ئاۋازلىق كىتاپ ئۇيغۇرچە ئەپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!Awazliq Kıtap - ئاۋازلىق كىتاپ ناملىق دېتالى تارقىتىلدى.
بۇ ئاۋازلىق كىتاپ دېتالىنى چۈشۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بۇ دېتال ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى توردىن بىۋاسىتە ئاڭلىيالايسىز. خالىسىڭىز تور بارجايدا يانفونىڭىزغا ساقلىۋېلىپ خالىغان ۋاقىتتا ئاڭلىيالايسىز:
- ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكمەت،
- 1o002- كېچە،
- يېڭى مائارىپ بايراقدارى ئابدۇقادىر داموللام،
- ئەلىشىر ناۋايى،
- ئامەت ۋە ئاپەت،
- ئەمدى ئاق چەكمەيمەن،
- ئانايۇرت رومانى،
- باھادىرنامە (1- 2)،
- ئەۋلاد تەبىيىسى ھەققىدە لىكسىيەلەر،
- بالام قانداق ئىشتا پەملىك؟،
- بالدۇر ئويغانغان ئادەم،
- بوۋام ئېيتقان ھېكايىلەر،
- بوۋاي ۋە جاڭگال،
- بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن،
- ئەرەپ چۆچەكلىرى،
- فارابى،
- ھاياتلىق زەنجىرى،
- ھەمشىرىلەر رىسالىسى،
- ئىدىقۇت يۇلتۇزى،
- ئىلى دولقۇنلىرى،
- ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى،
- ئىز رومانى،
- كەچمىش،
- كەلىلە ۋە دېمنە،
- كۆمۈرچى بالا،
- مەھمۇد قەشقەرى،
- موللا مۇسا سايرامىي،
- موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە،
- ناتىۋانلار،
- نۇزۇگۇم،
- ئورخۇن شەجەرىسى،
- ئويغانغان زېمىن،
- قارا ھىجران (ئۆتكۈر شېئىرلىرى)،
- قۇم باسقان شەھەر،
- قۇتادغۇ بىلىك،
- سالچىلار،
- سەرسان روھ،
- سەئىدخان،
- سىرلىك ئۆڭگۈر،
- سىرلىق مىراس،
- سۇتۇق بۇغراخان رومانى،
- مەرىپەت مەشئىلى مەمتىلى ئەپەندى،
- تەقدىر،
- يىگانە ئارال،
- يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام،
- يۈسۈف خاس ھاجىپ،
- زامانداشلار،
- زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز.
ئەسكەرتىش:
- مەزكۇر دېتال ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئوقۇيالمىغان كىتاپلارنى ئاڭلاش ئارقىلىق پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلىنىپ ھەقسىز تارقىتىلدى.
- بۇ دېتالدىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى توردىن چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، نەشىر ھوقۇقى نەشىر قىلغان ئورۇنغا ئائىت.
- بۇ دېتالدىكى ئەسەرلەرنى چۈشۈرۈپ جۇغلاپ تىجارىي مەخسەت بىلەن تارقىتىشتىن ساقلىنىڭ.
- بىر ئەسەرنىڭ بۇ دېتالغا كىرگۈزۈلگەن بولۇشى ئۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا تولۇق قوشۇلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ.
- دېتالغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرگە ئالاقىدار پىكرى بار قېرىنداشلارنىڭ شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىغا تىلەكداشمىز؛
- ئا- پىكرىڭىز ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا ئالاقىدار بولسا، ئاپتۇرى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
- ب- ئەگەر سىز ئەسەرنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئەسەرنىڭ بۇ دېتالدا تارقىتىلىشىنى خالىمىسىڭىز بۇنى awazliqkitap@gmail.com
- دېتالغا ئالاقىدار تەكلىپ – پىكرىڭىز بولسا يەنە awazliqkitap@gmail.com ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
- ناۋادا قولىڭىزدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا پايدىلىق ئىلمىي، سۈپەتلىك ئاۋازلىق ئەسەر بولسا يۇقىرىدىكى ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بېرىڭ، خەلقىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن دېتالغا قوشۇپ قويايلى.
- ئاخىرىدا تىنىڭىزگە سالامەتچىلىك، كۆڭلىڭىزگە خاتىرجەملىك، ئائىلىڭىزگە بەخت - سائادەت، ئەۋلادلىرىڭىزغا ئىمان – ۋىجدان ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ھايات، خەلقىمىزگە شانلىق كىلەچەك تىلەيمىز. ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاۋازلىق كىتاپ دېتالىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسى.
قىنى چۇشۇر ۋېلىڭلار قىرىنداشلار
http://pan.baidu.com/wap/link?shareid=3515153394&uk=1515726948
http://pan.baidu.com/wap/link?shareid=3515153394&uk=1515726948
ياخشى چۇشىۋاتىدىغۇ قايتا سىناپ بىقىڭلار بۇرا دارلەر
چۈشمىدى قاراپ بېقىڭلا نۇرمالغۇ مىنىڭ تور كۆرگۈچۈم ياخشى ئەمەس ئوخشايدۇچۈشۈرەلمىدىم رەھمەت چۈشىرۋاتىمەن
رەھمەت
رەھمەت مەنمۇ چۇشۇرۈۋالاي، بەك ياخشى ئىش قىپسىز قېرندىشم بىزدەك كىتاب خۇمارلارغا تۇلمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ لىكىن مەن چۈشرەلمىدىم
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
مەنمۇ چۈشۈرەلمىدىم خۇاۋى تور دىسكىسىغا يوللاپ قويسىڭىز قانداق بۇ كىتابتا بار بولغان ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ كۆپلىرى ھەقلىق تارقىتىلغان ئەسەر ئەپ يوللۇغۇچى ئۆيلۇشۇپ بىر ئىش قىلغايسىز...؟
رەھمەت ، ساقلىۋالدىم rahmatquxurupbakay
ناھايىتى ياخشى بۇپتىكەن،ئەمما چۈشۈرەلمدىم،