bengbash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 15:59:52

Win10 نۇسقىسىدكى Office2016 نى كۆرۈپ باقامسىز؟


       Win10 نۇسقىسىدكى Office2016بولسا كۆرۈنمە يۈزى ئاددىي، ئىخچام بولغان يېڭى Office دېتالى. ئۇ ھەم ئەنئەنىۋىي كونۇپكا تاختا، مائۇس مەشغۇلاتىغا ماس كېلىدىكەن، ھەم تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق سېزىمچان ئېكرانلىق ئۈسكۈنىلەرگە ماس كېلىدىكەن. كۆرۈنمە يۈزى تېخىمۇ يېڭى، پاكىز بولۇپ، ئىقتىدارى ھەرگىزمۇ تۆۋەن ئەمەس ئىكەن. ناھايىتى ئەپچىل بولۇپلا قالماي، تېخى پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىكەن.
       بۇ يۇمشاق دېتال ھەر قانداق Win10 سۇپىسىغا ماس كېلىدىكەن، يەنى، چوڭ ئېكرانلىق ئۈسكۈنىدىن تارتىپ Win10 تېلېفونىغىچە ھەممىسىدە نورمال ئىجرا بولىدىكەن. سىن ھۆججىتىدە كۆرسىتىلگىنى كونۇپكا-مائۇس شەكلى ئىكەن.
       تىلغا ئېلىشقا بولىدىغان يەنە بىر يېرى بولسا، تورغا ئۇلانغان ھالەتتە ھۆججەتلەر ئاپتوماتىك ھالدا OneDrive غا ساقلىنىپ ماڭىدىكەن. ساقلايمەن دەپ ئارتۇق مەشغۇلات قىلىشنىڭ ھاجىتى ىوق ئىكەن. ئەلۋەتتە قول سېلىپ كومپيۇتېرنىڭ دىسكىسىغا ساقلىسىمۇ بولىدىكەن.


تېمىنىڭ ithome دىكى ئادرىسى:
http://www.ithome.com/html/soft/127483.htm

سىن كۆرۈش ئادىرىس:
http://t.cn/RZFTwIB


bengbash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 16:26:17

پۈتۈنلەي ھەقسىز دېگەن گەپكە تازا ئىشەنمەيۋاتىمەن.

muzat1970 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 17:13:15

bengbash يوللىغان ۋاقتى2015-2-3 16:26
پۈتۈنلەي ھەقسىز دېگەن گەپكە تازا ئىشەنمەيۋاتىمەن.

;P:lol:P    شۇ شۇ 2013 ئوپىسمۇ خېلى پۇل تۇرسا،مىكروسوپىت شىركىتىدىكىلەر بىزگە ئوشاش ئادەم نان يەيدۇ.

tormahiri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 17:18:46

كۈرۈنمە يۈزى كارامەتكەن

ھەسەلچى يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 17:53:00

گۇگېل شېركىتمۇ ئ‍اندىروئ‍ىدنى ھەقسىز تارقىتىپمۇ كاتتىباشقا ئ‍ايلاندىغۇ مىنىڭچە ھەقسىز قىلسىمۇ كىيىنچە ھەسسىلەپ پايدا ئ‍ېلىشقا كۈزى يەتمىسە بۇنداق قىلمايدۇ ئ‍ۇلار

alihan3 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 18:01:22

muzat1970 يوللىغان ۋاقتى2015-2-3 17:13
شۇ شۇ 2013 ئوپىسمۇ خېلى پۇل تۇرسا،مىكروسوپىت شى ...

ۋاي ئۇلار بىزگە ئوخشاش نان يىمەي بولكا يەيدۇشۇڭا بىكارلىق قىلغان بۇلشى مۇمكىن ھىھى ھىھ ھى

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 18:41:42

alihan3 يوللىغان ۋاقتى2015-2-3 18:01
ۋاي ئۇلار بىزگە ئوخشاش نان يىمەي بولكا يەيدۇشۇڭا بىك ...

پونان دەڭ.;P;P;P

yidayat1010 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 22:01:10

تىما ئىگىسى كەچۈرۈڭياردەم سورىۋالاي   سىدىيادىن مەنبە قۇشۇش دەگەن يەرنى تاپالمىدىم ياردەم قىلساڭلار

FaTiH88 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 12:08:50

قايسىڭلارwin 10نى قاچىلاپ باقتىڭلار ،،

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 12:53:15

FaTiH88 يوللىغان ۋاقتى2015-2-4 12:08
قايسىڭلارwin 10نى قاچىلاپ باقتىڭلار ،،

مەن ئىشلىتىۋاتىمەن. بىر خىل پەيزى.

bahtim338 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 23:06:26

مەن بۇنى ئىشلىتىۋاتقىلى بىر ھەپتىدىن ئاشتى ھەقىقەتەن ھەقسىز ئىكەن.

amirdinov يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 23:30:04

بولىدىكەن بىر خىل پەيزىكەن

muzat1970 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 18:38:52

alihan3 يوللىغان ۋاقتى2015-2-3 18:01
ۋاي ئۇلار بىزگە ئوخشاش نان يىمەي بولكا يەيدۇشۇڭا بىك ...

بولكا ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئاتمىسپىرا ھاۋا قاتلىمىدىن كېلەمىشششششششششششششششش

ۋاپ يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 20:50:36

خاتىرە كومپىيۇتىر ساتىغانلار بامۇ شەرت ئىشلەتكىلى بەك ئۇزۇن بولمىغان پاكىز قېتىۋالمايدىغان سەپلىمىسى ياخشى بولشى يانا باھاسى ئەرزانراق بولىشى كىرەك قولدىن چىقىرىدىغانلار بولسا ئالىقىلاشساڭلار رەھمەت چ چ 1095647566
بەت: [1]
: Win10 نۇسقىسىدكى Office2016 نى كۆرۈپ باقامسىز؟