discuz نىڭ ساندانىنى توغىرىلاش
ئەسسالام دوستلار ، ئىمتىھانلارنى ياخشى بېرىۋالدىم،(ماتىماتىكا سەل تەسرەك چۈشۈپ قەپتۇ ھە، ھى ھى...) ئەمدى ئىشلارنى باشلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن. ئېلان قىلىدىغان توربېكەتنىڭ discuz مۇنبىرىنى تەڭشەۋېتىپ مۇنداق بىر مەسىلىگە يولۇقۇپ قالدىم ۋە بىر تەرەپ قىلدىم. بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تورداشلار بىلەن بەھىرلىنەي.مەسىلە: discuz نىڭ ساندانىنىڭ نامى ئۆزگەرگەنلىكتىن نورمال ئۇلانمايدىغان بولۇپ «سانداننى مۇلازىمېتىرغا ئۇلاشقا بولمىدى» دېگەن خەت چىقىدىغان بولۇپ قېلىش.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: قەدەملەر:
1.مۇنبەر قاچىلانغان باش مۇندەرىجە ئىچىدىكى config ھۆججەت خالتىسىنى ئېچىڭ؛
2.ھۆججەت خالتا ئىچىدىكى config_global.php قاتارلىق تۆت ھۆججەتنى كومپىيوتېرىڭىزغا چۈشۈرۈڭ؛
3.config_global.php ھۆججىتىنى txt ھالەتتە ئېچىپ تۆۋەندىكى قىممەتلەرنى ئۆزگەرتىڭ؛
// ----------------------------CONFIG DB----------------------------- //
$_config['db']['1']['dbhost'] = 'localhost';
$_config['db']['1']['dbuser'] = 'xxxx'; بۇ يەردىكى xxxx دېگەن جايغا ساندان ئابونتى نامىنى كىرگۈزۈڭ
$_config['db']['1']['dbpw'] = 'xxxx'; بۇيەردىكى xxxx دېگەن جايغا ساندان ئابونت پارولىنى كىرگۈزۈڭ
$_config['db']['1']['dbcharset'] = 'utf8';
$_config['db']['1']['pconnect'] = '0';
$_config['db']['1']['dbname'] = 'بۇيەردىكى xxxx دېگەن جايغا '; بۇيەردىكى xxxx دېگەن جايغا سانداننىڭ نامىنى كىرگۈزۈڭ
$_config['db']['1']['tablepre'] = 'pre_';
$_config['db']['common']['slave_except_table'] = '';
4.config_ucenter ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى ماس جايلارنىمۇ توغرىلاڭ
5.ھۆجەتتنى ساقلىغاندىن كېيىن مۇلازىمېتىردىكى ئەسلى ھۆججەتنى باستۇرۇۋەتسىڭىز ئىش تامام. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iwirgol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2012-6-20 23:30
بولىدىكەن رەھمەت..
تېخىمۇتىرىشىڭ..... phpتىلىمۇ بۇ تور بەت ياسايدىغان ؟ ئاددي ساۋات...لېكىن رەھمەت!~ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2012-6-21 17:09
بەت:
[1]