ۋىندوۋس 10 نىڭ يېڭىچە ئالاھىدىلىكى
بۇ يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى مىكروسوفت شىركىتى يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى windows10 نى ئېلان قىلدى. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسنى كومپىيۇتېر، يانفون، تاختا كومپىيۇتېر، Xbox ھەتتا تاقىۋالدىغان ئۈسكۈنىگىمۇ قاچىلاشقا بولىدۇ.windows10 نى ئېلان قىلىش يىغىندا مىكروسوفت مەشغۇلات سىستېمىسى تۈر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى Terry Myerson مەشغۇلات سىستېمىسى windows10 نىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇردى. بۇلارنى خۇلاسىلىگەندە مۇنۇلاردىن ئىبارەت.
1. ۋىندوۋىس10 ئېلان قىلىنغان بىرىنجى يىلىدا win7, win8.1 ياكى Windows Phone8.1نىھەقسىز ھالدا windows10 غا يېڭىلاشقا بولىدۇ.
2. ۋىندوۋىس 10 دا باشلاش تىزىملىكى قايتىپ كەلگەندىن باشقا Cortana ئاۋاز ياردەمچىسى قوشۇلدى. كومپىيۇتېر ۋە تاختا كومپىيۇتېردا ئاخىرى يانفونغا ئوخشاش تەبئىي ئاۋازنى تونۇش ۋە ئاۋازلىق كونترول قىلىش ئەمەلگە ئاشتى. ئىشلەتكۈچى Cortana دا ئاۋازلىق بۇيرۇق بېرىش ئارقىلىق ئاۋىئاتسىيە ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيدۇ، كومپىيۇتېردىكى ماتېرىياللارنى ئىزدىيەلەيدۇ ۋە كومپىيۇتېرنى كونترول قىلالايدۇ.
3. ئونۋېرسال ئەپ (Universal Apps) . ۋىندوۋس10 دا ئىشلەتكۈچى ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىلەردە بىر ئەپنى ئونۋېرسال ئىشلىتەلەيدۇ. مەسىلەن:Office نىڭ بالىلىرى Word、Excel ۋە PowerPoint تا بىر ئىشنى كومپىيۇتېردا قىلىپ، داۋامىنى يانفوندا پۈتتۈرۈشكە بولىدۇ. سىزىمچان ئېكرانلىق ئۈسكۈنلەردىكى Office App سىمسىز پىرىنتلاشنى قوللايدۇ.
4. پۈتۈنلەي يېڭى تور كۆرگۈ سىپارتاك (Spartan) . بۇ تور كۆرگۈ كەلگۈسىدە IE نىڭ ئورنىنى ئېلىش مۆلچەرلەنگەن. تور بەتكە خالىغانچە ئىزاھات قىستۇرۇش قاتارلىق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. يەنە Cortana ئاۋازلىق ياردەمچىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تېخىمۇ كۆپ ئالاھدىلىككە ئىگە قىلىنغان. مەسىلەن: تور بەتتە مەلۇم ئاشخانىنىڭ ئادېرسىنى ئىزدىسىڭىز Cortana ئاپتۇماتىك ھالدا شۇ ئاشخانىنىڭ خەرىتىسى، تاماق تىزىملىكى... قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
5. ۋىندوۋس 10 دىمۇ Xbox ئويۇنلىرىنى ئويناشقا بولىدۇ. بۇرۇن Xbox ئويۇنلىرىنى ئويناش ئۈچۈن Xbox ئويۇن ماشنىسى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى. ئەمدى ۋىندوۋس10 قاچىلانغان كومپىيۇتېردىلا Xbox نىڭ ئويۇنلىرىنى ئويناشقا بولىدۇ. ۋىندوۋس 10 يەنە يېڭى DirectX 12 نى قوللايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىشلەتكۈچىنىڭ CPU ۋە GPU نى تېخىمۇ كۈچلۈك كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئويۇن ئىقتىدارنى %50 كىچە يوقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.
6. ئالاھىدە چوڭ 84 سۇڭ ئېكرانلىق بىرىكمە كومپىيۇتېر Surface Hub . بۇ بىرىكمە ئۈسكۈنىگە قوش كامېرا، مىكروفون، لابا سەپلەنگەن بولۇپ، كۆپ نوقتىلىق سىزىمچان ئېكرانلىق. 4k ئۆلچىمىدە فىلىم قويالايدۇ. يەنە تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارى بار. يىغىن ئېچىشقا ناھايتى ماس كېلىدۇ، يەنە Surface Hub دىكى مەزمۇنلارنى تاختا كومپىيۇتېر ۋە باشقا كومپىيۇتېردا ھەمبەھرلەشكە بولىدۇ.
7. مەۋھۇم كۆزئەينەك HoloLens . مىكروسوفت بۇ قېتىمقى يىغىندا باشقا تاقايدىغان پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك مەۋھۇم كۆزئەينەك HoloLens نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچى HoloLensنى تاقىغاندا مەۋھۇم دۇنيانىڭ ئىچىدە رىئاللىقتا تۇرغاندەك ھېس قىلىدىكەن. يەنە 3D ئاۋاز، سۈرەت ئۈنۈمى قوشۇلۇپ ئىشلەتكۈچىنى مەۋھۇم بوشلۇق ئىچىگە ئەكىردىكەن. نۆۋەتتە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) مارس پىلانىنىڭ خادىملىرى HoloLensكۆزئەينىكى ئارقىلىق تەتقىقات قىلىشنى باشلىۋېتىپتۇ.
yesky تورىدىن تەرجىمە قىلىندى. ياخشى خەۋەركەن ،ۋىندوۋسفون10غا تېلفۇننى يېڭىلىۋالساق ھە .. كارۋەتتە يېتىپ تاپشۇرۇق ئىشلەپ كەتسەك ئۇيغۇرچە قوشۇلۇپتىمۇ، مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەۋەر شۇ ئۇيۇن ئويناش ئۈچۈن قاتتىق دىتال ئالماشتۇرمىسىمۇ بولغۇدەكتە ئۇيغۇرچە قۇشۇلغانمىدۇ ؟شۇنى بىلسەك بۇلاتتى... مىكروسوفت، ئالما، گوگېل ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدە ئاخىردا قايسىسى ئېلېكترون ساھەسىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرگۈچىسى بولار؟ قايسىسى ئاۋۋال تۈگىشەر؟ ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇمۋىن10نىڭ ھازىرقى سىناق نۇسخىسىدىمۇ xboxئۇيۇنىنى ئوينىغىلى بۇلامۇ؟ كۆلەڭگە يەتتە يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 23:37
ئۇيغۇرچە قۇشۇلغانمىدۇ ؟شۇنى بىلسەك بۇلاتتى...
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى قوشۇلدى KONA يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 23:20
ئۇيغۇرچە قوشۇلۇپتىمۇ، مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەۋەر شۇ
ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى قوشۇلدى،بىۋاستە ئۇيغۇرچە يازغىلى بولىدۇ ئۇيغۇرچە قۇشۇلغان بولسا ئىشلەتكەنلەر تەسىراتىڭلارنى دەپ بەرسەڭلار bengbash يوللىغان ۋاقتى2015-2-27 01:04
مىكروسوفت، ئالما، گوگېل ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدە ئاخىردا قا ...
ھازىرقى جەھەتتە گۇگىلنىڭتەرەققىياتى بىر قەدەر ئاستا بولىۋاتىدۇ بىراق ئاندىرۇيىد تىلىفۇنلارنى ئىشلىتىۋاتقانلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ بۇ ئىشلارنى بىلگىلى بولمايدۇ //mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/23.png
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى خوشخەۋەركەن ... مۇمكىن بولسا win8 نى مۇشۇ سېستىمىغا يېڭىلاش ئۇسۇلىنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇپ بەرگەن بولسىڭىز ... قانداق يېڭىلايمىز ... يەنە بىرسى بۇ سېستىمىنىڭ چۈشۈرۈلۈش ئادىرسىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز ؟
بەت:
[1]