قىشلىق تەتىللىك بالىلار ئەدەبىياتى يېزىقچىلىق كۇرژۇكى
قىشلىق تەتىللىك بالىلار ئەدەبىياتى يېزىقچىلىق كۇرژۇكىپېشۋا مۇنبىرىدىكى دائىملىق، تەكلىپلىك يازغۇچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىك ئارقىسىدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى تور ئەدەبىياتى كۇرژۇكى ئۇيۇشتۇرۇلماقچى، تەپسىلاتى:
مەقسەت: ئەدەبىياتنى ئاساس قىلغان ئىجادىي يازما ئەسەرلەر مۇنبىرى - پېشۋا مۇنبىرى قۇرۇلغان ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ھەرقايسى كەسىپ ۋە ساھەلەردىكى يازما ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇسى بار ئەمما ياخشى يازالمايدىغانلار، بولۇپمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەڭ ئەقەللىي تەلەپلەر توغرىسىدا ھەۋەسكارلارغا بەلگىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىش سورۇنى ھازىرلاپ كەلدى. بولۇپمۇ ياش نوتىلارغا، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە تور دۇنياسىدا ئۆزىگە خاس مەزمۇنلارنىڭ كەملىك مەسىلىسى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ مائارىپى ۋە ئائىلە مائارىپىنى بىرلەشتۈرۈش،باللىرىنى يېتەكلەش تەرەپلەردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يوللىرىغا ئەھمىيەت بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە بالىلارنىڭ تىل، ئەدەبىيات، يېزىقچىلىق جەھەتلەردىكى قابىلىيىتى يېتىلدۈرۈشكە ياردىمى بولار دېگەن مەقسەتتە مۇنبەردە مەخسۇس « ياش ئۆسمۈرلەر سارىيى» سەھىپىسى، ئۇنىڭ ئاستىدا «باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلار ئەسەرلىرى»، «ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلار ئەسەرلىرى»، «چوڭلار يازغان بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى»، « بالىلارغا سۆز» سەھىپىلىرىنى تەسىس قىلدۇق. لېكىن تەشۋىقات كۈچى يېتەرسىز، جەمئىيەتنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشىشىمىز يېتەرسىز بولدى.
«قوش تىل» ئوقۇتۇشىنىڭ يىلسېرى كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا بولغان سەل قاراش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى،12 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ ئومۇملاشتۇرۇلغاندىن بۇيان كەسپىي تېخنىكوم، تولۇق ئوتتۇرا، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگىمۇ ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىغىپ كېتىشى، ساۋاتلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ خەت سۈپىتى، ئىملاسىدا ساقلانغان ئېغىر مەسىلىلەر، ئالىي مەكتەپلەرنى يېڭى پۈتتۈرۈپ ئىشقا چىققان قىسمەن ياشلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىپ كومپيۇتېر ياكى قەلەمدە بولمىسۇن نورمال يېزىقچىلىق، ماتېرىيال بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەركۆرۈلدى، بۇ ھەربىر كىشىنىڭ بولۇپمۇ ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئويلىنىشىغا تېگىشلىك مەسىلە. بەلكىم بىز ئۇيۇشتۇرغان بۇ تايىنىيوق پائالىيەتكە قاتنىشىش ئويى ياكى ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز باللىرىنىڭ خەت ساۋاتى، ئىملاسى، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى، ئىجادىيەت ئېڭى قاتارلىقلار توغرىسىدا چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
ئادەتتە بالىلار، ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقا ۋاقىتقا قارىغاندا قىشلىق تەتىلدە ۋاقتى بىر ئاز ئارسالراق بولىدۇ، شۇڭا قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە مۇنبەرنىڭ بالىلارغا ئاتالغان مەخسۇس سەھىپىلىرىدە مەخسۇسكۆلەملىك ئەدەبىي ئىجادىيەت، پىكىر ئالماشتۇرۇش، يېتەكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشنى ئويلاشتۇق.
پائالىيەت شەكلى: سىز مەيلى ئاتا-ئانا بولۇڭ، ئوقۇتقۇچى بولۇڭ، ئوقۇغۇچى بولۇڭ، مۇنبەرگە تىزىملاتقاندىن كىيىن ماس سەھىپىگە ماس ئەسەرلەرنى يوللىسىڭىز بولىدۇ، بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق ئۆزلىرى يازغان مەشىق ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە پىششىقلاپ ۋە تەھرىرلەپ مۇنبەرگە يوللىسا بولىدۇ، ئاندىن مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى، تەكلىپلىك يازغۇچىلاردىن تۈزۈلگەن يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەسەرگە قارىتا تەكلىپ-پىكىر، تۈزىتىش بىرىدۇ، بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن ئەدەبىي يېزىقچىلىق ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
ئەسەر يوللاش ئۇسۇلى: مۇنبەرگە ئەزا بولۇش، ئەسەر يوللاش ئۇسۇللىرى مۇنبەردە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان، ئەسەر يوللاشتا چوقۇم كومپىيۇتىر بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ، مۇنبەرنى يانفۇن تور كۆرگۈچىدە بىمالال كۆرۈشكە، تېما يوللاشقا بولىدۇ.تىخىمۇ قولايلىق بولسۇن دېسىڭىز يانفۇن ئەپ نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئاندىن مەشغۇلات قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنىمۇ مۇنبەردىن تاپالايسىز.
ۋاقتى: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە.
يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار: مۇنبەردىكى بەش نەپەر تەكلىپلىك يازغۇچى، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچى
پائالىيەت ئادېرسى: پېشۋا مۇنبىرى ياش ئۆسمۈرلەر سارىيى،http://www.pixwa.cn/forum.php?gid=38
پېشۋا مۇنبىرى ئەزالار ئالاقە كىيۇ-كىيۇ توپى: 232963054
بۇ پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، كەڭ كۆلەملىك، ئۈنۈملۈك ئىلىپ بىرىلىشى ئۈچۈن، تېمىغا قارىتا يازغۇچى-شائىرلارنىڭ، ھەۋەسكارلارنىڭ، كەڭ ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەرقانداق دوستانە تەكلىپ پىكىرى بولسا بىز قىزغىن قارشى ئالىمىز.
تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار، بالىلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىشى ئۈچۈن كىيۇ-كىيۇ، ئۈندىدار، توردا كۆپلەپ تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
پېشۋا مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئالىپ ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىنى ئېلان، تەشۋىقات ئەمەس، ئەل رايى ئىشىكەن دەپ تونۇپ تەستىقلاپ قويغانلىقىغا رەھمەت ئىيتىمەن. ئالىپ ئەپەندى بارمۇسىز؟ پىكىر تەكلىپ بارئىدى يانفۇن ئەپ نۇسخىسىنى نەدىن چۈشۈرمىز؟ئادىرىسى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن alip.biz/alip.apk مۇشۇ ئادرستىن چۇشۇرىسىز
★BABUR★ يوللىغان ۋاقتى2015-1-30 14:11
يانفۇن ئەپ نۇسخىسىنى نەدىن چۈشۈرمىز؟ئادىرىسى قالدۇر ...
http://www.pixwa.cn/plugin.php?id=appbyme_app:download ئالىپ ئەپەندى ئوڭ كونۇپكىنى چەكلەش كودى بەزى ھەرىپلەرنى قوللىمايدىكەن، مەنمۇ كىيىن بايقاپ ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتكەن ئىدىم. يەنى شىت بىلەن ئۇرۇلىدىغان ھەرىپلەرنى باسقىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ تۋەن دەرىىلىك ئەزالار. قاراپ باقارسىز.
يەنە بىر ئىش روم تەرىمان پىدائيلىرى مۇمكىن بولسا پېشۋا مۇنبرىنىڭ ئەپ دىتالىنىڭ تەرىمىسىنى كرۈپ باقساڭلار.
بەزى ھەرىپلەرنى كىرۈزۈشكە ئىمكان بولمىدى. :( پېشۋا ئەپ دىتالى ئەپ بازىرى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپتۇ. :)
http://www.julaapp.com/android.php?ac=detail&cname=yueduxuexi&id=3311 تىرىشچان ئەزالارنىڭ مەزمۇن كۆچۈرۈش ئىقتىدارى چوقۇم چەكلىنىپ قاپتۇ پېشۋا يوللىغان ۋاقتى2015-1-30 18:50
http://www.pixwa.cn/plugin.php?id=appbyme_app:download
رەھمەت چۈشۈرۋالدىم چۈشۈرۈلمەيدۇغۇ
بەت:
[1]