توك مەنبەنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپلېرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-9 23:13ھەممىمىز دىگۈدەك سىمنى تۈمۈرگە ئوراپ توك بەرسەك ماگىنىتلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز، ئەكسىنچە ماگىنىت مەيدانىدا سىم بىر يۈنىلىشكە ھەركەت قىلسىمۇ توك پەيدا بۇلىدۇ. ئەمما ئاددى قۇرۇلمىدا ئاستا ھەركەت قىلسا ھاسىل بۇلىدىغان توكمۇ بەك ئاجىز بۇلىدۇ. ناۋادا تۈمۈرنىڭ بىر بىشىغا سىمنى ئوراپ ماگىنىتلايدىغان قۇرۇلمىدىكى سىم ئورامنىڭ يەنە بىر بىشىغىمۇ سىم ئوراپ بىر بىشىدىكى ئورام ئارقىلىق ئۈزۈلدۈرمەي توك ئۇلاپ-ئۈزۈپ ماگىنىتلاپ تۇرساق يەنە بىر بىشىدىكى سىم ئورامدا ئىندوكسىون توك پەيدا بۇلىدۇ. بۇنداق قۇرۇلما تىرانسىفورماتور دىيىلىدۇ.
ئەمىلى تۇرمۇشتا تىرانسىفورماتورلاردا تۈمۈرنىڭ ئىككى بىشى تۇتاشقان بۇلىدۇ، ھەم تۈمۈر ئۈزەكنىڭ ئۆزىدە پەيدا بولغان ئىندوكسىون توكنىڭ تۈمۈر ئۈزەكتە قىسقا يول بۇلۇپ ئىنىرگىيەنىڭ خوراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئىزۇلياتورلۇق سىر يالىتىلغان نىپىز قەلەيلەردىن تۈزۈلگەن بۇلىدۇ، بۇ قەلەيلەرنىڭ تەركىبىمۇ ماگىنىت ئۈتكۈزۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىرمىنى قاتارلىق باشقا تەركىپلەر ئارلاشتۇرۇلغان قەلەي بۇلۇپ، ئادەتتىكى قەلەيلەردىن پەرىقلىق بۇلىدۇ. تىرانسىفورماتور ياكى ئىلىكتىرماتورلارنىڭ ئىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى-تۈۋەنلىكى تۈمۈر ئۈزەكنىڭ ماگىنىت ئۈتكۈزۈشچانلىقى ۋە سىمنىڭ توك ئۈتكۈزۈشچانلىقىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ماگىنىتلىنىشنىڭ كۈچلۈك بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ. مۇسبەت-مەنفى قۇتۇبى سىكونتىغا 50 قىتىم ئۆزگىرىدىغان توك تۈۋەندىكى رەسىمدىكى تىرانسىفورماتورنىڭ سول تەرپىدىكى ئورامغا ئۇلانسا ئوڭ تەرپىدىكى ئورامدا تەبئىلا مۇسبەت-مەنفى قۇتۇبى سىكونتىغا 50 قىتىم ئۆزگىرىدىغان توك ھاسىل بۇلىدۇ.
2
يۇقارقى رەسىمدىكى تىرانسىفورماتورنىڭ قۇۋۋىتىنى 30 ۋات دىگەندە سول تەرپىگە مۇسبەت-مەنفى قۇتۇبى سىكونتىغا 50 قىتىم ئۆزگىرىدىغان 220 ۋولىتلىق توك ئۇلاپ ئوڭ تەرپىدىن 12 ۋولىتلىق تتوك ئالماقچى بولساق سول تەرپىگە دىئامىتىرى 0.28 مىللىلىق مىس سىمدىن 2200 ئورام ئورىغان بولساق، ئىندوكسىونلۇق ئورامى ئۈچۈن دىئامىتىرى 0.81 مىللىق مىس سىمدىن (2200بۈلىمىز 220=100 ) 120 ئورام ئوراشقا تۇغرا كىلىدۇ. ئاندىن بۇ توكنى يەككە يۈنىلىشلىك توك ئۈتكۈزۈش خۇسوسىيتىگە ئىگە ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن تۈزۈلگەن توك رەتلىگۈچتىن رەتلەپ ئۈتكۈزۈپ ئۆزگىرىشچان توكتىكى دۇلقۇنسىمان ھالەتنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ئىندوكسىئون توكنى كوندىساتورغا زەرەتلەپ ئاندىن ئىشلىتىمىز. تىرانسىفورماتورغا كىرىدىغان توك بىلەن چىقىدىغان توك ئايرىم ئىككى ئورامدا بولغاچقا ھەم ئىككى ئورام گۇرۇپپىسى بىر بىرىگە تىگىشمەيدىغان بولغاچقا بىز ئېرىشكەن توكنى تۇتساقمۇ توك سۇقمايدۇ، ئەگەر تىرانسىفورماتورغا سۇ تۈكۈلۈپ كەتسە ياكى نەملىشىپ قالسا توك سۇقۇپلا قالماي تىرانسىفورماتورمۇ كۈيۈپ كىتىدۇ.
1
يۇمىلاق تۈمۈر ئۈزەككە سىم ئوراش ماشنىسى.
http://www.tudou.com/programs/view/cISHxbLtHMc/
چىقمىسا بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
http://www.tudou.com/programs/view/cISHxbLtHMc/
ھەۋەسكارلار ئۈچۈن يىزىلغان بولغاچقا لاھىيەلەش ۋە باشقا ئىنچىكە تەپسىلاتلار يىزىلمىدى. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇمۇ قىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ياخشى بىلىمكەن رەھمەت سىزگە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بۇلۇپ قالدى كەچۈرۈڭلار مەن يىڭىدا ئالما تېلپۇنغا كۆچكەنتىمتوردىن ئەپ ۋە باشقا نەرسىلەرنى چۈشۈرەي دىسەم apple ID دەپ تۇرۋالدى ئەزا بۇلاي دىسەم تىزىملىتالمىدىممۇشۇ ئىشىمغا ياردەم قىلساڭلارماڭا ئەزالىق نۇمۇر ئېلىپ بەرسەڭلا قېرىنداشلىرىم بۇ تېلپۇننى ئىشلىتىپ باققانلار بىلىسىلەربۇ تېلپۇنغا يا كۆك چىشتا بىرەر نەرسە قاچىلىغىلى بولمايدىكەن تىما يازسام تەستىقلانمايدىكەنشۇڭا مۇشۇ يەرگە ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن مەن بىر يىڭى ئۈگەنگۈچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ھەر قايسىڭلاردىن ياردەم سۇراپ ئولتۇرمەن بۇ مۇنبەردە ياردەم قىلىدىغان قېرىنداشلىرىم چۇقۇم چىقىدۇ دەپ ئشەنىچ قىلىپ بۇ خەتلەرنى يازدىمتېلپۇن نۇمۇرۇم13999434321 مۇشۇنىڭغا ئەزالىق نۇمۇرنى خاپا بولماي ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بەرسەڭلار سىلەردىن ياردەم سۇراپ توردىشىڭلارقارقاش0903دىن ئۇنداقتا سۇ پومپىسىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى قانداق؟ سۇ ئىچىدە تۇرىدىغىنى؟ ناھايىتى تەپسىلى يېزىپسىز ھارمىغايسىز ئۇنۋىرسال توك مەنبەسى ياساشنى سۆزلەپبەسىڭىز Ahmetjan88 يوللىغان ۋاقتى2015-2-10 00:21
ئۇنداقتا سۇ پومپىسىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى قانداق؟ سۇ ئى ...
ئۆيلەردە ئىشلىتىدىغان شامالدۇرغۇچنى كۆرۈپ تۇرۇڭ، ئىلىكتىرماتورنى تۇنۇشتۇرغاندا چۈشىنىسىز. 13309954400 يوللىغان ۋاقتى2015-2-10 01:27
ناھايىتى تەپسىلى يېزىپسىز ھارمىغايسىز ئۇنۋىرسال توك م ...
مەنبە تۇغرىلىق يەنە يازىمەن. رەھمەت ياخشى تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن، مەن بۇرۇندىنلا قىزشىقاتتىم بۇ ئىشقا، ھەم ئۇزۇم قولسەپ تەجىربە ئىشلەپ باققان، پىرىنسىپلىرىنى تازا چۈشىنەلمىگەىنتىم//mobcent//app/data/phiz/default/23.png
رەخمەت سىزگە مەنمۇ بەك قىزقىمەن فزىكىغا
رەھمەت سىزگە ئابلىمىت ئەپەندىم،بەك تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپسىز.مەن يۇقارقى تېما مەزمۇنىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندىم.
ئەمما سىزدىن سورايدىغانبىر مەسىلە بار، بىر دانە تىرانسىفورماتور ئارقىلىق ئۈچ فازىلىق ئۆزگىرىشچان توك مەنبەسى ھاسىل قىلغىلى بولامدۇ ؟
مەن بىر DVD نىڭ تىرانسىفورماتورىنىڭ ئىككىلەمچە كاتۇشكىسىنى چۇۋۇپ، ئوخشاش ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ،ئاندىن قايتا ئورىسام ئويلىغان مەخسىتىمگە يېتەلمىدىم. مەن بىر ئۈچ فازىلىق بىر ئۆزگىرىشچان توك ئېلېكتىر ماتورى ياساپ باقماقچى ئىدىم.
تۇلۇق ئوتتۇردىكى ۋاقتىتا فىزىكا دەرسىگە بەك قىزىقاتتىم.......تىرانسفورماتور دىن پايدىلىنىپ توك كالتىگى ياساپ باققان ئىدىم چۈنكى،ئۈچ فازىلىق ئۆزگىرىشچان توك ئېلېكتېر ماتورىغا كوندېنساتور، سىتاتور قىسمىغا ئورىلىدىغان مىس سىم دېگەندەك لاقا-لۇقىلار كەتمەيدۇ ئەمەسمۇ؟
خاتا بولۇپ، قاپتۇ . مەن ئەسلىي روتور قىسمىغا ئورىلىدىغان سىم دېمەكچى ئىدىم.
karkax0903 يوللىغان ۋاقتى2015-2-10 00:19 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ...
ئۈندىدارىڭىز بار بولسا IDئىلتىماسقىلىشدەرىسلىكىنىيوللاپبەرسەمئۆزىڭىزلا ئىلتىماسقىلىۋىلىڭ
بەت:
[1]
2