سەئدىيە يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 17:53:42

مەنزىل ئېلكىتاپ ياساش گۇرۇپپىسىغا ئ‍ەزا بولۇڭ

 
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار:

مەنزىل گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان 2 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان خەلقىمىزگە ئەڭ ياخشى بولغان بىلىم مەنبەسىنى تەمىن ئېتىش مەقسىتىدە ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا خەلقىمىزنىڭ كىتابقا بولغان تەشنالىقى ۋە قىزغىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ «مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى» ۋە «مەنزىل بىلوگى» دىن ئىبارەت بىر نەچچە تور بەت مەيدانغا كەلدى. ھەمدە تور دۇنياسىدىن توپلانغان ۋە مەنزىل گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ياسالغان ئېلكىتابلار تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. تەخمىنەن 1يىل بۇرۇن مەنزىل گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «مەنزىل ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى» تەشكىللەنگەن، ھەمدە «ئىز» رومانىنىڭ كومپيۇتېر، يانفۇن ئېلكىتاب نۇسخىسى ۋە ئاندرويد ئەپ دېتالى ياساپ چىقىلغان ئىدى. «مەنزىل ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى»نىڭ بۇ تۇنجى ئەمگەك مېۋىسىنى تورداشلار ياقتۇرۇپ كۆرگەن ۋە يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى. لېكىن، تور بەت توغرىسىدىكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ «مەنزىل ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى» ۋاقىتسىز تارقىتىۋېتىلدى. گەرچە ئىزچىل بۇ گۇرۇپپىنى قايتىدىن تەشكىللەش ئويىمىز بولسىمۇ، ۋاقىت ۋە پۇرسەت يار بەرمىگەنلىكتىن تا ھازىرغىچە سوزۇلۇپ كەلگەن ئىدى.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «مەنزىل ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى» نى قايتىدىن تەشكىللەشنى قارار قىلدۇق. بۇ قېتىم تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا ئارقىلىق ھازىر تورغا يوللانمىغان ياكى تورغا يوللىنىپ بولسىمۇ ئىملا خاتالىقى كۆپ بولغان ماقالە-ئەسەرلەرنى كومپيۇتېردا بېسىپ چىقىش ۋە ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقچى.

مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرىدىن ئىبارەت بىر قانچە تور بەت پەقەت كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، چۈشۈرۈلگەن كىتابلاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ. تور بەت ۋە ئېلكىتابلاردىن مەنزىل گۇرۇپپىسى ئازراقمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشمەيدۇ. شۇڭا «مەنزىل ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى»غا قاتناشقان ئەزالارغا ھەق بېرىلمەيدۇ. بۇ گۇرۇپپىدا ئېلىپ بېرىلغان بارلىق پائالىيەت ۋە خىزمەتلەر پۈتۈنلەي خالىسانە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىقتىسادىي مەنپەئەت كۆزلىگۈچىلەرنىڭ گۇرۇپپىغا قېتىلماسلىقىنى سورايمىز. ئەگەر سىزمۇ ئەمەلىي ئەمگىكىڭىز ئارقىلىق بىلىمخۇمار خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇڭىز بولسا دەرھال بىزگە قېتىلىڭ!

گۇرۇپپىغا قاتناشقۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ:
1. كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال ئۇرالايدىغان بولۇش.

2. خەت ئۇرغاندا ئىملاسىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. (مۇھىم نۇقتا)

3. بۆلۈنگەن خىزمەتنى ۋاقتىدا تاماملاش، ئىش تەقسىماتىغا بويسۇنۇش

4. ھەپتىدە 6-10 سائەت ۋاقىتنى بۆلۈنگەن خىزمەتكە ئاجرىتالايدىغان بولۇش.

 
يۇقىرىقى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن ۋە خالىسانە ئەمگەك قىلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ تۆۋەندىكى ئالاقىلىشش ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق گۇرۇپپىمىزغا قېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 
چ چ : 846333585

ئېلخەت : book@menzil.biz

                          ھۆرمەت بىلەن مەنزىل گۇرۇپپىسى

2015-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 19:43:30

ھەپىتدە6- سائەتتىن 10 سائەتكىچە ۋاقتنى بۆلۈنگەن خىزمەتكە   ئاجىرتالايدىغان بۇلۇش ، دىگەن بۇ تۈرنى قۇبۇل قىلىش تەسكە توختاپ قالدىكەن ماڭا،قاچانبىكار ۋاختى بولسا شۇ چاغدا ۋەزىىپە ئىلتىماس قىلىسا بولدىغان بولساكۆپ ئەزايىغىلغان بۇلاتتى مىنىڭچە،
لىكىن سىلەرنىڭ گۇرپاڭلارغا ئەزا بولماي ئۆزى ئىلكىتاپ ئىشلەپ تور بىتىڭلاردا ئىلان قىلسا بۇلامدۇ،،،،؟

naprat333 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 19:12:32

ياخشى ئ‍شكەنياخشى باشلنىش

تەۋەككۇل يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 19:21:47

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مەن قوللايمەن . مىنىڭ كومپىيوتېر ئىشلىتىش شارائىتىم يوق.ئەگەردە يانفۇندا بولسىمۇ بۇلىدۇ دىسىڭىز مەن قاتنىشىشنى خالايمەن.

سەئدىيە يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 19:41:42

ئ‍ۈستىدە يىزىلغان چ چ نۇمۇرى بىلەن ئ‍الاقىلىشىڭ ،تىلفۇندا قىلالىسىڭىزمۇ مەيلى

patih007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 21:07:27

تېلفۇندا بولسا مەنمۇ قاتناشسام بولغىدەك .

ㄨОん:[0903] يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 21:16:36

ۋاھ ماۋۇ ئشنې   مەن كومدا خەت باسالمايمەن ئەپسۇس

izdinix93 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 21:22:21

ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىمۇ كۆپرەك يوللاپ قويسىڭىز، خېلى كۆپ ئەسەرلەنى چۈشۈرۋالدىم، رەھمەت سېلەرگە

menzilbiz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 22:38:12

bayawat يوللىغان ۋاقتى2015-1-23 19:43
ھەپىتدە6- سائەتتىن 10 سائەتكىچە ۋاقتنى بۆلۈنگەن خىزمەت ...

ھەپتىدە 6-10 سائەت ۋاقىت چىقىرىش دىيىشىمىز پەقەت ۋاقىتنى بەك سوزۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن.
ئەزا بولماي تۇرۇپ ياسىغان ئېلكىتابلار بولسىمۇ تور بېتىمىزدە ئەزالار كىتاب يوللاش ئىقتىدارى بار. بىز مەزمۇنىغا قارىتا تەستىقلاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن تور بەتتە ئېلان قىلساق بولىدۇ.

KAWSAR@ يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 23:12:09

بەك ياخشى بۇپتۇ .

سەئدىيە يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 23:32:28

تىلىفۇندا قىلىمەن دىسىڭىز ،بەك جاپا تارتىپ قالىسىز،ھەم تىلفۇندا قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ،بەك جىق ۋاقتىڭىز كىتىپ قالىدۇ

mustapaali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 00:06:39

ئۇنداق بولسا مەن بەك ماس كىلىدىكەنمەن،سىناپ باقسام بولغىدەك.

wolkan9901 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 00:09:30

مەن ئېلخېتىڭىزگە خەت يازسام جاۋاپ قايتۇرمىدىڭىز. مەن كومپيۇتېردا خەت يازسام ھەر مىنۇتىغا 90-110 ھەرىپ بەلگە، توغرىلىقى ٪98، ئۇيغۇرسوفىت ئىملاچىدا تەكشۈرسەم (خوتەنلىك بولغىنىم ئۈچۈن تەلەپپۇزۇم ئېغىر) ئىملا ٪80-85،
يانفۇندا خەت يازسام ھەر مىنۇتىغا 60-70 ھەرىپ بەلگە كىرگۈزەلەيمەن.
ئەمما يانفۇندا كىرگۈزگەن خەتلەرنى كومپيۇتېردا ئاچسام مۇرەككەپ خەنزۇچە، بەلكىم ئۇمۇ ئەمەس چىقىۋالدى. كىيىن win7 دە ئاچسام نورمال. بۇرۇن xp دا ئاچقان. بۇ windows نىڭ ئىشىمۇ ياكى باشقا ئىشمۇ بىلمىدىم.
خالىسىڭىز مەن قاتنىشاي.

★BABUR★ يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 01:11:56

مەن قوللايمەن لىكىن ئۈگۈنۈش تۈپەيلى قاتنىشالمايمەن

890 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 01:57:12

مەنمۇ قوللايمەن!!!يانفۇن كومپىيوتېر ھەر ئىككىلسىدە خەت بېسىشتا يامان ئەمەس،ئىملا ۋە باشقا ئىشلار جەھەتتە يامان ئەمەس.لىكىن تۇرمۇش خىزمەت تۈپەيلى ۋاقتىم سەل ئالدىراش ھازىرچە قاتنىشالمايدىكەنمەن،شارائىتىم ياربەرسەقاتنىشاي.
بەت: [1] 2
: مەنزىل ئېلكىتاپ ياساش گۇرۇپپىسىغا ئ‍ەزا بولۇڭ