MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 23:54:41

ئوغلانىمىز مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ تەرجىمھالى

بۇ مەرھۇم ئابلەتكامنىڭ يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى يەنە بىر يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن ئوغلانىمىزنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى بولدى.
http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2013/1210/20131210012747606.jpg
ھەي نېمە دەيمىز، مەرھۇم ئوغلانىمىزنى كىچىكىمدە گېزىت – ژورناللار ۋە تېلېۋىزورلاردىن بىلگەن ئىدىم. ئۇ چاغلاردا ئابدۇشۈكۈر ۋە ئابدۇراخمان ئابلىكىملارنىڭ تەسىرىدە مەكتەپلەردە ئوغۇللار ئارا بوكىس پەلىيى سېتىۋېلىپ مەشىق قىلىش مودا بولغان ئىدى. مانا شۇ بىزلەرگە ئوت ياققان ئوغلانىمىزنى ئۇزىتىپ قويدۇق. ئۇنىڭ تەرجىمھالىنى توردىن ئىزدەپ يوللاپ قوياي دېگەن نىيەتتە ئىزدەپ شۇنى بايقىدىمكى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا يېزىلغان تەرجىمھالىنى تېپىش تەسراقكەن. ھازىر يېزىلغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇسىبەت خەۋىرىدىن كېيىن يوللانغان تېمىلاركەن. ئويلاپ قالدىم، ئەجىبا بىرى ئارىمىزدىن كەتمىسە ئۇنى ئەسلىمەمدۇق؟! ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىمىدىم.
http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2013/1210/20131210012818248.jpg
بەزى جايلىرىنى تەھرىرلەپ قويدۇم.
شىنجاڭ بوكس كوماندىسى قۇرۇلغان 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ بوكس ھەركىتى يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ، جوڭگو بوكسچىلىق تارىخىدا ناھايىتى زور شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردى.
شۇ قاتاردا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان، تۇنجى بولۇپ جوڭگودىنئاسىيا چىمپىيونى بولغان ، ئاسىيا بوكس سەھنىسىدە نۇرغۇن ماھىرلارنى قورقۇتقان بىر ئەزىمەت بار، ئۇ بولسىمۇ سابىق شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ھازىرقى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى - ئابدۇراخمان ئابلىكىم.
ئابدۇراخمان ئابلىكىم 1978-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالتاي شەھىرىدە تۇغۇلغان.
ئۇ 1985-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 7-ئايغىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىئالتاي شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىدى.
1995-يىلى شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىبىگە كەلدى.
ئۇ شۇ يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا تاللىنىپ، تېرنېرى مەرھۇم ئابلىكىم ئابدۇرىشىتنىڭ يېتەكچىلىگىدە كەسپىي بوكس مەشقىنى باشلىدى.
http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2013/1210/20131210012845262.jpg
1998-يىلى شىنياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك سەر خىللار بوكس مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.
1999-يىلى ئۆزبىكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بوكس چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا ئارقا-ئارقىدىن ھىندىستان، كورىيە ۋە قىرغىزىستان ماھىرلىرىنى يېڭىپ، ئۇيغۇرلاردىن شۇنداقلا جوڭگودىن چىققان تۇنجى ئاسىيا چىمپىيونى بولۇپ قالدى.
1999-يىلى ئۇ يەنە گۇيجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيپون بولدى
2000-يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.
http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2013/1210/20131210012920350.jpg
2000-يىلى ئاۋىستىرالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 27-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئۇ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە پولشا ماھىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، گەرچە بۇ ئىككى ماھىرنىڭ ئومۇمى سەۋىيىسىدە پەرىق بەك چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن چوڭ خەلقئارا مۇسابىقە تەجرىبىسىنىڭ كەمچىللىكى دەل ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويىشىغا سەۋەپ بولدى.
2001-يىلى 5-ئايدا ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىدا 3-بولدى.
2001-يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسى 75 كىلوگراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.
http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2013/1210/20131210012951441.jpg
2002-يىلى مەملىكەتلىك بوكس چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.
2002-يىلى كورىيەنىڭ پۇسان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.
2003-يىلىغا كەلگەندە ئولىمپىكنىڭ دۇنياغا كەلگەن جايى- گىرىتسىيە پايتەختى ئافىنادا ئۆتكۈزىلىدىغان 28-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئىستىگىدە قاتتىق مەشىق قىلىۋاتقان ئابدۇراخمان بەل كۆمۈرچەك ئۇمۇرتقىسى چىقىۋېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى ۋە شۇ قېتىمقى ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.
شۇنداقتىمۇ ئابدۇراخمان يەنىلا مەشىقنى تاشلاپ قويماي داۋاملاشتۇردى.
2005-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك بوكسچىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە يەنە بىر قېتىم چىمپىيون بولدى.
2008-يىلى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدا تېرنېر ھەم تەنھەركەتچى بولۇپ ئىشلىدى.
2009-يىلىدىكى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە 2- بولۇپ، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
2009-يىلى 11-نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قاتنىشىپ، 1-مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى يېڭىپ، 2-مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قالدى.
شۇندىن كېيىن بوكس سەھنىسىدىكى 15 يىلغا يېقىن ماھىرلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىدى.
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201501/21/184622l3l1s1xem5h4mo8t.jpg
مەرھۇم پەقەت بوكىسچى بولۇپلا قالماي يەنە تەرجىمانلىق، يازغۇچىلىقتىنمۇ خەۋىرى بار ئىدى.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.

بىز ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئۆزى تاماملاپ بولالمىغان ئۇلۇغۋار غايىلىرىنى ئۆز شاگىرتلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ ۋە جوڭگو بوكسچىلىق ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور شان-شەرەپلەرنى قازىنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

Gerip520 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:20:21

//mobcent//app/data/phiz/default/34.png

Aziz24 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:56:18

ياتقان يىرى جەنەتتە بولسۇن.

murat.. يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 14:31:10

رەھمەتللك. يۇقرى.نەتجللەرنى .قولغاكەلتۈرۈپتكەن.ئەپسۇس.......ئايرىللپ قاپتۇق.ياتقان.يىرى جەننەتتە بولسۇن.

alnida يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 21:24:47

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى مەيدانىدا يىڭىپ ئىككىنچى مەيدانىدا مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن يىڭىلىپ قالغان ،ئەگەردە يىڭىلىپ قالمىغان بولسا ،ھەي…رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن،ئامىيىن،

azak يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 22:13:56

ئابلەتكام دىگەن كىشىكىم تەپسىلى دىمەپسىز

خاقانى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 23:20:32

ياتقانيىريجەننەتتەبولسۇن

★BABUR★ يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 23:44:35

ھەي بىر ئوغلانىمىزدىن ئايرىلىپ قاپتىمىز ئامىين
بەت: [1]
: ئوغلانىمىز مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ تەرجىمھالى