[دەرسلىك] 中兴 Q805T يانفونىنى روتلاش، روم قاچىلاش
@ئەسسالامۇئەلەيكۇم !中兴 Q805T يانفونى بولسا4G - LTE نۇسخىدىكى يانفون بولۇپ، روتلاش بىرقەدەر قىيىن. لېكىن بىز تۆۋەندە كۆرسەتكەن ئۇسۇل بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارسىڭىزلا بۇ يانفوننى ئوڭۇشلۇق ھالدا روتلىيالايسىز ۋە روم قاچىلىيالايسىز.
قېنى ئەمىسە دىققىتىڭىز دەرسلىكتە بولسۇن :
① - قەدەم
كېرەكلىك قۇراللار :
ئەڭ ئاۋۋال بۇ دېتاللارنى چوقۇم چۈشۈرىۋېلىشىڭىز كېرەك.
1- دېتال :
روت ئېلىش ئۇستىسى
بۇ دېتال توغرىلىق بۇ تېمىدا http://umutwar.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=131 ئېنىق توختالغان ئىدۇق.
چۈشۈرۈش ئادرېسى : http://www.mgyun.com/vroot
2- دېتال :
روم قاچىلاش ئۇستىسى
刷机大师 بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ باققانلار بىلسە كېرەك، بۇ دېتالنىڭ Recovey يېڭىلاش،يۈزدىن ئارتۇق تېلېفونلارنىڭ ئورگان ۋە ئۈچىنچى تەرەپ روملىرىنى ئاپتوماتىك ئىزدەپ تېپىش،روم قاچىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.
چۈشۈرۈش ئادرېسى : http://www.mgyun.com/romasterlab
② - قەدەم
تەييارلىق باسقۇچى :
1-
ئاۋۋال بىز باياتتىن چۈشۈرگەن exe شەكلىدىكى ھۆججەتلەرنى ئىجرا قىلىپ، ئۈستەل يۈزىگە روم قاچىلاش ئۇستىسى ۋە روت ئېلىش ئۇستىسىنىڭ تېزلەتمە شەكلىنى قۇرىۋالىمىز.
2-
يانفوننى ئېچىپ تەڭشەش> ئىجادكارلار تاللانمىسى (ئەگەر بۇ تاللاش يوق بولسا تەڭشەشتىن يانفون ھەققىدە دېگەن تىزىملىككە كىرىپ ئەڭ ئاستىدىكى خەتنى ئارقىمۇ - ئارقا يەتتە قېتىم باسسىڭىز بۇ تاللاش پەيدا بولىدۇ) غا كىرىپ USB تەڭشىكىنى ئېچىۋېتىمىز.
3-
يانفوننى كومپيۇتېرغا ئۇلايمىز.
③ - قەدەم
روتلاش باسقۇچى :
ئاۋۋال يانفوننى كومپيۇتېرغا تونۇتۇۋالىمىز.
كومپيۇتېر تېلېفوننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تونىغاندىن كېيىن روت ئېلىش ئۇستىسىنى قوزغىتىمىز.
دېتال يانفوننى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن روتلاشقا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
دېتال روتلاشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن <<بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق روتلاش>> نى باسىمىز.
بارلىق جەريانلارنىڭ تاماملىنىشىغا بەش مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ جەرياندا باشقا مەشغۇلاتلارنى قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. روتلاش خەتەرلىك مەشغۇلات بولۇپ، تېلېفوننىڭ زاۋۇت قۇلۇپى (bootlader) يېشىلىدۇ، شۇڭا ئېھتىيات قىلىڭ.
روت ھوقۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدىڭىزمۇ؟
ئۇنداق بولسا روم قاچىلاش ئۇستىسىنى قوزغىتىپ بۇ يانفوننىڭ سەرخىل روملىرىنى قاچىلاپ تېلېفونىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈڭ ۋە ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاپ تېلېفونىڭىزنى خەت نۇسخىسىنى چىرايلىقلاشتۇرۋېلىڭ.
تېما يارىغان بولسا قوللايمەننى بېسىپ قويۇڭ //mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/03.png
كىمدەمەردانجانڭچچىياكىتىلفۇننومريباردۇ تىلفۇنئالاتىم
خاقانى يوللىغان ۋاقتى2015-2-1 22:22
كىمدەمەردانجانڭچچىياكىتىلفۇننومريباردۇ تىلف ...
تېلېفۇن نومۇرى 18299999901 dana2013 يوللىغان ۋاقتى2015-2-1 23:24
تېلېفۇن نومۇرى 18299999901
ئالامەت نومۇركەنغۇ رەسمىي نوچىكەن dana2013 يوللىغان ۋاقتى2015-2-1 23:24 static/image/common/back.gif
تېلېفۇن نومۇرى 18299999901
رەخمەت سىزگە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مەن گۈرۈچفون 1s نى پەقەتلا روتلىيالمىدىم نۇرغۇنلىغان روتلاش قوراللىرىنى ئىشلىتىپ باقتىم بوممىسا ئىلگىرى بىردەمدىلا روتلاپ بولاتتى يا بۇ ئورگان تەرەپنىڭ ئىشىمۇ بىلمىدىمسېستىما نەشرى 4.1 MIUIسى F15.0 روتلاش ئۇسۇلىنىبىلىدىغانلار بولسا ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تىمىڭىزغا رەھمەت. لېكىن روت ئېلىش ھەزگىشمۇ Bootloderقۇلۇپنى ئېچىشنى كۆرسەتمەيدۇ. ئۇ قۇلۇپنى ئېچىش ئۇنچىلىك ئاسانمۇ ئەمەسكەن. قايسى كۈنى بىر LG نى بەك تەستە يەشكەنتىم. رەھمەت .ئەترەپلىق يېزىپسىز دۇردان يوللىغان ۋاقتى2015-2-2 10:21
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مەن گۈرۈچفون 1s نى پەقەتلا ر ...
مەن مۇشۇنداق گۈرۈچفوننى بەيدۇ روتىلغۇچنىڭ يانفۇن نۇسخسىدىلا روتلىيالغانتىم شۇنى ئشلتىپ بېقىڭ.پەقەت بولمسا كومپيوتىر نۇسقسىدا روتلاڭچۇقۇم بۇلدۇ.مەنمۇ شۇنىڭدا روتلاپ ئۇيغۇرچە فونىتنى قاچلىۋالدىم ئۇيغۇرچنى پەچەت ئۇقۇيدۇ ھازىر... رەھمەت ئاخىرى روتلىۋالدىم بۇ ئوتۇغۇچنى Uyghur0795 يوللىغان ۋاقتى2015-2-2 10:47
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تىمىڭىزغا رەھمەت. لېكىن روت ئېلىش...
بەزى تېلېفونلارنىڭ زاۋۇت قۇلۇپى روت ئالسىلا ئېچىلىپ كېتىدۇ مەن جوڭشىڭ ئا 880 تېلفۇنىنى پەقەتلا روتلىيالمىدىم، ھېچقايسى روتلاش دېتالى كارغا كەلمىدى، روتلاپ باققانلار بولسا ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن
بەت:
[1]