مىللىي كارخانىلار تور سودىسىغا يۈزلەندى
2015-يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن رايونىمىزنىڭئىقتسادىي- سودا ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، سودا ساراي ۋە دۇكانلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سودا تۆۋەنلەپ ،خىرىدارلارنىڭ زىيارەت سانى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتتى،ھەتتا بەزى سودا سارايلار «چۆلدەرەپ» قالدى،لىكىن بۇنىڭ ئەكىسچە رايونىمىزنىڭ تور سودىسى ئۇمۇمىيۈزلۈك يۇقىرى ئىشش نىسبىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئۈندىدار ۋە توربىكەتلەردە
تور سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كۆپەيدى،توردا سېتىلدىغان ماللارنىڭ سانى تۈرى ئاشتى، توردىن مال سېتىۋالدىغان ۋە توردا بازار ئايلىنىپ توردىن سودا پۇرسىتى ئىزدەيدىغان كىشىلەر توپى مەلۇم كۈلەمنى شەكىللەندۈردى، ئۈندىدار ۋە تور سودا بىكەتلىرىدە مال سېتىپ ئايدا 2-3 مىڭ يۈەن كىرىم قىلۋاتقان مىكرو تور سودىگەرلىرىدىن باشقا مىللىي كارخانا ۋە تىجارەتچىلەرمۇ ھەرخىل تور سودا بىكەتلىرىدە دۇكان ئىچىپ ياكى ئۈندىدار سالونلىرىدا سوداقىلىپ، شىركىتىنىڭ بىۋاستە سېتىشنى ئاساس قىلغانسودا توربىكىتىنى قۇرۇپ ، تور سودىسىدەك يىڭىچە سودا شەكلىدىن ئۇمۇميۈزلۈك پايدىلانماقتا، تاۋارىم سودا تورى
رايونىمىزدىكى بىر قەدەر كۈلەملەشكەن كەسپىي تور سودا شىركىتى تاۋارىم سودا تورىدا ھازىرغىچە مۇستەقىل تور دۇكان ئىچىپ سودا قىلۋاتقانلار 1800 دىن ئارتۇق بۇلۇپ ، مال سېتىۋالدىغان مۇقۇم ئەزالار 23 مىڭ ئەتراپىدا ، ئايلىق ئۇتتۇرچە سودا سوممىسى 15-25 مىڭ ئەتراپىدا ، رايۇنىمىزدىكى مىللىي كارخانلارنىڭ كۆپچىلىكى تاۋارىم سودا تورىدا تور دۇكان ئاچقان بۇلۇپ ، مىراس،ئەمىر،ھۇررا،ئەلنۇر،ئەفروز،فەنەر،تاشقىن،ئۆزخان،مۇراد،ئەسما،پاكزات،سەركار،ئۇيغۇن،زەپەر،كۈمۈش ساراي،قارا بۇغرا،ئاق تۆگە،قوتاد،باي دادام،ھەزرىتى لوقمان،ئېفرانە ، ئەلتەبىر ،لىللا شىركىتى ،چىندىل شىركىتى قاتارلىق نەچچە يۈزلىگەن مىللىي كارخانىلار
تور سودىسدىن ئاكتىپلىق بىلەن پايدىلىنىپ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ سېتىپ چىقىرىشنى ھەسسىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۋاتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقاشىنجاڭدىكى مىللىي كارخانلارنىڭ ۋە يەككە-شەخسىي تىجارەتچىلەرنىڭ تور سودىسى يۈزلىنىشى بىر قەدەر ئاكتىپ بولدى ، مەسلەن ئۇيغۇرسۇفىت شىركىتى ئۈندىدار تور دۇكىنىنى يولغا قۇيغان،نۆۋەتتە دۇكانغا شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشر قىلغان خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» سېلىنغان بولۇپ، تىجارەت باشلانغان تۇنجى ئېيى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈندىدار دۇكىنىدىكى لوغەتلەر يېرىم باھادا سېتىلىدىكەن.
ئەلتۇغ شىركىتىمۇ رايۇنىمىزدىكى تور سودىسىغا بەلگىلىك كۈچەۋاتقان كارخانا بۇلۇپ ،ئاساسلىق ئۈندىدار.سالون قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى توردا سېتىپ چىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئەلتۇغ شىركىتى 3 ئاي ئىچىدە ئۈندىدار ئارقىلىق بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق مال سېتىپ چىقارغان بولۇپ، بىر ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 900 دانە سىمسىز تور تارقاتقۇچ ساتقان. ئالتە ئاي ئىچىدىكى ئۈندىدار ئارقىلىق ئېلىپ بارغان تور سودىسىدا ئېرىشكەن ساپ پايدا 400 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلغان جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلى توردىكى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 789 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2013-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەملەشكەن كارخانىلارنىڭ پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 440 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %56.2 ئاشقان.بۇلتۇر شىنجاڭ تور سودا ئورۇنلىرىنىڭ توردىكى مەشغۇلات ۋاقتى 18 مىڭ سائەتكە يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا بىر يېڭى مەھسۇلاتنى تورغا چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا تور سودىسى بىلەن شۇغۇلىنىپ 3398 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي خادىم 2868 گە يېتىپ، 2012- يىلىدىكىدىن %98.48 ئاشقان.
يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردا ئىيتىلغاندەك رايونىمىزنىڭ تور سودىگەرلىرى ئۈندىدار ۋە توربىكەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تور سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا ، لىكىن ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەرمۇ ئاز ئەمەس ، مۇلازىمەتنىڭ ياخشى بولماسلىقى ، پۇل تۆلەش شەكلىنى بەك قالاق ۋە ئىپتىدائىي بۇلۇشى، تۇشۇش مۇلازىمىتىنىڭ پىشىپ يىتىلمىگەنلىكى يەنىلا شىنجاڭ تور سودىدىكى تۇسالغۇ ھىسابلىنىدۇ،
ئەلتۇغ شىركىتى ، تاۋارىم سودا تورى ، توپ تاۋار سالونىقاتارلىقلار توختىماي يول ئىچىپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، لىكىن يەنىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نەچچە مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرغىدەك،يىللىق سودا سوممىسى مىلياردقا يەتكۈدەك كۆلەم ۋە بازار شەكىللەنمىدى،
ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ تور قاپلىنىشى تۆۋەن ۋە تارقاق بۇلۇشى،ئىھتىياج ئاشالماسلىقىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرسى ھىسابلىنىدۇ، يەنە بىر نۇقتىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا ئۇيغۇر تور سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ خېرىدار ھۇقۇقىنى قوغداشقا دائىر تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈشلىرى بارا بارا يۇقلىتىن بارلىققا كىلىپ ، كەسپىيلىشش قەدىمىنى تىزلىتىۋاتىدۇ، E-SODA قاتارلىق تور سودا توپلىرى قۇرۇلۇپ،مەخسۇس تور سودا بىلىملىرى ،يىڭىلىقلار ئالماشتۇرۇلۋاتىدۇ،يىڭىدىن قۇرۇلغان كارخانلارنىڭ تور سودىسىنى قۇبۇل كىلىش تىز ھەم ئۆزگىچە بۇلۋاتىدۇ،ياشلىرىمىزدا تور سودىسىغا قىزىقىش بىرقەدەر ياخشى بۇلۇپ ، يىڭىلىق يارىتىش يولىدا توختىماي ئىزدىنىۋاتىدۇ،كۈچمە ئۈسكۈنلەر ۋە تور تىخىمۇ قۇلايلىق تور بازىرىنى شەكىلەندۈردى،ئۈندىداردىكى مىكرو سودىگەرلەر توختىماي يىڭىچە مال ،يىڭچە سودا ئۇسۇللىرىنى ئۇيلاپ چىقىپ كىرىمىنى ئاشۇرۋاتىدۇ، ئۇمۇمىي نوقتىدىن ئىيتقاندا 2015-يىلى شىنجاڭنىڭ تور سودىسى گۈللىنىش ھالىتىدىكى بىر يىل دىيىشكە بولىدۇ. پەرزىمچە بۇ يىل شىنجاڭدا نەچچە ئۇنلىغان تور سودا شىركەتلىرى بارلىققا كىلىدۇ ،تور سودىسى بىلەن شۇغۇلانغۇچى ئىخساسالىقلارغا ئېھتىياج ئىشىپ ، مىللىي كارخانلىرىمىز تور سودىسدىن زور مەنپەتلىنىدۇ،
پۇل تۆلەش ،مال تۇشۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلگىرلەشلەر قولغا كىلىدۇ،كىسىپ ئىيتىشقا بۇلىدىكى شىنجاڭنىڭ تور سودا كەسپىي كەلگۈسى پارلاق ، قىممەت ئىشىش بوشلۇقى چوڭ بۇلغان بىر كەسىپ. يا خشى تىما رەھمەت ئۇيغۇرلار ئۈچۇن ياخشى تور دوكانلىرى بارلىققا كەلگۈدەكدە ھەممە نەرسە تور ئارقىلىق بولۇپ كەتسە، نېمەدېگە ئېچنىشلىق ھە !!!!!!! بۇنداق بۇلىۋەرسە بۇدۇنيا قانداق ئاقىۋەتكە قالار. بۇدۇنيا ئادەملەر بىلەن گۈزەل تۇرسا، ھەممە ئادەم كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپلا ئىشقىلسا ھەييييييييييي!!!!!!!!!!!!! مەلۇم نەرسىلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى يەنە مەلۇم نەرسىلەرنىڭ يۇقۇلۇپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن... ھەي... شۇنداقبولىشىبولىدۇ ئەممامۇشۇنداقبولىدۇدەپقاراپ ئولتۇرۇپيائۇيانيابۇيانبولالمايئولتۇرۇشنىڭئورنىيوق بۇمۇمىللىتىجارەتچىلەر ئۈچۈنياخشىسورۇنبوپتۇ ئېقتىساد تېخنىكاتەرەققىياتبولمىغان يۇرتتاكەلگۈسىدىنقانداقمۇئۈمۈد كۈتكىلىبولسۇن ........................... رەھمەت
قۇللايمەنبەك ياخشى بۇلدى
مەنمۇ دۇكان ئىچىپ قۇيدۇم
naxtar.tawarim.com
دۇسلانىڭ قۇللاپ قۇيشىنى ئۇمىد قىلىمەن
naxtar512发表于2天前قۇللايمەن بەك ياخشى بۇلدى
مەقانداق ئاچقىلى بولىدىكەن
来自:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
بەت:
[1]