mamatf يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 15:51:02

مەخپى نۇمۇرنى بۇزۇشتىن ساۋات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم، ئۇستازلىرىم سالامەت تۇرغانسىزلەر؟ ئاللاھ ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق، رىسقىڭلارغا بەركەت،تىنىڭلارغا سالامەتلىك ئاتا قىلسۇن ئامىن !!!مەن ئەسلى ھىچبىر ئوقۇيالمىغان قارا ياقىلىق لاي پاچاق دىھقان ئىدىم. روھلان ۋە باشقا مەرىپەت تارقاتقۇچى مۇنبەرلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن گەرچە كومپىيوتىر ئىلمىدا ئالدىنقى قاتاردىكىلەردىن ئورۇن ئالالمىغان بولساممۇ، يەنىلا تىرىشىۋاتىمەن. سىزلەرگە ئوخشاش ياخشى نىيەتلىك قېرىنداش، ئۇستازلىرىمنىڭ دۇئاسى بىلەن مەن ۋە ماڭا ئوخشاش ئىستەكتىكى كىشىللىرىمىزنىڭ مۇرادى ھاسىل بولغۇسى ماشائاللاھ !!!
ئەمدى گەپنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەم، كومپىيوتىرنى كۆپ چۇخچىلاش، بۇزۇپ قۇيۇش ۋە ئوڭشاشلار بىلەن مەندە بەزى ھۆججەتلەرگە سېلىپ قۇيۇپ ئۇنتۇپ قالغان مەخپى نۇمۇرلارنى بۇزۇشقا قارتا ئازىراق ساۋات توپلىنىپ قاپتىكەن،( بەلىكم مەن بۇ ساۋاتلارنى بىرەر يازما ماترياللاردا ياكى بىرەر مۇنبەردە كۆرۈپ ئۆگۈنىۋالغاندىمەن. بۇنىسى ئىسىمدە يوق )بۇ ساۋاتلاردىن باشقا ئىھتىياجلىق قېرىنداشلارنىڭمۇ پايدىلىنىپ قىلىشىنى ئۈمىت قىلىپ بۇ تىمىنى يوللۇدۇم. بەلكىم بۇ ساۋاتلاردىن تۇلۇق خەۋەردار بولغانلارمۇ باردۇر. زاڭلىق قىلمىغايسىزلەر. بىلمەيدىغانلار پايدىلانسۇن. بەلكىم بۇ ساۋاتلارنىڭ بەزىسى ياكى ھەممىسى كونا ئۇسۇللاردۇر. لىكىن يەنىلا ئەسقېتىپ قالار دەيمەن.

WinZIP ھۆججەتلىرىنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى تېپىش.
ZIP ھۆججىتىگە مەخپى نۇمۇر سېلىپ قۇيۇپ ئۇنتۇپ قالغاندا ( UZPC ( Ultra Zip PasWord Cracker دىتالىنى ئىشلىتىپ بېقىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى، www.golubry.com ئىشلىتىش ئۇسۇلى؛ يۇمشاق دىتالنى قوزغۇتۇپ ۋەزىپە( Task ) تىزىملىكىدىكى يېڭى ( New ) دىگەن بۇيرۇقنى بېسىپ مەخپى نۇمۇر سېلىنىپ قالغان ھۆججەتنى كۆرسەتسەك قايسى ئۇسۇلدا مەخپى نۇمۇر ئىزدەش كۆزنىكى كۈرۈنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن مەجبۇرى ھالەت( Force Bruce ) نى تاللاپ كىيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. ئاندىن مەخپى نۇمۇرنى پەقەت رەقەمدىن ياكى ھەرەپتىن ( كىچىك ياكى چوڭ ھەرىپ بۇيىنچىمۇ ئايرىشقا بۇلىدۇ.) ياكى ھەرىپ ۋە رەقەم بىرلەشمىسىدىن ئىزدەيدىغانلىقىنى، قانچە خانە دائىرىسىن ئىزدەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قۇيىمىز. رەقەم ۋە ھەرىپتىن ئىزدىمەكچى بولساق ئۈستىدىكى تاللاشتىن DigITs بىلەن Capital Letters قا بەلگە قۇيىمىز. ئاستىدىكى Minumum دىگەن ئورۇنغا قانچە خانىدىن باشلىنىشىنى، Maxmimum دىگەن ئورۇنغا قانچە خانىغىچە ئىزدەشنى ئىزدەشنى كۆرسىتىمىز. ئاندىن Go كۇنۇپكىسىنى باسساق ئىزدەشنى باشلاپ تاپقاندىن كىيىن ئاساسى كۆزنەكنىڭ ئوتتۇرسىدىكى Passwordدىگەن ئورۇندا مەخپى نۇمۇرنى كۆرسۈتۈپ بىرىدۇ. تاپالمىسا تاپالمىغانلىق ئۇچۇرى چىقىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا www.elcomsoft.com تورىدىن Advanced zip password recovery دىگەن دىتالنى ئىشلىتىپ باقسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

RAR ھۆججىتىگە سېلىنغان مەخپى نۇمۇرنى بۇزۇش.
RAR مۇ ئىنتايىن كۆپ ئۇچىرايدىغان پىرىسلاش پىروگىراممىسىنىڭ ھۆججىتىدۇر. بۇنىڭغا ئونىتىلغان مەخپى نۇمۇرنى Crack دىگەن يۇمشاق دىتال بىلەن تېپىپ چىقىشقا بۇلىدۇ. بۇ يۇمشاق دىتال Dos نىڭ بۇيرۇق بىرىش ھالىتىدە ئىشلەيدىغانبۇلۇپ، ئاخىرقى قۇرىغا مەخپى نۇمۇر سېلىنغان RAR ھۆججىتىنىڭ ئىسمىنى ۋە ئادىرسىنى تۇلۇق يازىمىز. ئەگەر ھۆججەت باشقا مۇندەرىجىدە بولسا ئادىرسىنى ئېنىق كۆرسۈتۈپ بىرىپ ئىجرا قىلىمىز.

ئەسكەرتىش؛تىما يىزىش كۆزنىكىنىڭ خەت سانى چەكلىك بولغاچقا داۋامىنى يەنە بىر تىما قىلىپ يوللاشقا مەجبۇر بولدۇم ، مىنى ئەپۇ قىلغايسىزلەر، ئۇنىڭدىن باشقابۇ تىمىدا كۆرسۈتۈلگەن بەزى تور بىكەتلەر ئىچىلمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن مىنى ئەيىپلىمەسلىكىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. چۈنكى مەن يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان دىتاللارنى ئەينى چاغدا( قايسى ۋاقىت ئىكەنلىكى ئىسىمدە يوق)چۈشۈرگەندە نۇرمال ئچىلاتتى.

mustafa007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 19:07:51

رەھمەت سىزگە پايدىلىق بىلىمكەن

eltebir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 19:38:20

رەھمەت

zirak01 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 19:48:12

بولىدىغان ھۈنەركەن...

zirak01 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 19:53:38

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
كومپىيوتىرنىڭسىستىمىسىيۇيلۇپ كەتكەن ئەھۋالدا... ئۇنىرايۇنغا ئايرىشنىئۈگۈتۈپ قويغان بولساڭلا... شۇنداق قىلىش زۈرۈر بوپ قالدى... يىڭى ئۈگەنگۈچىئىدىم..

zirak01 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 19:54:44

ھەممە ئامالنى قىپ باقتىمسىستىما يېزىش مەغلۇپ بولدى..

abliz85 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 20:21:04

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام رەھمەت سىزگە ياخشى تىما بۇپتۇ،

AHMAT0997 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 20:51:08

ZIP-RAR ھۆججەتلەرنىڭ مەخفى نومۇرىنى بۇزۇدىغان بىرلا دېتال يوقما ئىككى دېتال قاچىلايدىكەنمىز سەل ئاۋارچىلىقكەن

دېلكەش يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 20:52:11

رەھمەت پايدىلىق تىمىكەن

eziz007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:42:48

AHMAT0997 يوللىغان ۋاقتى2015-1-30 18:51
ZIP-RAR ھۆججەتلەرنىڭ مەخفى نومۇرىنى بۇزۇدىغان بىرلا دېتا ...

ئۇنداق دىتاللارمۇ بارغۇ، كومپىيوتىرىمدا ساقلاقلىق ئىدى كومپىيوتىر ئالدىغا كەلگىدەك ۋاقىت يوق يوللاپ بىرەي دىسەم

تەشنا135 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 22:05:00

zirak01 يوللىغان ۋاقتى2015-1-30 19:53 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
كومپىيوتىرنىڭسىستىمىسىيۇيلۇپ ك ...

winpe غا كىرىپ قاتتىق دېسكىنى قايتا رايونغا بۆلۈپ سېستىما قاچىلسىڭىز بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى
بارماق دېسكنى 大白菜ياكى u启动دېگەن دىتالدا 一键制作winpe启动 قىلۋېلىپ ئاندىن بارماق دېسكىدىن قوزغىتىپلا قىلسىڭىز 10مىنۇتتا ئىشڭىز ھەل بولىدۇ

ئەسسالام يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 22:48:14

كومپىيۇتېر نىڭ بىئوسقا سىلىنغانمەخپىي نومۇر نى يۇيۇشنىڭ ئامالى بارمۇ؟

534483549 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 23:06:37

قېرىنداشلا كومپىيوتىرنىڭ usbئېغزىنى چەكلەيدىغان دىتاللار بولسا يوللاپ بەرسەڭلا ماڭا بەك جىددى لاشىم بوپقالغانتى.
چ چ2569853838

tangez يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 00:16:22

رەھمەت سىزگە پايدىلىق بىلىمكەن

13899220654 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 00:25:53

ئەسسالام يوللىغان ۋاقتى2015-1-30 22:48 static/image/common/back.gif
كومپىيۇتېر نىڭ بىئوسقا سىلىنغانمەخپىي نومۇر نى يۇيۇش ...

بىرىنچى ئامال boisمېينى ئېلۋەتسىڭىز ئوڭشىلىدۇ.
ئىككىنچى ئامال CMOSماتىرياللارنى يۇيىۋەتسىڭىز بولىدۇ
بەت: [1] 2
: مەخپى نۇمۇرنى بۇزۇشتىن ساۋات