ئىلىكتىرماتور ئايلىنىش كونتۇروللىغۇچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-27 13:25نۇۋەتتە چوڭ تىپتىكى كارخانىلاردا ئىلىكتىرماتورلار سەرپىياتىنى ئازايتىپ توك تىجەش كۈپىنچە باش قاتۇرىدىغان بىر مەسلە بۇپ قالدى. بۇ ئىش تىلغا ئىلىنسا ئالدى بىلەن چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ 变频器 يادىمىزغا يىتىدۇ. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى باشلامچى كارخانىلېرىنىڭ تېخنىكىسىمۇ خېلى پىشىپ قالغان بولسىمۇ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولغاچقا خەجلىگەنگە چۇشلۇق ئىنىرگىيە تىجەپ بېرەلمىگەچكە كۈپىنچە ئىلىكتىرماتورنى توك مەنبەسىگە بىۋاستە ئۇلاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ شامال سۈرئىتىنى ياكى سۇ ئىقىم مىقتارىنى يۇقىرى-تۈۋەن تەڭشەپ ئىشلىتىدىغان،ئىلىكتىرماتورنىڭ سۈرئىتىنى تەڭشەپ يۈتكىلىش سۈرئتىنى كونتۇرول قىلىدىغان، ئىلىكتىرىك قاتناش ۋاستىلېرى دىگەندەك يەرلەردە ھەقىقەتەن ئازراق ئىنىرگىيە تىجەيدۇ. مەسلەن يىڭى قوزغىلىۋاتقان ۋاقىتتىكى ماشنا بەك كۈچەپ قوزغالسا كىشىلەر يىقىپ كىتىدۇ، مۇزىكىغا ئەگىشىدىغان فونتانلاردا، تەۋرىنىش كۈچىنى كونتۇرول قىلىدىغان ئەسلىھەلەردە ۋە بىر قىسىم ئىسسىنىش- سۇۋۇۇشسېستىمىلېرىدا ئىتىلىپ چىقىش كۈچىنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى مۇشۇ خىل ئۈسكىنىلەردە كونتۇرول قىلىدۇ. بۇ نەرسىنىڭئىش پىرىنسىپى تەتۈر ئۆزگەرتكۈچكە ئۇخشايدىغان بۇلۇپ، ئاستا ئايلانغاندا يەنە DC_DC توك يۇلىغا سەل ئۇخشاپ كىتىدىغان ئىنىرگىيە تىجەش رولىمۇ بار. ئادەتتە ئىلىكتىر بىسىمى مۇقىم بولسىمۇ ئىلىكتىرماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلانقاندا ھەم چاستوتىنى تۈۋەنلىتىدۇ ھەم بىرلا ۋاقىتتا ئىلىكتىرماتورغا تەمىنلىنىدىغان توك بىسىمىنىمۇ ماس تۈۋەنلىتىپ ماڭىدۇ. شۇڭا ئاستا ئايلاندۇرغاندا يەنى ئەسلى قۇۋۋىتىدىن قانچە ئاز قۇۋۋەت چىقارغاندا ياكى يېرىم قۇۋۋەتتە ئىشلىگەن چاغدا توك بىسىمىنى تۈۋەنلىتىش ھالىتىدە ئىنىرگىيە تىجەش رولى بار. ئەمما كۈپىنچىسى مەخسوس ئىلىكتىرماتور ئىشلىتىدۇ، ئادەتتىكى ئىلىكتىرماتورلارنىڭ ئىزۇلياتسىيە ئىقتىدارى چاستوتا ئۆزگەرتكۈچكە ماس كەلمەيدۇ، چۇنكى چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ يۇقىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىش يەنى ئىشچى دۇلقۇنى ئىش ئىشلەش ۋاقتىدا مەنبە بىسىمىدىن يۇقىرى بولغان پەيتلىك بىسىم ھاسىل قىلىدىغان بولغاچقا ئادەتتىكى ئىزۇلياتسەيە قەۋىتى ئۇزاق بەردەشلىق بېرەلمەيدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر خىل ئىلىكتىر ماگىنىتلىق كۈچ ئارقىلىق ئايلىنىش كۈچىنى كونتۇرول قىلىدىغان ئۇسول بار، بۇنىڭدا ئىنىرگىيە تىجەش چاستوتا ئۆزگەرتىش ئۇسولىغا يەتمەيدۇ.ئەكسىنچە ئىلىكتىر ماگىنىت مەيدانى ئارقىلىق مۇفتا بىرىكىش ياكى ئاجراش كۈچى كونتۇرول قىلىنىدىغان بولغاچقا سەل ئارتۇقچە ئىنىرگىيە سەرىپ قىلىدۇ، كۈپىنچە ماشنىلارنىڭ سۇۋۇتۇش سېستىمىسى مۇشۇ خىل ئىلىكتىر ماگىنىتلىق مۇفتا ئارقىلىق كونتۇرول قىلىنىدۇ.
مەن 2000-يىللى ئۆيدە ئىككى سىملىق 370 ۋاتلىق كوندىساتورلۇق قوزغىلىدىغان ئىلىكتىرماتورنى ئوڭ-تەتۈر سۈرئىت كونتۇروللاپ ئايلاندۇرغىلى بۇلىدىغان قىىپ باققانتىم، ئەمما ئايلىنىشىنى نەچچە يۈزگە چۈشۈرگەندە غەيرى ئاۋاز چىقىپ ياخشى ئايلانمايدىكەن، ئىلىكتىرماتور ئۇقىغا بىر چىشلىق چاق ئورنىتىپ قۇيۇپ، ماشنىلارنىڭ ئوت ئالدۇرغۇچ ماگىنىت بىشىنى شۇ چىشلىق چاققا تۇغىرلاپ ئورنىتىپ قويساق ئايلىنىش تىز بولغاندا ئىندوكسىيلىك توك بىسىمىيۇقىرىراق ھاسىل بۇلىدۇ، ئايلىنىش ئاستا بولغانچە توك بىسىمىمۇ تۈۋەن بۇلىدۇ، ئاندىن ‹‹توك بىسىم مۇقىملىغۇچ›› دىگەن تىمىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى ئىسخىمىدىكىئىلىكتىرىك رول توك يۇلىنىڭ چىقىرىدىغان سىگنالىنى ئوڭ-تەتۈر ئايلىنىدىغان ئىككىئىقىم تىزگىنلىگۈچنىڭقوزغىتىشىنى كونتۇروللايدىغان قىلىپ مۇقىم بىسىم بىلەن ئىندوكسىيلىك توكنى سىلىشتۇرسا ئايلىنىشنى رىوستات ئارقىلىق خالىغانچە تەڭشىگىلى بۇلىدىغان قىلىپ ئايلاندۇرغان. بۇ توك يۇلىنىڭ پەقەتلا ئىنىرگىيە تىجەش رولى يوق.
كەمچىلىكى؛ ئاستا ئايلىنىشتا ئېغىر يۈكتە ئىشلىگەندە ئىقىم تىزگىنلىگۈچ قىزىيدۇ ھەم تۈۋەن ئايلىنىشتىكى ئايلىنىش سۈپىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ باقمىدىم.
رەھمەت قېرىندىشىمبەك ياخشى تېمىلارنى يوللايسىزناھايتى ياخشىتېما بوپتۇ .قوللىرىغا رەببىم دەرت بەرمىسۇن. //mobcent//app/data/phiz/default/23.png
رەھمەت
//mobcent//app/data/phiz/default/23.png
بەت:
[1]