ئۇيغۇرچە قاچىلاش بولىقى قانداق ياسىلىدۇ؟(Inno Setup)
1-كۆرۈنمە تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىش:نۆۋەتتە تارقىتىلغان نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تەمىنلەنگەن. كود ئىچىدىكى تۈرى ئىچىگە پەقەت تۆۋەندىكى قۇرلارنى قىستۇرۇپ قويساقلا كۇپايە.
Name: "uighur"; MessagesFile: "compiler:Languages\Uighur.islu"2- كۆرۈنمە يۈزى فونتىنى تونۇتۇش:
تىل بولىقى ئىچىگە ALKATIP فونت نۇسخىسىغا تەڭشەلسۇن دەپ يېزىلغان. لېكىن قاچىلانغاقچى بولغان كومپيۇتېردا چوقۇم ALKATIP خەت نۇسخىسى قاچىلانغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن نورمال كۆرۈنىدۇ. شۇڭا قاچىلاش بولىقى قوزغىلىشتىن ئاۋۋال فونتنى ئىشلەتكۈچى كومپىيوتېىغا قاچىلىۋېتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك كودنى قىستۇرىمىز:
Source: "C:\Program Files\Inno Setup 5\InstallFont\UighurSystemFontMessage.exe"; DestDir: "{app}\InstallFont"; Flags: ignoreversion
function InitializeSetup(): boolean;
var
ResultCode: Integer;
ResultStr: String;
begin
if
RegQueryStringValue(HKLM, 'SOFTWARE\Microsoft\Windows NT\CurrentVersion\Fonts', 'alkatip(TrueType)' , ResultStr) or
RegQueryStringValue(HKLM, 'SOFTWARE\Microsoft\Windows NT\CurrentVersion\Fonts', 'alkatip (TrueType)', ResultStr) or
RegQueryStringValue(HKLM, 'SOFTWARE\Microsoft\Windows NT\CurrentVersion\Fonts', 'ALKATIP(TrueType)' , ResultStr) or
RegQueryStringValue(HKLM, 'SOFTWARE\Microsoft\Windows NT\CurrentVersion\Fonts', 'ALKATIP (TrueType)', ResultStr) or
RegQueryStringValue(HKLM, 'SOFTWARE\Microsoft\Windows NT\CurrentVersion\Fonts', 'Alkatip(TrueType)' , ResultStr) or
RegQueryStringValue(HKLM, 'SOFTWARE\Microsoft\Windows NT\CurrentVersion\Fonts', 'Alkatip (TrueType)', ResultStr)
then
else
begin
ExtractTemporaryFile('UighurSystemFontMessage.exe');
Exec(ExpandConstant('{tmp}\UighurSystemFontMessage.exe'), '', '', SW_SHOWNORMAL, ewWaitUntilTerminated, ResultCode);
end;
result:=true
end;بۇ كود ئارقىلىق كومپيۇتېرغا ALKATIPخەت نۇسخىسىنىڭ قاچىلانغان قاچىلانمىغانلىقىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ھەمدە قاچىلانمىغان بولسا فونت قاچىلاش پروگراممىسىنى قوزغىتىدۇ. قاچىلانغان بولسا بىۋاستە دېتال قوزغىلىدۇ. كود ئىچىدىكى UighurSystemFontMessage.exe فونت قاچىلايدىغان پروگرامما. دېتال قاچىلانغان مۇندەرىجىدە بار.
3-ئوڭدىن سولغا توغۇرلاش:
ئادەتتە بىز خەنزۇچە دېتاللارنى ئىشلىتىپ كۆنگەچكە Windows8 ئۇيغۇرچە چىققاندىن كېيىن كۆپىنچىمىز كۆنەلمىدۇق. چۈنكى ئۇيغۇرچە Windows8 دىكى بارلىق كۆزنەكلەر، ۋە بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلار خەنزۇچە سىستېمىنىڭ دەل ئەكسى بولۇپ چىقتى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرچە سىستېمىنىڭ موشۇنداق ياسىلىشى توغرا بولۇپ، ئادەتتە دېتاللارنىمۇ موشۇنداق ياسىشىمىز موشۇنداق تەڭشىشىمىز كېرەك.
نۆۋەتتە Inno Setup نىمۇ ئوڭدىن سولغا توغۇرلىغىلى بولىدۇ(كۆزنەك توغۇرلانمايدۇ). تۆۋەندىكى قۇرنى قىستۇرىمىز:
RightToLeft=yesمانا موشۇ بىر نەچچە مەسىلىگە دىققەت قىلساقلا، ئۇيغۇرچە مۇكەممەل قاچىلاش بولىقى ياساپ چىقالايمىز.
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
1-Inno Setup(قاچىلاش بولىقى ياسىغۇچ) نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
http://bbs.kerindax.net/showthread.php?tid=39
2-فونت قاچىلاش پروگراممىسى(ALKATIP)
http://bbs.kerindax.net/showthread.php?tid=38
3-Pascall تىلىدىن ئاساس
http://bbs.kerindax.net/showthread.php?tid=55 مۇشۇنداق قاچلاش پىرۇگىرامىسىنىڭ ئۇس توركۆرگىچنىڭكىدەك
قوزغىلدىغىنى يوقمۇ يەنە بىر ۋىروس تازلاش دىتالنىڭمۇ بىر
بۇيرۇق بىلەن بىرتال سىزىقچە نۇرچىچىپلا قوزغىلكەن
ئۇشۇقچە كىيىنكى قەدەم ئالدىنقى قەدەم دىگەندەك ئەسكەرىتمىلەرمۇ يوقكەن بولسا ئاشداق قاچلاش پىرۇگىرامما
ياساش دىتالى تاپقىلى بولسامەن دىگەنلىرغۇ شۇ شىركەت ئۈزنىڭ دىتالىغا ئاتاپلا ياسغىنى ئوخشايدۇ رەھمەت سىلەرگە. بۇمۇ ئۇيغۇر تېل يېزقىمىز ئۇچۇن بەك پايدىلىق. رەھمەت. Bulbul808 يوللىغان ۋاقتى2015-1-15 17:02
مۇشۇنداق قاچلاش پىرۇگىرامىسىنىڭ ئۇس توركۆرگىچنىڭكىدە ...
ئۇ دىتاللارنىڭ قاچىلاش پروگراممىسىنى ئۆزى نۆلدىن باشلاپ ياساپ چىقىدۇ. exeدىتالىنى ئۆزى 0دىن باشلاپ ياسامدۇ kerindax يوللىغان ۋاقتى2015-1-15 17:24
ئۇ دىتاللارنىڭ قاچىلاش پروگراممىسىنى ئۆزى نۆلدىن باش ...
ئەمسە ئۇنداق بىر كۇنۇپكا بىلەن قاچلىندىغان قىلغىلى بولدىغان قاچلاشپىروگىراممىسى تاپقىلى بولمايكەن ھە ؟ Bulbul808 يوللىغان ۋاقتى2015-1-15 19:16
ئەمسە ئۇنداق بىر كۇنۇپكا بىلەن قاچلىندىغان قىلغىلى ب ...
ئۇنداق چىرايلىق قاچىلانمىسىمۇ، بىر كونۇپكىدا قاچىلىنىدىغان قىلغىلى بولىدۇ. 008 يوللىغان ۋاقتى2015-1-15 18:18
exeدىتالىنى ئۆزى 0دىن باشلاپ ياسامدۇ
ئۇنداق دېگىلى بولمايدۇ. مەن چۈشەنمىدىم بۇ تېمىدا دىيىلگەنلەرنى قىرىنداشلىرىمنىڭئەقلىگە باركاللاداملىق تىرشەڭ
kerindax يوللىغان ۋاقتى2015-1-15 21:16
ئۇنداق چىرايلىق قاچىلانمىسىمۇ، بىر كونۇپكىدا قاچىل ...
سىز تۈزگەن قاچلاش يىتەكچىسىدە بولامدۇ ياكى تەرجىمە قىلغىندىمۇ ؟ Bulbul808 يوللىغان ۋاقتى2015-1-16 11:17
سىز تۈزگەن قاچلاش يىتەكچىسىدە بولامدۇ ياكى تەرجىمە ق ...
«قېرىنداش» قاچىلاش پىروگراممىسى ياسىغۇچ(2.0) نىڭ ئىقتىدارى ئاددىي. پەقەت ئادەتتىكى كىچىك تىپتىكى پروگراممىلارغا ماس كېلىدۇ. VB6.0 دا يېزىلغان پروگراممىلارنى بولاقلاشقا لايىقلاشتۇرۇلغان. Inno Setup بولسا ئىقتىدارى كۆپ خىل. پروگرامما بىلەن ھەل قىلىش ئىقتىدارى بار. ئەگەر چىرايلىق كۆرۈنمە يۈزلۈك قاچىلاش بولىقى ياسىماقچى بولسىڭىز، Inno Setup نىڭ تېرە ھۆججىتى بولۇپ، كۆرۈنمە يۈزىنى ھەرخىل تەڭشىگىلى، ھەرىكەتچان رەسىملەرنى قىستۇرغىلى بولىدۇ..... بۇ تۇغۇرلۇق داۋاملىق تېما يوللىنىدۇ. Bulbul808 يوللىغان ۋاقتى2015-1-16 11:17
سىز تۈزگەن قاچلاش يىتەكچىسىدە بولامدۇ ياكى تەرجىمە ق ...
سىز دېگەن ئىقتىدارنى تامامەن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. توردىن ماتىريال ئاختۇرۇپ يۇرۇپ، ھەر قانداق قاچىلاش بولىقىنى ياسىغىلى بولىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى.
بەت:
[1]