تېما تەستىقلاش تۈزۈمى
ئالپ تورىدا قانداق تېمىلارنىڭ تەستىقلانمايدىغانلىقى ھەققىدە بۇرۇن بىر نەچچە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. يېڭى ئەزالار ئۇ ئۇقتۇرۇشنى كۆرمىگەن ئوخشايدۇ، تېمام تەستىقلانمىدى دەيدىغان ئىنكاسلار خېلى بار. شۇڭا قايتا ئۇقتۇرۇش چىقاردۇق.1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ ئالاقىدار قانۇن، نىزاملىرىغا خىلاپ تېمىلار تەستىقلانمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزدىغان، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلدىغان يازمىلار تەستىقلانمايدۇ.
2. ئالپ تورى IT ئۇچۇر تېخنىكىسنى ئاساس قىلغان كەسپى تور بەت. شۇڭا تور بېتىمىزنىڭ خاراكتىرىگە ماس كەلمىگەن تېمىلار تەستىقلانمايدۇ. مەسىلەن: سىياسى، دىن، ئېقىم مەسىللىرىگە ئائىت يازمىلار، كىنو-فىلىم، ناخشا-مۇزىكا، ئەدەبىيات، ھەربىي ئىشلار... تۈرىدىكى يازمىلار تەستىقلانمايدۇ.
3. دۆلەت سىرتىدىكى چەكلەنگەن تور بەتلەرگە چىقىش ھەققىدىكى تېخنىكىلار، تام ئاتلاش، V.P.N ھەققىدىكى مەزمۇنلار بار يازمىلار تەستىقلانمايدۇ.
4. باشقا يەردە ھەقلىق سېتىلۋاتقان نەرسىنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ ھەقسىز يوللىسا ياكى باشقىلارنىڭ ھەقلىق تېمىسىنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ ساتىدىغان تېما بولسا تەستىقلانمايدۇ، ئۆزىنىڭ بولسا ئەسكەرتىش بەرسە بولىدۇ. باشقا تور بەتتىن كۆچۈرگەن تېمىلارنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتمىسە، نەشىر ھوقۇقى مۇناسىۋەتلىك يازمىلار بولسا تەستىقلانمايدۇ.
5. يۇمشاق دېتال، يانفۇن ئەپلىرىنىڭ توغرا چۈشۈرۈش ئادېرسى بولمىسا، قىسقىچە مەزمۇنى، كەسمە رەسىمى بولمىسا تەستىقلانمايدۇ.
6. ھەقلىق روم ياكى باشقا ئەپلەرنىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادېرسنى تەمىنلىمەي ماڭا تېلفۇن قىلىڭ دەپ يازسا تەستىقلانمايدۇ.
7. تېمىنىڭ ماۋزۇسى مەزمۇننى ئىپادىلەپ بېرەلمىسە تەستىقلانمايدۇ، مەسىلەن: چوقۇم كۆرۈڭ، ياردەم... دېگەندەك ماۋزۇ قويۇلغان تېمىلار تەستىقلانمايدۇ.
8. تېما ياكى تەرجىمە ئەپنىڭ ئىملاسى بەكلا خاتا بولسا تەستىقلانمايدۇ.
9. تەكرار تېمىلار بولۇپمۇ ياردەم سوراپ يازغان تېمىلار بۇرۇن ئوخشاش مەزمۇندىكى تېمىلار يوللىنىپ بولغان بولسا تەستىقلانمايدۇ. مەسىلەن: ھازىر يانفونغا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاش، كىرگۈزگۈچ قاچىلاش، روت ئېلىش ھەققىدىكى يازمىلار خېلى يېتەرلىك بار. شۇڭا بۇ ھەقتىكى تېما تەستىقلانمايدۇ. قايسى ئىشتىن ياردەم سورىسىڭىز ماس سەھىپىگە، ماس تۈرگە يوللاڭ. samsungيانفۇندىن سورىغان ياردەمنى يۇمشاق دېتال، ياكى sony سەھىپىسىگە يوللىسىڭىز تەستىقلانمايدۇ.
شۇڭا ياردەم سوراش تېمىسى يېزىشتىن بۇرۇن ئىزدەش دېگەن يەرنى بېسىپ ئىزدەپ بېقىپ، ئوخشاش مەزمۇندىكى تېما بولماي قالسا ئاندىن تەپسىلى، ئىملاسى توغرا قىلىپ تېما يېزىڭ. باشقا پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىنىڭ ئاز-تولا ئىملا خاتالىقى بولسا باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ تەستىقلايدۇ، ئەمما ياردەم سوراش خاراكتىردىكى تېمىنىڭ ئازراقلا ئىملا خاتالىقى بولسا تەستىقلانمايدۇ.
10. تېما يېزىش بىلەن ھەل بولمايدىغان تېمىلار تەستىقلانمايدۇ. مەسىلەن: قايسى كۈنى بىرسى ئاپتۇۋۇزدا يانفوننى ئوغىرىغا بەردىم قانداق قىلىمەن دەپ تېما يېزىپتۇ، تەستىقلىمىسام ھەممە تېمىغا يانفۇنۇم يۈتۈپ كەتكەن تېما يازسام تەستقلىمىدى دەپ ئىنكاس يېزىپتۇ. يانفۇنىڭىز يۈتۈپ كەتسە شۇ يۈتكەن يەردىن ئىزدەڭ ياكى ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ. ئايفوننىڭ ئوغۇرلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارنى قوزغاتقان بولسىڭىز شۇ ئىقتىدار ئارقلىق ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ. باشقا تېلفۇنىڭىز يۈتسە بۇ يەرگە تېما يېزىپ قويغانغا تېپىلمايدۇ. يانفۇنىڭىزنىڭ ئېكرانى چېقىلىپ كەتسە، ھاراق، سۇ تۈكۈلۈپ كەتسە، توك ئۆتمەس بولۇپ قالسا رېمۇنتخانىغا ئاپىرىڭ، بۇ يەرگە تېما يازسىڭىز بىرەرسى ئۆيىڭىزگە ئىزدەپ بېرىڭ ئوڭشاپ بەرمەيدۇ.
11. كارتا ساتىمەن دەيدىغان ئېلان تېمىلىرى تەستىقلانمايدۇ. ئەگەر سىز مۇقىم كارتا ساتىدىغان تىجارەتچى بولۇپ ئۇزۇن مۇددەت كارتا ساتماقچى بولسىڭىز مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تورداشلارنى ئالدىماسلىققا كېپىل بولسىڭىز تېمىڭىز ئاندىن تەستىقلىندۇ. يانفون، كومپىيۇتېر ساتىدىغان تېمىلار بولسا تېما يوللىغۇچىنىڭ ئالپ تورىدىكى دەرىجىسىگە قاراپ تەستىقلاش، تەستىقلىماسلىق قارار قىلىندۇ.
12. تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازغانلارنىڭ، پىنيىنچە ياكى خەنچە ئىنكاس يازغانلارنىڭ ئىنكاسى ئۈچ قېتىمغىچە ئۆچۈرۈلۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. يەنە يازسا شۇ ئەزانىڭ بارلىق ئىنكاس، تېمىسى ئۆچۈرۈلدۇ، يەنە تەكرارلانسا شۇ ئەزا چەكلىندۇ. ھەر قېتىم ئىنكاس ياكى تېما ئۆچۈرۈلسە شۇ ئەزانىڭ توپلىغان جۇغلانمىسى ماس ھالدا ئازىيىپ ماڭىدۇ، شۇڭا تاينى يوق، تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئەخلەت ئىنكاسلارنى يازماڭلار. ئەزانىڭ دەرىجىسى ئۆسۈپ مۇنبەر ئاقساقىلى دەرىجىسىگە بارغاندا تېمىسى تەستىقسىز چىقىدۇ.
13. يانفوندىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىۋېلىڭ، پۇل تاپىدىغان ئەپ... دېگەندەك تېمىلار تەستىقلانمايدۇ.
14. ھەر قانداق سەۋەب بىلەن باشقا ئەزالارنى ياكى باشقۇرغۇچىلارنى تىللىسا شۇ ئەزا تولۇق چەكلىنىپ، بارلىق ماتېرىياللىرى، ئاقچا، جۇغلانمىسى ئۆچۈرۈپ تاشلىندۇ.
مۇنبەر سۈپەتلىك تېمىلار قانچە كۆپ يېزىلسا شۇنچە تەرەققى قىلىدۇ. بىزمۇ تور بېتىمىزدە ئەزا، تېمىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. مۇشۇ شەرتلەرگە چۈشۈرۈپ قانچىلىك تېما يازسىڭىز شۇنچە تەستىقلايمىز. ئالپ تورىنىڭ مۇلازىمېتىرنىڭ سىغىمى خېلى چوڭ، تېما يازغانغا توشۇپ قالمايدۇ. ئېلىپبە دەيدىغان گەپ بار.سىزدە ئالپ تورىنى قوللايدىغان، تۆھپە قوشىدىغان ئىدىيە بولسىلا سىزگە يىتەرلىك شارائىت يارىتىپ بېرىمىز. توغرا تىمىمىز تەستىقلانمىسا تەستىقلانماسلىق سەۋەبىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسا ياخشى بۇلاتتى ۋاھ مەنشەرىتسىز قۇشلىمەن يارايسىزئالىپكا ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرىش بۇپتۇ مەنمۇ قوللايمەن ،،، ئالىپ ئەپەندى سىزگە قانداق ئۇسۇلدا ئايرىم خەت يازغىلى بۇلىدۇ
شەخسەن مەنمۇ بىر نەچچە قېتىم تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يېزىپ قويغان يېرىم بار، بۇنىڭدىن كېيىن قاتتىق دىققەت قىلىمەن. بېكەت باشلىقى ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، بۇ تۈزۈم ماددىلىرىنى قايتا ئەسكەرتكىنىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
خىلى تەپسىلى ،چۈشنىشلىك يىزىلىپتۇ،
ئالىپ ئەپەندىم ، مۇشۇ ئالىپ نامىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىبىلىپ باقسام دەيمەن…… قوللايمەن:D:D 09032555 يوللىغان ۋاقتى2015-2-16 16:56
ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرىش بۇپتۇ مەنمۇ قوللايمەن ،،، ئ ...
مېنىڭ ئىسمىمنى بېسىپ ئۇچۇر يازسىڭىز بولىدۇ، ياكى ئې-مايىل: 632997108@qq.com ماس مەس بولۇپ قاپتۇ قۇسورچىلارغا خاتا چۈشەنچە بەرمىسۇن. قوللايمەن ناھايىتى تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بولۇپتۇ bayawat يوللىغان ۋاقتى2015-2-16 17:03
خىلى تەپسىلى ،چۈشنىشلىك يىزىلىپتۇ،
ئالىپ ئەپەندىم ، م ...
(ئالپ) نىڭ مەنىسى ھەققىدە ياردەم
بۇ تېمىدىن تەپسىلىي چۈشىنىۋېلىڭلار!! bayawat يوللىغان ۋاقتى2015-2-16 17:03
خىلى تەپسىلى ،چۈشنىشلىك يىزىلىپتۇ،
ئالىپ ئەپەندىم ، م ...
ئالپ دېگەن ئىسىم تارىختىكى بۈيۈك خاقان ئالپ ئەر توڭانىڭ نامىدىن كەلگەن.
باھادىر ئالپ ئەر مىلادىدىن ئالدىنقى 7-ئەسىردە ياشىغان تۈرك خاقانىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ جاسارەتلىك پادىشاھ مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسەرلىرىدە ئالپ ئەرتۇڭا ساپ تۈركچە ئىسمى«دۇكۇخان»دەپ، پارىس ئەدەبىياتىدا ئەپراسىياپ نامى بىلەن تەسۋىرلەنگەن. «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك»تە ئالپ ئەرتۇڭا ئوبرازى يارىتىلغان داستاننىڭ پارچىلىرى ساقلانغان.ئۇ ئەقىللىق، تەدبىرلىك ۋە بىلىملىك خاقان بولۇپ، ئالپ ئەرتۇڭانىڭ ھېكىمەتلىك سۆزلىرىنى ئەينى زاماندا ئۆز قەۋمى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىگ»تە ئۇنىڭ ئاتىلار سۆزلىرىگە ئايلانغان ماقالىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
ئالىپ ئەرتۇڭا نى قاراخانىلار سۇلتانلىرى ئىزچىل ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى دەپ قاراپ كەلگەن. قەشقەر شەھەر بەشكىرەمدىكى خانئۆي شەھرى خارابىسى ئۇنىڭ پايتەختى ئىدى. ئۇ پۈتكۈل تۇراننىڭ ھۆكۈمرانى ئىدى. تارىخى مەنبەلەردە باتۇر تۇمارس ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ چەۋرىسى دىيىلگەن.
«ئەمىرتۆمۈر كۆرۈگان ھەققىدە قىسسە» دىگەن كىتاپتا ئالىپ ئەرتۇڭانى مۇسا پەيغەمبەر بىلەن زامانداش دىيىلگەن.
«باھادىرنامە» دېگەندەك تارىخىي ئەسەرلەرنى ئوقۇساڭلار ئالپ دېگەن گەپ كۆپ ئۇچىرايدۇ.
يەنە ئوغلۇمنىڭ ئىسىمىمۇ ئالپ. قانۇن مۇقەددەستۇر.....//mobcent//app/data/phiz/default/12.png
ئەتىراپلىق بوپتۇ… alip يوللىغان ۋاقتى2015-2-16 17:18 static/image/common/back.gif
ئالپ دېگەن ئىسىم تارىختىكى بۈيۈك خاقان ئالپ ئەر توڭان ...
مەن دائىم «ئالىپ» دەپ يازىكەنمەن، ئەسلىي توغرىسى «ئالپ» كەن-دە ؟ مەن مۇشۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى توغرىسىدا سىزدىن كۆپ قېتىم سوراپ بېقىشنى ئويلىغان، لېكىن بۇنچىلىك ئىشقا ئاۋارە قىلماي دەپلا ۋاز كەچكەن ئىدىم. مانا بۈگۈن بۇنىڭ جاۋابىمۇ ئۆزى ئالدىمغا كەلدى. رەھمەت سىزگە !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى مېنىڭ ئەزالىق نامىمنى لاتىنچە ‹سۇيەرمىش ›كە ئۆزگەرتىپ قويىشىڭىزنى سورايمەن.............