مىكروسوفت تورىدىن 549 يۈەنگە ۋىندوۋس 8.1 كومپيۇتېرى سېتىۋېلىشنى خالا...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bengbash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-1 23:12ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، نۇر تورى ۋە ئالىم ئەھەت تورىدىن مىكروسوفت بىلەن خۇيپۇ بىرلىشىپ 699 يۈەنلىك ۋىندوۋس 8.1 كومپيۇتېرى سېتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، مىكروسوفت تور دۇكىنىغا كىردىم.
راستىنلا شۇنداق ئىكەن.ئادەمنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان يېرى، بۇ تاختا كومپيۇتېر بولسىمۇ سېستىمىسى ئۈستەل كومپيۇتېرنىڭ سىستىمىسى بىلەن ئوخشاش ھەقىقىي نۇسقىدىكى ۋىندوۋس 8.1 ئىكەن. ئەلۋەتتە،exe ھۆججەتلىرىنى نورمال قاچىلاشقا بولىدۇ ، دېگەن گەپ.
بۇ خۇيپۇ كومپيۇتېرنىڭ مۇھىم سەپلىمىلىرى:ئىكرانى 7 ديۇم، ئىكران ئىنىقلىقى 1280*800، ئىچكى ساقلىغۇچ 1 گېگابايت، ساقلاش بوشلۇقى 32 گېگابايت، تۆت يادرو بىر تەرەپ قىلغۇچ، سىمسىز تور، سىغىم كارتا قوللاش، ... قاتارلىقلار.
(مېنىڭچە، 1 گېگابايت ئىچكى ساقلىغۇچ سەل كىچىك.)
مىكرو سوفت تور دۇكىنىدىكى باشقا كومپيۇتېرلارغا نەزەر سېلىپ باقسام، باھاسى تېخىمۇ ئەرزان vido w8a تىپلىق بىر كومپيۇتېرغا كۆزۈم چۈشتى. باھاسى 599 يۈەن ئىكەن.بۇمۇ ۋىندوۋس 8.1 سېستىمىلق ئىكەن.بۇنىڭ سەپلىمىلىرى: ئىكرانى 8 ديۇم، ئىكران ئىنىقلىقى 1280*800، ئىچكى ساقلىغۇچ 2 گېگابايت، ساقلاش بوشلۇقى 16 گېگابايت، تۆت يادرو بىر تەرەپ قىلغۇچ، سىمسىز تور، سىغىم كارتا قوللاش، ... قاتارلىقلار.
(مېنىڭچە، 16 گېگابايت ساقلاش بوشلۇقى سەل كىچىك. ماركا ئىناۋىتى تۆۋەن بولغاچقا سۈپەتكە بىر نېمە دېمەك تەس)
يەنە تېخى مىكروسوفت ھېساباتى بىلەن تىزىملىتىپ 50 يۈەنلىك ئىتىۋار باھا كودىغىغا ئىرىشكىلى بولىدىكەن. (مەن سىناپ بېقىپ، ئىتىۋار باھا كودىغا ئىرىشتىم.)
شۇنىڭ بىلەن خۇيپۇنىڭ ھېلىقى كومپيۇتېرىنى ( huipu stream7) 649 يۈەنگە، vido w8a نى 549 يۈەنگە ئالغىلى بولىدۇ، دېگەن گەپ.
تورداشلار، قىزىقساڭلار مىكروسوفت تور دۇكىنىدىن كۆرۈپ بېقىڭلار.
http://www.microsoftstore.com.cn/类别/电脑%2B平板/c/computers
باھادا ئىتىۋار قىلىش كودىغا ئىرىشىش ئۈچۈن http://www.microsoftstore.com.cn ماۋۇ بەتكە كىرىپ قىپقىزىل جايدىكى رامكىغا خەت ساندۇق ئادرىسىڭىزنى كىرگۈزۈڭ. پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن خەت ساندۇقىڭىزنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ. مالنى سېتۋالىدىغان چاغدا ئاشۇ كودنى كىرگۈزىدىغان جاي بار.
قالغان گەپ-سۆزلەرنى ئىنكاس ئارقىلىق تولۇقلارمىز.
سەنسىز. يوللىغان ۋاقتى2015-2-1 23:35
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى ،راسلا exe ھۆججەتلەرنى ق ...
نېمىگە ياردەم قىلىمەن؟ سېتىۋېلىشقىمۇ؟ قولۇمدىن كەلسە ياردەم قىلىشقا تىرىشىمەن. سەنسىز. يوللىغان ۋاقتى2015-2-3 01:17
دىگىنىڭىز توغرا ،بۇ رالس ئۇستەل كومپىيوتىرنىڭ ئورنىن ...
توغرا دىدڭىز مەنمۇ 850 كەقەشقەردىن بىرنى ئالغانشۇنداق ياخشى ئىشلەۋاتدۇشوپۇرلۇق نەزريە سىستمسنى قاچلاپ ئىشلتۋاتمەن يەنەدۋدئورنىدا كىنو كۇرۇش دىگەندەك ئىشلاغا ئىشلىتى ۋاتمەن موشو ئىنكاسنىمۇ شۇ تاختا پدتتە يېزۋاتمەن aziz290 يوللىغان ۋاقتى2015-2-2 15:41
ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئېيتىشىچە ۋە ئۆزىدىكى چۈشەندۈرشلە ...
ئەمسە مىنىڭ تەلىپىمگە لايىق مالكەنتۇق بۇ ،،ئەپسۇس توردىن ئىلىشقا ئاجىز بوپ قالدىمدە ،،يا بىز تەرەپتە بازاردىن تاپقىلى بولمايدىكەن ، مەن 4 ياشلىق بالامغا رەسىم سىزىش قورالىنى دەپلا بىرنى ئېلىپ بېرەي دەۋاتىمەن.ھازىرچە ۋىندوۋسنىڭ رەسىم سىزىش 画图 قورالىنىئىشلەتسە، كېيىنچە فوتوشوپنىقاچىلاپ بەرسەم، ھى-ھى. سۆزلۈشۈش كارتىسى قوللامدۇيا؟ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مىنىڭچەسۈزلىشىش كارتىسى ئۇقۇماي دۇغۇدەيمە
باھاسىغۇ مۇۋاپىقكەن ياخشى چىقامدىغاندۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى ،راسلا exe ھۆججەتلەرنى قوللىسا مەن بىرنى ئالسام بولىتى ،لىكىن پەقەت توردىن نەرسە ئالالمايمەن ،خالىسىڭىز ياردەم قىلسىڭىز بەكلا خوش بولاتتىم ،بۇرۇن surface rtتاختا كومپىيوتىردىن بىرنى ئالغان ،سىستىمىسى 8.0 تى ،كىيىن 8.1 گە كۆتۇرگەنتىم ،ئىلىشنىڭ ئالدىدا exeھۆججەتلەرنى قوللايدۇ دەپ ئويلاپ تىكەنمەن ،ئۇ ئەسلى exe ھۆججەتلەرنى قوللىمايدىكەن ،،ياكى بولەك ماركىلىق بولسىمۇ بولىتى ،سۇپىتى ياخشىراق باھاسى مۇۋاپىق تاختا كومپىيوتىر بولسىمۇ بولىتى ،مىنىڭچە مۇشۇ خۇيپۇ بولىدىغان مالكەنتۇق ،ياردەم قىلاسىزمۇ بۇ مالنى سىتۋالسا چەتئەلدىن تەمىنلەمدۇ ياكى دۆلەت ئىچىدىمۇ؟ 098648 يوللىغان ۋاقتى2015-2-1 23:20 static/image/common/back.gif
سۆزلۈشۈش كارتىسى قوللامدۇيا؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر ۋىندوۋىس سېستىمىلىق تاختىپەد سۆزلىشىش كارتىسى قوللىمايدىكەن
bayawat يوللىغان ۋاقتى2015-2-1 23:37
بۇ مالنى سىتۋالسا چەتئەلدىن تەمىنلەمدۇ ياكى دۆلەت ئىچ ...
دۆلەت ئىچىدىن تەمىنلەيدىغاندۇ. bengbash يوللىغان ۋاقتى2015-2-1 23:49
دۆلەت ئىچىدىن تەمىنلەيدىغاندۇ.
ئۈسىتدە بۇ توغرىسدا گەپ بولماپتۇ،،،؟ bayawat يوللىغان ۋاقتى2015-2-1 23:59
ئۈسىتدە بۇ توغرىسدا گەپ بولماپتۇ،،،؟
مىكروسوفتنىڭ دۆلىتىمىزدىكى تور دۇكىنى ئىكەن. مېنىڭچە، مالنىمۇ چوقۇم دۆلىتىمىز تەۋەسىدىن ئەۋەتىدۇ. بۇ قولپەدتتەئۇيغۇر تىلى بارمىدۇ؟
ئاۋۇ ھېلىقى خۇيپۇنىڭدەيمە !
ئەسسالامۇئەلايكۇم تىما ئېگىسى مەن بىرنى ئالاي ياردەم قىلالاسېزمۇ؟؟؟