iOS 8.2 سىستېمىسى 3-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erqal-Media تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-5 13:49iOS 8.2 سىستېمىسى 3-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى www.erqal.com
تېخنىكا بىلوگى AppleInsider نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى 4-ئايدىكى Apple Watch نىڭ بازارغا سېلىنىشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، iOS 8.2 سىستېمىسىنى بىر ئاي بۇرۇن ئېلان قىلىدىكەن. Apple Watch سىستېما يېڭىلىنىشى ئۈچۈن iPhone بىلەن ئۇلىنىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەن. تېخنىكا بىلوگى BGR سەيشەنبە كۈنى «ئىشەنچلىك خەۋەر» گە ئاساسەن، ئالمىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، iOS 8.2 سىستېمىسى ئۈچىنچى ئايدا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن. iOS 8.2 نۆۋەتتە سىناق باسقۇچىدا بولۇپ، ئەپ ئىجادكارلىرىغا سىناق ئۈچۈن تەمىنلەنگەن، ئەپ ئىجادكارلىرىنىڭ Apple Watch ئۈچۈن ئەپ ياسىشىغا رۇخسەت قىلىنغان.
بىرىنچى ئەۋلاد Apple Watch نىڭ ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىق كۆپ قىسىم ئىقتىدارلىرى iPhone بىلەن ئۇلانغاندىن كېيىن ئاندىن ئىجرا بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ iPhone ى iOS 8.2 سىستېمىسىغا ئىگە بولغاندىلا ئاندىن Apple Watch نى ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
ئالما 2-ئاينىڭ 2-كۈنى iOS 8.2 beta 5 ۋە Xcode 6.2 نى ئەپ ئىجادكارلىرىغا تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە Apple Watch ئۈچۈن ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ياسايدىغان ئەڭ يېڭى WatchKit قورالىمۇ بار ئىكەن.
مەنبە : سۇمۇرغ تورى | يوللىغان ۋاقىت : 05-02-2015 www.erqal.com ياخشى خەۋەر
تېما ئىگىسىگە رەھمەت ،
مەن ئايپەد4 كەبىرئاي بۇرۇن8.2 سېستىمىنىيازغانتىم، ئېچىلىپنورمالئىشلىگەنتى ،ئۈچ كۈن ئىلگىرىمەخپى نۇمۇرئېچىش سەۋەپلىكقايتا سېستىما يازغانتىم ، 8.2ئئېچلـمىدى،ئامال يوق8.1.2 نى يېزىپ ئىشلەتتىم ،،،، 8.2نىئېلان قىلىپ بوپياندۇرۋالغانمىدۇ ،،، نىمىشقابۇرۇنئېچىلىپئەمدىلىكتەئېچىلـمايدۇ،،،، Dosla8.2ni8.1.2 gaquxuralmiykaldim biryardamkilsagla Quxurgilibulamduya
بەت:
[1]