، مەسىلە ئوڭشىلارمۇ؟ قارا قۇيۇقلا قول سېلىشتىن قورقۇپ قالدىم. بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلا. ياكى بولمىسا ئاشۇ كەملەپ قالغان ھۆججەتلەرنى يانفۇنغا ئۆلچەملىك ئۇسولدا قاچىلاش ئۇسولىنى ئۈگىتىپ قويسالارمۇ مەيلى. ئالدىنئالا رەھمەت دىگەچ تۇراي، رەھمەت.





»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

akbulut يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:16:08

alim0908 يوللىغان ۋاقتى2015-3-4 14:35
مېنىڭ تەكلىۋىم،قولىڭىزدىكى ساختا مالنى دەرھال ئېلىشى ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، كەچۈرۈڭ، مەن ساختا مال بىلەن خەققە قارا سانايدىغان ئىشنى پەقەتلا قاملاشتۇرالمايمەن. بۇ يانفۇن قولۇمدا سېسىپ كىتىدۇكى باشقىلارغا ئۆتمەيدۇ. ئەمما تېمامغا دىققەت قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.

ئ‍ەلبىك يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 11:25:31

مەن بىلمەيدىكەنمەن

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

dana2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 12:03:07

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، تاغتۇرا شىياۋمى 3 بىلەن ھەقىقى شىياۋمى 3نىڭ سېستىما ۋە سېستىما ھۆججەتلىرى ئەسلا ماس كەلمەيدۇ،سىز ئاۋۋال تېلېفونىڭىزنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم نەرسلىرىڭىزنى زاپاسلىۋېلىپ زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇپ بېقىڭ،يەنە بولمىسا قولىڭىزدىكى تاغتۇرا شياۋمى 3 نىڭ رومىنى تېپىپ قايتا يېزىپ بېقىڭ.

akbulut يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 13:01:15

dana2013يوللاش半小时前ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، تاغتۇرا تاغتۇرا شياۋمى3نىڭ رومىنىمۇ تاپقىلى بولامدۇ؟ بۇنى ئويلاپ باقماپتىمەن. قانداق تاپقىلى بولا؟

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

چۇمۇلەم يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 13:09:51

شاۋمى3نىڭمۇ جاسى بارما؟ئاڭلىمغانلا گەپكەن بۇ،سىز نەچچە پۇلغا ئالغان؟(ھەي جۇڭگۇ چىلىق)

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

dana2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 13:38:48

akbulut يوللىغان ۋاقتى2015-3-4 13:01
تاغتۇرا شياۋمى3نىڭ رومىنىمۇ تاپقىلى بولامدۇ؟ بۇنى ئوي ...

تېلېفونىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تولۇق قالدۇرۇڭ،مەن سىزگە ياردەم قىلىپ ئىزدەپ باقاي

dana2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 13:42:00

چۇمۇلەم يوللىغان ۋاقتى2015-3-4 13:09
شاۋمى3نىڭمۇ جاسى بارما؟ئاڭلىمغانلا گەپكەن بۇ،سىز نەچچ ...

ھەي ........قېرىندىشىم، ھازىر بىر نەرسىنىڭ ھەقىقىسى چىقىپ بولغىچە جارى چىقىپ بولىۋاتىدۇ،ئالما 6 چىقىپ بولغىچە ماۋۇ خەق ئالما6 mini دەپ بىرنى ياساپتۇ،5c نىڭ ئاساسى تاختىسىنى سېلىپلا.................بىلمىگەنلەر مۇشۇنداق چۈشۈپ كىتىۋاتماقتا..................شۇڭا تېلېفون سېتىۋالغاندا كۆپرەك دىققەت قىلڭلار!

aksupi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 14:15:46

زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇڭ

alim0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 14:35:13

مېنىڭ تەكلىۋىم،قولىڭىزدىكى ساختا مالنى دەرھال ئېلىشىغا سېتىپ،ھەقىقى تېلفوندىن بىرنى سېتىۋالسىڭىزلا،تەلتۆكۈس ئوڭشىلىپ كېتىدۇ،بۇ ئەڭ ياخشى ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇل……

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

saber099 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 14:51:45

aksupi يوللىغان ۋاقتى2015-3-4 14:15
زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇڭ

زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇردۇم دەپ يېزىقلىق تۇرمامدۇ تىمىنى ياخشى ئوقۇڭ بۇرادەر

akbulut يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:12:24

dana2013 يوللىغان ۋاقتى2015-3-4 13:38
تېلېفونىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تولۇق قالدۇرۇڭ،مەن سىزگە ...

ئۇنداقتا سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان ئوخشايمەن. تېلىفۇن: 18009958924ياكى 18999040775، ئۈندىدار، چ چ: ئوخشاشلا 1916769022، ئىسمىم: مەڭسۇر

rixtam يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:30:20

    تىلگىراف   نۇسخىسىمۇ   نىمە
»»»:ئالپ ئايفون تېرمىنالىدا يېزىلغان

tanha8828 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 17:02:24

تىلفۇن ساختا بولغان بىلەن recovery ساختا چىقمايدىغان ئىشمۇ بامىكەن تېخى ؟
مەن گۈرۈچ تىلفۇنلارنىڭ ساختا ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل recovery غا كىرىپ كۈرۈش دەپ ئويلايتتىم.
قارىغاندا بۇنىڭغىمۇ ئىشەنچ قىلغىلى بولمىغۇدەك...

akbulut يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 17:02:54

rixtam يوللىغان ۋاقتى2015-3-4 15:30
تىلگىراف   نۇسخىسىمۇ   نىمە
»»»:ئالپ ئايفون تېرمىنالى ...

شۇنداق، تىلگراف نۇسخىسى
بەت: [1] 2 3
: 小米يانفۇنىدا wifi ئچېلمىدى، ياردەم قىلساڭلار