قوش كارتا تېلفۇن ساختا مالمۇ ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەخلاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-28 01:00ئەسسالامۇ .ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى ئامانمۇ سىلەر كەمىنە ئەخلاقتىن ئاللاھنىڭ بولسۇن ئارام كۈنۈڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۇن
تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالىپقا كىرگۈدەك تۈزۈك ۋاقىتمۇ چىقماي قالدى بۈگۈنمۇ شۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن خوش
ئالىپنىڭ ئەزالىرىنى 80% ئاندىرويىد سېستىمىلىق تېلفۇن 60% قوش كارتىلىق تېلفۇن ئىشلىتىدۇ (بۇ مىنىڭ كۆز قارىشىم)ھەم ئالىپ تورىدىمۇ كۈپىنچە تېلفۇن سودىسى بۇلۇپ تۇرىدۇ مەن شۇنىڭغا دىققەت قىلىمەنكى كۆپلىگەن تورداشلار قوش كارتىلىق تېلفۇنغا قىززىقىدىكەن ھەم قوش كارتىلىق تېلفونلارنى سەل ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدىغان ئىشلار كۆپكەن ئۇنداقتا تورداشلار، ئۇستازلار مەن شۇنى سۇراپ باقاي قوش كارتىلىق تېلفۇن ھەقىيقى مال (جىڭپەر) چىقامدۇ ؟
كۆپلىگەن تورداشلار يەنىلا ‹‹ھەئە چۈنكى بۇ ماركىلىق ماللار ›› دەپ جاۋاپ بىرىدۇ
مەن ئۆز كۆز قارىشىمنى سۆزلەشتىن بۇرۇن ئىككى مىسال كۆرسىتىپ ئۆتسەم :
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق ئالما شىركىتى ھازىرغىچە ئىشلەپ چىقارغان تېلفۇنلىرىنىڭ ھېچقايسىسى قوش كارتا تۇنۇمايدۇ
شىياۋمى ھەم سونى شىركىتىنڭ تېلفۇنلىرىمۇ ئاساسەن شۇنداق (قوش كارتىلىق تېلفۇنلىرى بەك ئاز)
شۇنڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى قوش كارتىلىق تېلفۇن تېلفۇننىڭ ئىلغارلىقى بولماستىن بەلكى ئۇچىنجى تەرەپ كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى
.ئەگەر سىز iosسېستىمىسنى ئاندىرويىد سىستىمىسىغا ئوخشاش كودىنى يىشىپ چىقىپ خالىغانچە تەڭشىيەلىگەن بولسىڭىز ئەلۋەتتە ئالما تېلفۇنڭىزنىمۇ قوش كارتا قىلالىغان بۇلاتتىڭىز
تېلفۇن تاق كارتىلىق قىلىپ لاھىيالىنىپ بولغاندىن كىيىن كەسىپ ئەھلىلىرى تېلفۇننىڭ ئاساسى تاختا(جۇبەن) قىسمىغا بۇرۇنقى كارتا سىم يۇلىغا يەنە بىر قاتار سىم ئۇلاپ يەنە بىر كارتا تۇنۇيدىغان كاتەكچە ھاسىل قىلىدۇ سىستىما خاككىرلىرى ئاندىرويىد سېستىمىسىنى يىشىپ ئۇنىڭ سېستىمىسغا قوش كارتىنىڭ سېستىمىسىنى ئۇقۇتۇپ سېستىمىنى يەنىمۇ مۇكەمملەشتۇرۇپ بولاقلاپ تەييار قىلغاندىن كىيىن تېلفنغا قاچىئلاپ نۇرمال بىر قوش كارتىلىق تېلفۇن ھاسىل قىلىپ چىقىدۇ
كۆپچىلىك ئىسىڭلاردا بارمىكىن ئادەتتە ئۈستەل كومپىيوتىر ئىسلىتىدىغان تورداشلار بەلكىم بىلىشى مۇمكىن بۇرۇنقى ئۈستەل كومپىيوتىرلىرىغا قاتتىق دىسكىنىڭ كەڭ سىملىقىنى سالاتتى ئادەتتە كۈپىنچە ئانا تاختىلاردا كەڭ سىم ئېغىزى بىرلا چىقىدۇ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈستەل كومپىيوتىرىغا نۇرتەخسە ئۈسكىنىسى (گۇاڭچۈي ) سەپلەش بەسى مۈشكۈلكىيىن چە كەڭ سىمنىڭ ئۈچ تەرەپلىكى چىقتى بۇ سىم بىلەن قاتتىق دىسكا ھەم ئۇر دىسكىسىنى بىراقلا ئانا تاختىغا تۇنۇتۇش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى
قوش كارتىلىق تېلفۇننىڭ ئىشلىنىش پىرىنسىپىمۇ ئاساسەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدۇ
بىراق تاق كارتىلىق تېلفۇنلارغا سېستىمىنىڭ ئەسلى يادروسى ئۆزگەرتىلمىگەن ئاساستا ئەلالاشتۇرۇلۇپ قاچىلىنىدۇ بۇنىڭدا سىستىمىنىڭ يادرو خىزمىتى نۇرمال سېستىما مۇقىم بۇلىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن تاق كارتىلىق تېلفۇنلار بىر قەدەر ياخشى تاللاش بۇلالايدۇ
ئەمدى قوش كارتىلىق تېلفۇننىڭ ساختا ياكى ھەقىيقىلىكىگە كەلسەك :
تېلفۇنىڭ بەلكىم ساختا ئەمەستۇ بىراق ئىسىڭىزدە شۇنىسى ئىنىق بولسۇنكى قوش كارتىلىق تېلفۇنلارنىڭ سېستىما مۇقىملىقى ھەم يادروسى ھامان تاق كارتىلىق تېلفۇننىڭكىدىن تۈۋەن بۇلىدۇ
خوش تىمامنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي قالغىنى تورداشلارنىڭ چۈشەنچىسىگە باغلىق
بۇ جەرياندا ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولغان توردىشىمىز تەنھا بۆرە ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن
تىما تەييارلىغۇ چى سەلتەنەت ئۈندىدار سالونىدىن: ئەخلاق
سەلتەنەت ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىپ ھەر كۈنى يىڭىلىق مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بۇلۇڭ
.ئىزدەش نۇمۇرى :uysaltanat
ياكى تۈۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاش ئارقىلىق قۇشۇۋالسىڭىز بۇلىدۇ
سەمىيمى ئەسكەرتىش : مەزكۇر تىما پەقەت ۋە پەقەت ئالىپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ۋە سەلەتەنەت ئۈندىدار سالونىغا تەۋە باشقا ھەر قانداق تور بىكەت،بىلوگ، ۋە ئۈندىدار سالونلىرىدا ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تارقىتىش قەئى مەنئى قىلىنىدۇ سىز گە ئازراق رەدىيە بىرەي، ھەقىقى ماركىلىق تېلفۇنلارغا باشقىلارنىڭ پاتىنتىنى ئوغىرلاپ ياسىغان شىياۋمىنى ( چۈنكى ئۇنىڭ ئۈزى ئىجات قىلغان پاتىنتىيوق دىيەرلىك، ھەممىسى ئوغىرلانغان،شىياۋمىنى ئاجايىپ ئىسل تېلفۇن دەپ بىلجىرلىماي ماتىريال كۆرۈپ سۆزلەڭ) مىسال ئالغىنىڭىز قىزىق، بۇ خۇددى نەسىللىك ئسىل ئارغىماقنى سۆزلەۋېتىپ قېچىرنى مىسالغا ئالغاندەك ئىش بوپتۇ،قوش كارتىلىلىق سامسۇڭ، سونىي قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا مۇشۇ شىركەتلەر خاككىرلارنىڭ سىستىمىنى بۇزىشىنى ساقلاپ ئولتۇراما، سىز سامسۇڭ گوروھى دىگەننى چۈشىنەمسىز، سونىي ئىلىكتىرونى دىگەننى چۈشۈنەمسىز، نەھھە مىڭ سوملۇق قوش كارتىلىق ئىسىل ماللارننى ئىشلىتىپ بېقىڭ، نەچچە يۈز سوملۇق قوش كارتىلىق تېلفۇن ئارقىلىق تىما يېزىپ ئولتۇرماڭ مىكروسوفىتنىڭ قوش كارتىلىق تېلفۇنى دەپ ئاڭلاپ باققانمۇ، ئۇلارمۇ خاككىرلارنىڭ بۇزۇپ بىرىششى ئارقىلىق ئاندىن قوش كارتىلىق تېلفۇن ياساپتۇدە،تىما يازغانلارغا قارشى ئەمەسمەن، لېكىن ماتىريال كۆرۈپ ئاندىن باشقىلارغا پايدىسى يەتكۈدەكتىما يازايلى، كۆپرەك ماتىريال كۆرەيلى، تېخمۇ كۆپرەك ماتىريال كۆرەيلى ئالما تىلفوننى تىلفونلارنىڭ راس ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى ئايرىشقا ئۆلچەم قىلىۋالساق تازا ياخشى بولماسمىكى. ئالما قوش كارتا چىقاماسلىقىدىكى سەۋەپ چەتئەللەردە قوش كارتىغا بولغان ئىھتىياجى يۇقىرى ئەمەس. ئەمما دۆلەت ئىچىدىكى ئىھتىياج بىرقەدەر يۇقىرى ،شۇڭا نۇرغۇن چوڭ شىركەتلەر بەس ــــ بەستە قوش كارتىلىق تىلفونلارنى بازارغا سالدى. بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە قوش كارتىلىق ئالما ئىشلىتىپ قىلىشىمىزمۇ مۇمكىن ،بۇ پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى. دەلىل ئىسپاتسىز، شەخىسنىڭ ھېسىي گەپلىرىكەن. سامسۇڭنىڭ ئىگە تەرەپتىن چىقارغان قوش كارتىلىق، مۇقىم ئىشلەيدىغان يانفونلىرى بار.
1900-يىلنىڭ باشلىرىدا ھەج قىلىش سەۋەبىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ كىرگەن بىر كىشى نەۋرىلىرىگە چەتئەلدە تۆمۈر يولدا ماڭىدىغان ئات قوشمايدىغان ھارۋا باركەن دەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ، شۇ نەۋرىلەر بىر كۈنى يول بويىدا ئويناۋاتسا توپا يولدا ئات قوشمايدىغان تۆت چاقلىق بىر نەرسە مېڭىپ يۈرەرمىش. يۈگرەپ كىرىپ بوۋا سەن ئات قوشمايدىغان ھارۋىنى تۆمۈر يولدا ماڭىدۇ دەۋاتاتتىڭ، ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىدىكى توپا يولدىمۇ ماڭىدىكەنغۇ دېسە، بوۋىسى ياق مۇمكىن ئەمەس دەپ ھەرگىز ئىشەنمەپتۇ. ئۇ بوۋاينىڭ ئىشەنمىگىنىگە، يالغان دېگىنىگە ئۇنىماي تۆمۈر يولدا ماڭمايدىغان ماشىنلار ئائىلىگە بىردىن دېگۈدەك ئومۇملىشىپ كەتتى. قوش كارتاتېلفون جىڭپەر ياكى زاپەربولىشىمۇھىمئەمەسئېشلىتىلىشپايدىلىنىش ئۈنىمى يائىئىبولسىلابولدى گەپ ئېشلەتكۈچىنىڭ ئېتىياجىغا باغلىقيانفون تېخنىكىكسىتەرەققى قىلىۋاتقان بۇزاماندا بىر تېلفوننى3 يىل 4 يىل ئېشلىتىشنىڭمۇ ئورنىيوقئۇنىڭ ئۈستىگە دەسلەپ چىققانيانفونلار قازىر چىققان ھازىر چىققان يانفونلار كەلگۈسىدە چىقىدىغان يانفونلارنىڭ ئورنىنىباسالمايدۇ
ئەمماتېلفونھەرقانچەتەرەققكەقىلسۇنcpu字库电源 攻防icمۇنۇنەرسىلەرنىڭبىرسى كامبولىدىكەنئۇ تېلفونتېلفونبولالمايدۇ ئىگە تەرەپتىن ئالغان قوش كارتىلىق تېلفۇنلارمۇجىڭ چىقدۇ ، ھەرگىز زاپەر ئەمەس ،ئالما بىلەن ئاندىروئىدنىڭ پەرقى بىرسىنىڭ ئۇچۇق كود ، يەنە بىرسىنىڭ يېپىق كود بولغانلىقدا ،ئۇچۇق كود ئاندىروئىدنى شەخىسلار خالغانچە ئۆزگەرتىپ ئۆز قاياشىغا ئاپىرالايدۇ ، شۇڭا بەزىدە قېتۋېلىش كۈرلۈپ قالدۇ ،يېپىق كود ئايفوننى شەخىسلەر يېشەلمەيدۇ ، شۇڭا قاتمايدۇ ،
تىما ئېگسى سىز ئۇنداق قارىسڭىز چورتلا خاتا ،بەلكىمجىڭ بىلەن جانىڭ ئارلىقدىكى ئەرجاڭزاساقتا تېلفۇن ئەپ قالغان ئوخشايسىز ،جانىغۇ قاراپلا بىلگىلى بولدۇ ، دەششەت ئوخىشتىپ ياسالغان بىر قاراشتا پەرىقلەندۈرگىسىز مالنىمۇ تۇتۇپ كۈرۈپلا مىنۇت ئىچدەجىڭ جالىغنى ئايرىۋالغىلى بولدۇ ،
ھەرگىز بىر كارتىلىقنىڭ جىڭ ، قوش كارتىلىقنىڭ جا بولدىغان ئىشى يوق ،
ئالمىغا كەلسەكئالما تېخنىكىسنىئەڭ زور دەرىجىدە پۇل قىلىش ئۈچۈنقوش كارتا تېخنىكىسنى تېخى قوللانمىغان گەپ ، ئەپلىرنىڭمۇ تولىراقى ھەقىلىق ،گوگىلدەك ھەقسىز قىلىشقا چىدمايدىغانچېفى ،
بىر زامانلاردىن كىيىن جوبىسمۇۋىندوۋس پونۋە ئاندىروئىدقايىتشەلمەي قوش كارتىلىقئايفون 8 ، 9 لەرنى بازاغا سالسائۇ چاغدائەقلى كىچىكلەر ئايفونمۇ جالىشىپ كەتتى دەپۋايسىغلى تۇرسا ! �ھېھېھې
ئادەم جالىشىپ كىتپارسا ، ئادەم قىغان نەرسە جالاشمامتىكى…… nuer0997 يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 12:08
توغرا دەيسىز ، دۆلىتىمىزدە يانفون كارتىسى ئېھتىياجى...
مەن دىمۇ 3 خەۋەرلىشىشنىڭ 3تال كارتىسى بارھىچقايسىنى تاشلىۋاتكىم كەلمەيدۇ شۇڭا 2تال تىلفۇن ئىشلىتىۋاتىمەن شۇ ئىپ يۈرۈشكە قۇلايسىز .ھەممىمىزگە مەلۇم تورنىڭ ئۇمۇملىشىشقا ئەگىشىپ كىشلەرنىڭ ئىھتىياجى ھەر خىل بولماقتا بىرلا خەۋەرلشىشنىڭ كارتىسىنى ئىشلتسەك بەزىدە ئىتىياجمىزدىن چىققاندەك قىلغان بىلەن يەنە بەزدە ھاجىتىمىزدىن چىقالمايدۇ شۇنىڭ بىلەن 2...3 تال كارتا ئشلىتىمىز .ئەگەر مەندەك 3تال كارتا .ئىشلەتكەنلەر بىر كارتىلىق تىلفۇن ئىشلەتسەك ئۇنداقتا 3تال تىلفۇننى ياندا ئىپ يۈرۈشكە توغرا كىلدۇ .
ئاھ مىنڭ جىڭپەر ماركىلىق تىلفۇنۇم دەپ 3تال تىلفۇننى يانچۇقتىن چىقارساق بۇنىڭغانىمى دىگۈلۈك :lol:lol:lol.
تىلفۇن ياساش كارخانىلىرى بۇ نى ئويلاشماي قالارمۇ .شۇڭا قۇش كارتىلىق تىلفۇنلار ساختا ،يالاڭ كارتىلىق تىلفۇنلار جىڭدىگەن قاراشنى مەن قوللىمايمەن ....... سىزنىڭ دىگىنىڭىزدىكىدەك قوش كارتىلىق تېلېفونلارنىڭ سېستىما ۋە يادروسى تاق كارتىلىقنىڭكىدەك مۇقىم ئىشلىمەيدۇ، بۇنىسى ئېنىق،مۇشۇنىڭغائاساسلىنىپلا ھۈكۈم چىقارساق سامسۇڭنىڭ قوش كارتىلىق تېلېفونلىرى ساختىكەندە ................سونىينىڭمۇقوش كارتىلىق تېلېفونلىرى خېلى بار ھازىر،ناۋادا ئالما شىركىتى قوش كارتىلىق تېلېفون ياساپ بازارغا سېلىپ قالسا ئۇمۇ ساختا بولامدۇ؟ شىياۋمى بۇ قېتىم بازارغا سالغان شىياۋمى نوتې (شىياۋمى5)يانفونىمۇ قوش كارتىلىق ،بۇمۇ ساختىمۇ؟ سىز ئۇنداقتا شاۋمى سونىيدىن باشقا قوش،كارتىلىق تېلفۇنلار جىڭ مال ئەمەس دىمەكچىمۇ ؟ ياكى باشقا سەۋەپلەرمۇ بار مۇ ياخشى تىما بۇپتۇ، رەھمەت
توغرا قۇش كارتىلىق تىلفۇن ساختا چىقىدۇ
بۇ پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشى ھە ھېسسىي تۇيغۇسى خالاس...سىزچە بولغانداتاق كارتىلىق تىلىفۇنلارنىڭ ھەممىسى جىڭ.قوش كارتىلىق تىلىفۇنلانىڭ ھەممىسى ساختا شۇنداقمۇ؟ شاۋمىنىڭ بۇ نۆۋەت بازارغا سالغان شاۋمى نوتا يانفونى قوش كارتىلىق ، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuer0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-28 12:11
almas1992 يوللىغان ۋاقتى2015-2-28 11:59
ئالما تىلفوننى تىلفونلارنىڭ راس ياكى ساختا ئىكەنلىكىن ...
توغرا دەيسىز ، دۆلىتىمىزدە يانفون كارتىسى ئېھتىياجى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدۇ . تېخى ئاز قالدى 5 كارتىلىق يانفوننىمۇ كۆرىدىغانغا .
قوشۇلمايمەن،
سەۋەبى سامسۇڭ يانفۇنلىرى،
قولىمىزغا تەگكەن سامسۇڭ يانفۇنلىرى ساختا بولسۇن، ئاخبارات ۋاستىلىرى تېخى چىقمىغان يانفۇن ئۈچۈن يالغان خەۋەر تارقاتمايدىغاندۇ. ماۋۇ بالا جۆيلۈگەندەكلا گەپ قىلىپ قاپتۇ. بۇرۇن كۇنۇپكىلىك تىلفۇنلانىڭقوش كارتىلىقىنى زاپەرتاق كارتىلىقنى جىڭپەر دەيتۇق ،،،،Androidسېستىملىق تىلفۇنلا قانداقكىن تاڭ،،،،، . بۇ مىنىڭ ئۈزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرى خالاس
مەن كۆپلىەەن تېلفۇنلارنى ئىشلىتىپ باقتىم قوش كارتىلىق تېلفۇنلارنىمۇ ئىشلەتتىم تاق كارتىلىق تېلفۇنلارنىمۇ ئىشلەتتىم بىراق قوشكارتىلىق تېلفۇنلارنىڭ سېستىمىسى تاق كارتىلىق تېلفۇنلارنىڭكىدەك مۇقىم ئىشلىمەيدىكەن بۇ پەقەت ئۈزۈمنىڭ ھىس قىلغانلىرى