MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 23:15:39

كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرىدىن (قىستۇرما دېتاللار)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار.
ئالدىنقى تېمامدا قوزغاتقۇچ ھەققىدە بىلگىنىمچە سۆزلەپ باققانتىم. سىستېما قاچىلاپ بولۇپ، قوزغاتقۇچ قاچىلاپ بولۇپ ئۆزىمىزگە لازىملىق دېتاللارنى قاچىلايمىز ئەلۋەتتە. شۇنداق دېتاللار ئىچىدە بىز دائىم ئۇچرىشىپ تۇرمايدىغان ، لېكىن زۆرۈر بولغان بىرقىسىم قىستۇرما دېتاللار بار. بۈگۈن شۇ قىستۇرما دېتاللار ھەققىدە بىلگىنىمچە سۆزلەپ باقاي.
بىلگەننى يوللاڭ، بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسۇن. بىلمىگەننى سوراڭ، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن. (ئىنتىل سەيناسىنىڭ شوئارى)
خاتا ياكى كەم جايلىرى بولسا تۈزىتىش بېرەرسىلەر.
ئاۋۋال قىستۇرما دېتالغا ئۆزۈمنىڭ بىلىشىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.
بىز كۈندە ئىشلىتىدىغان لازىملىق دېتاللاردەك كۆپ ئىشلەتمەيدىغان، لېكىن بىر قىسىم دېتال ۋە سىستېمىلارنىڭ نورمال ئىجرا بولۇشى ئۈچۈن مۇھىت ۋە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغان، قولايلىق دېتاللار – قىستۇرما دېتاللاردۇر.
ئاددىي تىلدا ئېيتسام، بىر كەتمەننىڭ سېپى بوشاپ قالسا، چىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن شىنە (كىچىك ياغاچ پارچىسى) قېقىپ قويىمىز. شۇ چاغدا كەتمەن سېپى مۇقىم تۇرىدۇ ۋە بىزمۇ خاتىرجەم ئىشلىتىمىز. دېمەك مۇشۇ شىنە كەتمەن ئۈچۈن بىر قىستۇرما خالاس. قىستۇرما دېتاللارنىڭ رولىمۇ مۇشۇ شىنىگە ئوخشايدۇ.
تۇنجى بولۇپ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ئېلان توسۇش دېتالى. (ھەقسىز)
1. ADSafe净网大师
چۈشەندۈرۈش: بەزى ۋاقىتتا تورلاردا بەزى تورداشلارنىڭ پالانى تور بەتتە ناچار ئېلان باركەن، ئۆيدىكىلەر بار يەردە ئېچىپ سېلىپ بەك خىجىل بولدۇم. پالانى تور بەتتە خەنزۇچە ئېلان بەك كۆپكەن دېگەندەك ۋايساشلىرىنى كۆرۈپ قالدىم. بىزدىمۇ گۇگۇل، بەيدۇغا ئوخشاش مۇقىم، ئىشەنچلىك، كىرىمى ياخشى ئېلان سۇپىسى بولغان بولسا شۇ تور بەتچىلەرمۇ خەقنىڭ ئېلانىنى قويۇپ يۈرمەستى (تېمىدىن چەتنەپ كەتمەي ھە. ھازىر ئۇيغۇرچە ئېلان سۇپىلىرىمۇ بار). شۇڭا تور بەت ئاچقانلارنىڭ بېتىگە قويغان ئېلانلارغا پات-پات قاراپ قويۇشىنى سورايمەن. ئەمدى ھەممە گۇناھنى تور بەت ئاچقانلارغا قويماي ئۆزىمىزمۇ ئازراق ئىزدەنسەك بەزى ئېلانلاردىن خالىي بولالايمىز. شۇڭا مۇشۇ دېتالنى تەۋسىيە قىلدىم.
تىلى: خەنزۇچە
نەشرى: 3.5.1.1029
ئىجرا مۇھىتى: WinXP/Win7/Win8/Win8.1
مەن Win7/Win8/Win8.1 دە سىناپ باققان.
ئىجرا ھالىتى: 32/64 بىت. مەن ھەر ئىككىسىدە سىناپ باققان.
ئىقتىدارى: بۇ دېتال يوۋكۇ، 56، تۇدو ۋە باشقا فىلىم سۇپىلىرىغا يوللانغان فىلىملەرنىڭ ئالدىدا چىقىدىغان ئېلانلارنى توسۇش، ھەر خىل تور بەتلەرگە قويۇلغان لەيلىمە، ئاسما، تاقلىما (سەكرەپ چىقىدىغان) ئېلانلارنى توسۇش، خەتەرلىك بولغان، ناچار مەزمۇنلار بار تور بەتلەرنىڭ ئېچىلىشىنى توسۇش دېگەندەك بىر قاتار ئىقتىدارلارغا ئېگە.
ئېگە تەرەپ بېتى: http://www.ad-safe.com/
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئۈستىدە قالدۇرغان ئادرېسقا كىرىپ دېتالنى چۈشۈرىسىز.
http://rasm.sb.uz/pics2/ef4676b5df523f762836724cf7243f01.jpg
ئاۋۇ كۆرسەتكەن بويىچە دېتالنى چۈشۈرۈڭ (ئىچكى سىناق نەشرىنى ئەمەس كومپيۇتېر نۇسخىسىنى电脑版 چۈشۈرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن)
ئاستىدا يانفون نۇسخىسىنىڭ سىناق نەشرىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. بۇرۇن يوقتى. قىزىقىدىغانلار ئۆزۈڭلار سناپ بېقىڭلار، ئىشقىلىپ مەن سىناپ باقمىدىم.
چۈشۈرۈپ قاچىلاپ (قاچىلاشنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر ھە قاچان)، ھېچقانداق تەڭشەش ئېلىپ بارمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سۈكۈتتىكى ھالەتتە سىستېما بىلەن تەڭ قوزغىلىدۇ. يېڭى نەشرى چىقسا ئاپتوماتىك يېڭىلايدۇ.
كەسمە يۈزى: ئاۋۇ تور بەتتە كۆرگىنىڭلارغا ئوخشاش
سىغىمى: 7.09 مىگابايت
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.ad-safe.com/
مۇشۇ بەتكە كىرىپ ئاۋۇ رەسىمدە مەن كۆرسەتكەن يەرنى چېكىپ چۈشۈرۋېلىڭ.
پاكىت:
ماۋۇ دېتال قوزغىتىلمىغان چاغدىكى روھلان تور بېكىتى (ئېلان بولۇپ قالدى دە:lol )
http://rasm.sb.uz/pics2/b66dbdf5487f373007755975bcd83d8c.jpg
http://rasm.sb.uz/pics2/2302ceeec8fe737db63441dfce62aede.jpg
ماۋۇ دېتالنى قوزغاتقاندىن كېيىنكى روھلان تور بېكىتى
http://rasm.sb.uz/pics2/3396d6692a843eea937adbf74fff86dc.jpg
http://rasm.sb.uz/pics2/d3352f15e204077df805d451a104fb85.jpg
(روھلانغا قويۇلغان بەيدۇ ئېلانىنى توسقاندىكى پاكىت)

2. Microsoft .NET Framework
چۈشەندۈرۈش: بۇ قىستۇرما Microsoft شىركىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان قىستۇرما بولۇپ، ئادەتتە سىستېما بىلەن بىللە قاچىلىنىدۇ ۋە كۆپىنچە ۋاقىتتا قوزغىتىلمىغان ھالەتتە تۇرىدۇ. .NET سۇپىسىدا ئېچىلغان دېتاللارنىڭ ئىجرا بولۇشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان قىستۇرمىدۇر. ئاددىي مىسال يېقىندا ئۇيغۇر سوفت شىركىتى تارقاتقان ئۇيغۇر سوفت كوررېكتورى ھەقسىز نەشرى (http://imla.uighursoft.com/ug-CN/) (بۇمۇ ئېلان بولۇپ قالدى لېكىن:P ) دەل مۇشۇ .NET سۇپىسىدا ئىجرا بولىدىغان دېتالدۇر.
تىلى: كۆپ تىللىق
نەشرى: 4.5.2
(سىستېمىغا قاچىلانغىنىنى ئېچىشنى بىلىدىغانلار ئۆزۈڭلار ئېچىۋېلىڭلار، مەن تەپسىلىي دەپ ئولتۇرمايمەن.)
ئىجرا مۇھىتى: Windows 7 Service Pack 1, Windows 8, Windows 8.1, Windows Server 2008 R2 SP1, Windows Server 2008 Service Pack 2, Windows Server 2012, Windows Server 2012 R2, Windows Vista Service Pack 2
مەن Win7/Win8/Win8.1 گە قاچىلاپ باققان.
Win8/Win8.1 ئىشلىتىدىغانلار ئۆزۈڭلار قوزغىتىۋالساڭلارمۇ ياكى مۇشۇنى قاچىلاپ ياماق يېڭىلاشتىن يېڭىلىۋالساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئىجرا ھالىتى: 32/64 بىت. مەن ھەر ئىككىسىدە سىناپ باققان.
ئىقتىدارى:
.NET سۇپىسىدا ئېچىلغان دېتاللارنىڭ ئىجرا بولۇشىغا مۇھىت ھازىرلايدۇ ۋە باشقىلار.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://www.microsoft.com
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قاچىلاپ قويسىڭىز ياكى سىستېما ئىچىدىن قوزغىتىپ قويسىڭىز بولدى.
كەسمە يۈزى: يوق
سىغىمى: 66.8 مىگابايت
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.microsoft.com/zh-CN/download/details.aspx?id=42642
http://rasm.sb.uz/pics2/19dc91320ca0584b04d55a9baa600be1.jpg

مۇشۇ بەتكە كىرىپ، ئۆزىڭىزگە لازىملىق تىلنى تاللاپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر چۈشۈرۈش دېگەننى باسسىڭىز چۈشمىسە ئاۋۇ ئاستىدىكى « بۇ يەرنى چېكىڭ» دېگەننى چېكىپ قايتا چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
http://rasm.sb.uz/pics2/44ef7f4dfefa96f5821c4ead59af1815.jpg

3. جاۋا مۇھىتى قىستۇرما دېتالى (Java SE Development Kit 8(JDK
چۈشەندۈرۈش: بۇ oracle تەرىپىدىن تارقىتىلغان دېتال بولۇپ، ئادەتتە Java سۇپىسىدا ئېچىلغان دېتاللارنىڭ ئىجرا بولىشى ئۈچۈن مۇھىت ھازىرلايدۇ. يەنى كومپيۇتېردا ئەپ ئېچىش ۋە تەرجىمە قىلىش ۋە باشقا Java تىلىدا دېتال ۋە بەت تۈزۈش ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىدىغانلار ئۈچۈن مۇھىم دېتالدۇر.
تىلى: كۆپ تىللىق
نەشرى: 8u31-windows-i586
ئىجرا مۇھىتى: ھەر خىل سىستېمىلارغا ماس كېلىدىغىنى بار. (Windows, Linux,Mac)
مەن پەقەت Windows سىستېمىسىغا قاچىلاپ باققان.
ھالىتى: ھەر خىل سىستېمىلارنىڭ 32/64 بىتلىقىغا ماس كېلىدىغىنى بار.
مەن Windows سىستېمىسىنىڭ 32/64 بىتلىقىدا سىناپ باققان.
ئىقتىدارى: چۈشەندۈرۈشتە تىلغان ئېلىپ ئۆتكەن ۋە باشقا ئىقتىدارلار.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://www.oracle.com
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن Java مۇھىتىنى تەڭشەيسىز (بۇنى قانداق تەڭشەشنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. بۇ ھەقتە خەتلىك، سۈرەتلىك، سىنلىق دەرس يەتكۈچە بار)
كەسمە يۈزى: يوق
سىغىمى: سىستېما تەلىپىگە ئاساسەن ئوخشاش ئەمەس.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.oracle.com/technetwork/java/javase/downloads/jdk8-downloads-2133151.html
مۇشۇ بەتكە كىرىپ ئاستىغىراق سۈرىسىز.
http://rasm.sb.uz/pics2/16d5bfd19866bab1506ec9e779c31c59.jpg
ئاندىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تاللاشنى تاللاپ بولۇپ ئۆزىڭىزنىڭ سىستېمىسىغا ماس كېلىدىغىنىنى تاللاپ چۈشۈرۈڭ.
http://rasm.sb.uz/pics2/2f30cad74c9280e18b74283e18d0cb86.jpg
مەن رەسىمدە Windows نىڭ كىنى كۆرسىتىپ قويدۇم.
ئەسكەرتىش: ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن باشقا قىستۇرما دېتاللارمۇ بار. بۇلارنى پەقەت شەخسىي قىزىقىشىمغا ئاساسەن تەۋسىيە قىلدىم. ئىشلەتسەڭلار ئۆزۈڭلەرگە، ماڭا ھېچقانداق پايدىسى يوق. يارىمىسا ئىشلەتمىسەڭلار بولىدۇ.
مەزكۇر تېما پەقەت شەخىسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن يوللاندى، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 01:17:08

رەھمەت ،ھەممىسى ماڭا لازىملىق بىلملەركەن

ئىزچى 9 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 01:36:04

ياخشىبىلىملەركەنرەخمەت   يانفۇننۇسقىسىنىچۈشۈرۈپسىناپ باقاي

surgun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 01:54:41

رەھمەت ساقلىۋالدىم. چۈشۈرۈپ سىناپ باقايچۇ.

alihan3 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 02:05:37

رەھمەت ھە

تۇيغۇ1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 03:33:52

مەن ئشلەتكىلى خېلى بوپقالدى ياخشقى سىستما

Gerip520 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 07:26:14

ھەممىسى كومپىيۇتېردا يوق بولسا بولمايدىغان دېتاللار

azizim2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 08:54:45

كۆپ رەھمەت سىزگە ناھايىتى ياخشى بىلىملەركەنداۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ

kudrat0087 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 10:00:19

رەھمەت سىزگە ياخشى بىلىملەركەن:D

alihan3 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 10:03:15

رەھمەت ھەسىزگەساقلاپ قۇياي

kimting يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 10:15:33

رەھمەت سىزگە مۇشۇنداق تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

axnajan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 10:34:43

كۆپ رەھمەت سىزگەسىز دىگەن ئىلان تۇسۇش دىتالى ھەقىقەتەنن يائخشىكەننمەن مۇشۇ دىتالنى تاپالماي يۇرەتتم   ئۈنۈمى بەك ياخشىكەن

دولان ئوغلى يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 11:17:06

بەك ياخشى دىتاللاركەن ئادەم بىرەر كىنۇ كۇرەي دىسە سەتلىشىپ ئادەمنى بىزار قىلىپ چىقىپ تۇرغان ئۇچۇرۋەتسە ئارىم بىر بەت بولاپ ئېچىلۋالغان . بۇ زومىگەر بىزەڭ ئىلانلارنى تۇسۇشقا ئامال تېپىپ بەرگىنىڭىزگە كوپ رەھمەت .

بۆرە216 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 16:21:11

رەھمەتسىزگە

akax178 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:51:51

مەن يانفۇن نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن ،بەك ياخشىكەن ،سىغىمى كىچىك،
بەت: [1] 2
: كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرىدىن (قىستۇرما دېتاللار)