alip يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 00:17:29

بىلىم ئۇيغۇرغا تارالسۇن

ئامېرىكىدا دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەن تۆت نەپەر ئۇيغۇر ياش 2015-يىلى 1-ئايدا باشنى بىر يەرگە قوشۇپ ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم تارقىتىشنى كۆزلىگەن كارۋان بىز گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق. بىز ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا تونۇشۇپ دوستلاشتۇق ۋە ھەممىمىز ئالدىنقى 2 يىل ئىچىدە دوكتورلۇقنى تاماملاپ زېممىمىزگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن ئاتلاندۇق. «يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس، چىڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دەيدىغان ئەجدادلار ئۈگۈتى بىزگە ھەمكارلىقنىڭ مۇھىمىلىقىنى تونۇتىدۇ. بىز ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە مەيلى دىيارىمىزدا ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بولسۇن، ۋە ياكى چەتئەللەردە بولسۇن، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن دۇنياغا تونۇلغان ئالىملارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىققانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇق. نۇرغۇنلىغان پىشقەدەم تۆھپىكارلار ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم تارقىتىشقا زور كۈچ چىقاردى، بىز ئۇلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز ۋە بىزگە ئۈلگە بولغان ئۇستازلارنىڭ ئىزىنى بېسىشقا تىرىشىمىز.

http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201502/21/103338wdlqt4xx4vl74kjr.jpg.thumb.jpg

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىلمىي كەيپىيات بارغانسېرى قويۇقلاشماقتا ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا يۈكسەك بىر ئىلىم ئىگىلەش قىزغىنلىقى قوزغالماقتا. بىز بۇ يېڭى يۈزلىنىشلەردىن چەكسىز شادلىقىمىز ۋە مۇشۇ يۈزلىنىشنىڭ بىر قىسمى بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەپسۇسكى، خەلقىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پەقەت ئۇيغۇر تىلىدا پەن-مائارىپ بىلىملىرىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى، دۇنياۋى ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى تونۇشتۇرىدىغان مەتبۇئاتلار يوق دېيەرلىك. بۇ ساھەدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان كىتابلار ياكى توردا ئېلان قىلىنغان ماقالە-ئەسەرلەر يەنىلا سان جەھەتتە ئاز ۋە سۈپەت جەھەتتە ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ھەر خىل كەسىپلەردىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇشتا ئىمكانىيىتى بار كىشىلەر باشقا چوڭ تىللارغا تايانماقتا. ئۇيغۇرچە كىتابلار يېڭى بىلىم، يېڭى ئىدىيىلەرنى تارقىتىشتا نىسبەتەن كەينىدە قالغانلىقىدەك رېئاللىق ھەتتا بەزى زىيالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇماسلىق تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا سەۋەب بولدى. بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز ۋە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۆز كەسپىي ساھەيىمىزدە بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشىمىز.

نۆۋەتتە تور دۇنياسى بىزگە چەتئەلدە تۇرۇپمۇ دىيارىمىزدىكى كىشىلەر بىلەن سىردىشىش ۋە ئۆز بىلىملىرىمىزنى يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى. بىز تەبئىي پەن دوكتورلىرى بولۇشىمىزغا قارىماي، ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى ۋە باشقا ئاممىباب بىلىملەرنى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ ياكى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىشنى ئۆزىمىزگە ۋەزىپە قىلدۇق. بۇ خالىسانە ئەمگەك مېۋىلىرىمىزدىن ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈشتە بىزنى زور كۈچ، مەدەت ۋە ئەمەلىي ياردەم بىلەن قوللىغان ئىزدىنىش تورى ۋە ئوكيان تورىغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

بىز يېقىندا كارۋان بىز گۇرۇپپىسى ئىگىدارچىلىقىدا ئوكيان تورىدا «بىلىمدان» تور ژورنىلىنى تەسىس قىلدۇق ۋە ئوكيان تورى ئارقىلىق بۇ ژورنالنى ئايدا بىر سان تارقىتىمىز. بۇ ژورنالنىڭ تۇنجى سانى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوكيان تورى «بىلىمدان» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنىدۇ. «بىلىمدان» تور ژۇرنىلى ئاممىبابلىق، ئىلمىيلىق، يېڭىلىققا ئىگە بولۇش، قىزىقارلىق بولۇش قاتارلىق تۈپ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن دۇنيادىكى ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى، يېڭى ئىدىيەلەر، قىزىقىشىڭىزنى زەرەتلەيدىغان ئۆزگىچە قاراشلار بىلەن ئاممىباب ئۇيغۇر تىلىدا سىزگە ئىلىم-پەننى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بېرىدىغان يېقىن سىردىشىڭىز بولۇپ قالغۇسى.

بۇنىڭدىن باشقا، بىز ئىزدىنىش تورىدا «كارۋان بىز» سەھىپىسىنى تەسىس قىلدۇق (http://karwanbiz.izdinix.com). «بىلىمدان» نىڭ ھەر ئايلىق سانلىرى ئىزدىنىش تورىدىكى «كارۋن بىز» سەھىپىسى ئاستىدا ھەپتىگە بۆلۈنۈپ ئېلان قىلىنىدۇ. مەزكۇر سەھىپە ئارقىلىق سىز گۇرۇپپىمىزدىكى «كارۋانلار» بىلەن بىۋاسىتە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيسىز. كارۋان بىز گۇرۇپپىمىز زورىيىپ بارىدۇ ۋە ئادەم كۈچىمىز يېتەرلىك بولغاندا كۈندە دېگۈدەك سىزنى يېڭىلىقلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ تۇرىمىز. بۈگۈندىن باشلاپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىزدىنىش تورىدا كارۋانلىرىمىز بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇڭ ۋە ئۇلار نېمە دەيدۇ ئاڭلاپ بېقىڭ. كارۋان بىز سىزنى ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدۇ. ئارزۇيىمىز - بىلىم ئۇيغۇرغا تارالسۇن!

                           
ھۆرمەت بىلەن:
                                          كارۋان بىز گۇرۇپپىسى

بىلىمدان تور ژۇرنىلنىڭ بىرىنجى سانىنى چۈشۈرۈش ئادېرسى: http://eser.okyan.com/Bilimdan/
مەنبەسى: http://karwanbiz.izdinix.com

ilterish يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 02:15:18

رەھمەت سىزلەرگە ، سىزلەرگە ئافىرىن ، يوللىرىڭىز ئۇچۇق ، داغدام بولغاي
ئالپكا سىزگىمۇ رەھمەت

ئەلى886 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 07:51:09

بەك ياخشى ئىش بوپتۇ.سىلەرگە ئاپىرىن.

来自:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

ئەسكەر0 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 09:18:37

alihan3 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 09:22:46

سىلەرگە ئاپىرىن قېرىنداشلار

axek886 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 09:54:22

رەھمەت سىلەرگە بەك ياخشى ئش بۇپتۇ

来自:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

بارى يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 09:59:58

يوللىرىڭلاردىن گۈللەر ئۈنگۈسى، تەشەككۈرلەر بولسۇن

来自:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

subat786 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 11:45:51

يانفۇن نۇسقىسىنىمۇ چىقىرامۇ؟

来自:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

subat786 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 12:02:51

لېكىن يىڭىلىق دەپلا چىقاماي ئانچە مۇنچە تاللاپ چىقاساسەل پەل دىققەت قىلسا بولغۇدەك
http://pic1.motnt.com/4632/4727/201503/20150302120246_54f3e0e62b4d4.jpg


来自:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

alip يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 13:53:07

subat786 يوللىغان ۋاقتى2015-3-2 12:02
لېكىن يىڭىلىق دەپلا چىقاماي ئانچە مۇنچە تاللاپ چىقاسا...

نېمىگە دىققەت قىلىدۇ؟ ماقالىنى تەپسىلى ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ.

subat786 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 14:16:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   subat786 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-2 14:17

alipيوللاش21分钟前نېمىگە دىققەت قىلىدۇ؟ ماقالىنىتېخى تەپلىسى كۈرۈپ بۇلالمىدىم.


来自:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

tanha8828 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 16:40:03

قۇتلۇق ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىلەر ... ئاپىرىن...
ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇقۇتلۇق بۇلىشىغا تىلەكداشمەن.

Mupattix يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 19:52:23

ناھايتى ياخشى ئىش بوپتۇ ، ئالىملىرىمىز كۇپەيسۇن ، باسقان ئىزلىرىڭلاردىن گۈل ئۈنگەي

来自:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

جاھاندار يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 20:32:46

.ئاپىرىن.   يارايسىلە ئەزىمەتلەر

subat786 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 20:44:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   subat786 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-2 20:45

alipيوللاش7小时前نېمىگە دىققەت قىلىدۇ؟ ماقالىنىمەزمۇندا مەسىلە يوقكەن.
مەن ئالدىراقسانلىق قىپتىمەن.

来自:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
بەت: [1] 2
: بىلىم ئۇيغۇرغا تارالسۇن