تىزگىنەك ياساش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا umit2005 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-14 22:07ئەسكەرتىش: ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق تىزگىنەك ياساپ چىقماقچى بولسىڭىز، تېمىنى ھەمدە چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئەستايدىل ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. (بىر قىسىم جاۋابلار ئىنكاستىن تېپىلىدۇ، ھەمدە بەزى مەزمونلار تېمىنىڭ ئاخرىسىغا قۇشۇلۇپ ماڭىدۇ)
تىزگىنەك دىتالى دىگەن تېما (/forum.php?mod=viewthread&tid=36730) يوللانغاندىن كىيىن، بەزىلەر تېلفۇنىمىزنىڭ تىزگىنەك ئىقتىدارى بولمىسا، قانداق قىلىمىز؟ دىگەندەك ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپتۇ. مەن ئۇ يەرگىمۇ ئىنكاس قالدۇرغان ئىدىم. تىزگىنەكنى ئۆزىمىز قول سىلىپ ياساش جەريانىنى تەپسىلىرەك يېزىپ، ئايرىم تېما قىلىش مەقسىتىدە، بۇ تېما ئايرىم يوللاندى.
ئەگەر تېلفۇنىمىزنىڭ تىزگىنەك ئىقتىدارى بولمىسا، ئۆزىڭىز قول سىلىپ ياسۋالسىڭىز بولىدۇ.
مەن ئادەتتە كومپىيۇتېر بىلەن ھەپلەشكەندىن باشقا، رىمۇنىتچىلىق ئىشلىرى بىلەنمۇ ئانچە- مۇنچە ھەپلىشىپ قويىمەن. داغمال، توك ئۆلچەش ئەسۋابى قاتارلىق ئۆزەمنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇدەكبەزى ئەسۋاپلىرىم بار.
ئۆزىمىز قول سىلىپ تىزگىنەك ياساش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:
: ئادەتتىكى تىزگىنەكنىڭ سىرىتقا چىقىپ تۇرغان ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق چىرىقىنى ئۈزۈپ ئالىسىز(بىر تال). تىڭشىغۇچنىڭ تېلفۇنغا تېقىدىغان بېشىدىن بىرنى تەييارلايسىز( ئادەتتىكى تېڭشىغۇچنىڭ بېشىنى كېسىپ ئالسىڭىز بولىدۇ)، ئاندىن ئىككىسىنى ئۇلايسىز، تېڭشىغۇچ بېشىنىڭ ئۈچ تال ئۇچى بولىدۇ، ئۇلىغاندا ئەڭ سىرتىدىكى تاش قاپنى قالدۇرۇپ قالغان ئىككى ئۇچقا ئۇلاڭ.رەسىمدىكىدەك:
ئاندىن بۇ ئۇرۇننى 302 يىلىم بىلەن قاتۇرۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ كىچىك ھالەتتە ياساپ چىقىمەن دېسىڭىز ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق چىراقنىڭ ئىككى پۇتىنى كېسىپ ئەڭ قىسقا ھالەتكە كەلتۈرۈڭ، تېڭشىغۇچ بېشىنىڭ ئۇچىدىكى سۇلىياۋنى كېسىۋىتىپ، ئېچىدىكى تۆمۈر ئۇچىنى چىقىرىڭ، بولسا تۆمۈر ئۇچنىمۇ كېسىپ ئازراق قىسقارتىڭ، ئاندىن ئىككىسىنى داغمال بىلەن ئۇلاڭ (رەسىمدىكىدەك).
ئەڭ قىسقا قىلىمەن دىسىڭىز ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق لامپىنىڭ ئەڭ كىچىگنى تاللىشىڭىز كېرەك. مەن ئەڭ قىسقا قىلغىنىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7-8 مىللىمىتىېر ئەتراپىدا.
بۇ تىزگىنەك ئەسۋابى تېلفۇنغا ئۇلاقلىق ھالەتتە تېلفۇن قوبۇل قىلسىڭىز، تېلفۇننىڭ ئاۋازى چىقمايدۇ، چۈنكى تېلفۇنغا تېڭشىغۇچ ئۇلاقلىق بولسا، تېلفۇننىڭ ئاۋازى چىقمايدۇ، شۇڭا تېڭشىغۇچنىڭ بېشىنى قۇم چاق بىلەن ياپىلاق قىلىمىز، رەسىمدىكىدەك. بۇ ۋاقىتتا بۇ تىزگىنەك ئەسۋابىنى تېلفۇنىڭىزدىن چىقىرىۋەتمەي ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز تىزگىنەكنى ئىشلەتمىگەندە، ئەسۋاپنى 90گىرادۇس ئايلاندۇرۇپ قويسىڭىزلا، تېڭشىغۇچ ئۇلاقلىق ھالەت يۇقايدۇ، يەنى تېلفۇنىڭىزنىڭ ئاۋازى بار بولىدۇ. تىزگىنەك ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئەسۋاپنى 90گىرادوس ئايلاندۇرسىڭىزلا تىزگىنەك ئىشلەيدۇ.
مەن ئەڭ قىسقا قىلىپ باقاي بىر نەچچىنى ياساپ باققان، بارلىق تېلفۇنلارغا ئاساسەن ماس كىلىدۇ. مەن سەنشىڭ، كۇپەي، موتۇرۇلا، لىيەنشىياڭ قاتارلىق تېلفۇنلاردا سىنىغان. باشقۇرغىلى بۇلىدىغان ئېلىكتىر ئۈسكىنىلەرگە كەلسەك، مەن ئۇچرىغانلا ئۈسكىنىنى ئىزدىتىپ كۆرگەن، ئېلىكتىر ئۈسكىنىلىرىنىڭ ھەممىسىنىلا ئاساسەن باشقۇرغىلى بولىدۇ، مەن باشقۇرۇپ باققان ئۈسكىنىلەردىن تېلۋىزوردىن 6 خىل(سەنشىڭ، سوني، باشقا) ، ھاۋا تەڭشىگۈچ 4خىل(格力,志高 قاتارلىقلارنىڭ ھەرخىل تىپلىقى)، سۈنئى ھەمراقۇبوللىغۇچ3خىل(چوڭ كىچىك قازان)، iptv ئۈسكىنىسى، DVD قويغۇچ، توردىن كىنو كۆرىدىغان تېلۋىزور ئۈستى قۇتىسى ، ئادەتتىكى تىزگنەكلىك ئۈستەل شامالچىسى، سۇ قۇيىدىغان شامالچى، سايە چۈشۈرۈش ئاپاراتى تويىڭجى قاتارلىق ئەسۋاپلار بار.
مەن ئىشلەتكەن دىتال 遥控精灵 ، توردىن ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز،
ئەگەر بۇنداق كىچىك ھالەتتە ياسىمىساممۇ بولىدۇ دېسىڭىز، تېڭشىغۇچنىڭ ئاڭلايدىغان قىسىمىنى كېسىۋىتىپ، شۇ سىمنىڭ ئۇچىغا لامپىنى بىۋاستە ئۇلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەگەر قول سېلىپ ياساشقا ئېرىنسىڭىز ، تاۋباۋدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. تاۋباۋدىن تىزگىنەك دەپ ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز.
تۆۋەندىكى مەزمون 2014-يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى تولۇقلاندى.
ئەگەر ياساپ سىناق قىلىۋاتقانلار بولساق، تۆۋەندىكى نوقتىلارغا دىققەت قىلايلى:
1. بۇ ئەسۋاپنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك ياسالغان بولۇشى بىر مەسلە، سىزنىڭ ئېلىكتىر ئۆسكۈنىڭىزگە ماس كىلىدىغان تىزگىنەكنى تاپالىشىڭىز بىر مەسلە. بۇنداق دىگىنىم بۇ ئىككى مەسلە تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا سىناق قىلغاندا بۇ ئىككى ھالقىدىن قايسىسىدا مەسلە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز ئېلىكتىر ئۈسكىنىڭىزگە ماس كىلىدىغان تىزگىنەكنى ئىزدەش جەريانىدا، ئاسانلا بەل قۇيۇۋەتسىڭىز، مەسلىنى ئۆزىڭىز ياسىغان تىزگىنەككە قۇيۇۋىلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا بۇنىڭغا سەۋرىچان بولۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇلاشقا تىگىشلىك پۇتلار تولۇق تىگىشكەن بولسىلا، ياسىغان تىزگىنىكىڭىزدە مەسلە كۆرۈلمەيدۇ.
مەن سىناق قىلغاندا ئىككىنچى مەسلىنى ئويلاشمىغان ئەھۋالدا سىناق ئېلىپ بارغان. بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ، مېنىڭ بىر دۈستۇم توردىن بىر تىزگىنەكنى سېتىۋىلىپتىكەن، مەن دەسلەپتە شۇ تىزگىنەكنى ئىشلىتپ، ئۆزەمنىڭ ئېلىكتىر ئۈسكىنىگە مەس كىلىدىغان تىزگىنەكنى تەڭشەپ بولغان. شۇڭا تىزگىنەكنى ياساپ بولۇپلا، ئەسلى تەڭشەپ قويغان تىزگىنەك ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بارغان.
2.دىتالنى ئېچىپ قويۇپ تۇرۇپ، تىزگىنەكنى چىقىرىۋىلىپ، ئاندىن قايتا سانجىپ، دىتالنى قايتا تاقاپ، يەنە ئېچىپ، سىناق بېقىڭ. (بەزى تېلفۇنلار تىزگىنەكنى سەزمەي قالامدىكىندىگەن نىيەتتە دەۋاتىمەنغۇ بۇ گەپنى).
3. دىتالنى تەڭشەكلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەڭ.
1) 自动匹配设备 نىڭ بەلگىسىنى ئېلىۋىتىڭ.
2) 设备选择 دىن smart-zaza نى تاللاڭ.
3) zaza最大音量 نى 100% كە تۇغرىلاڭ.
4) zaza灵敏度 نى 最大قىلىڭ.
5) ياسىغان تىزگىنەكنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى سىناشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى: (1)تىزگىنەك دىتالىنى ئېچىپ، خالىغان بىر تىزگىنەك قۇشۇڭ. (2) باشقا بىر يانفۇننىڭ كامىراسىنى تىزگىنەككە تۇغرىلاڭ ھەمدە كامىرا ئارقىلىق تىزگىنەكنى كۆزىتىڭ. (3) تىزگىنەك دىتالىدىكى تىزگىنەكنىڭ خالىغان كونۇپكىسىنى بېسىڭ (4) ئەگەر تىزگىنەكتىن نۇر چىققانلىقىنى كۆرسىڭىز، تىزگىنەك نورمال بولغان بولىدۇ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېلىكتىر ئۆسكىنىڭىزگە ماس كىلىدىغان تىزگىنەكنى تەڭشەشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. (5) ئەگەر نۇر چىققانلىقىنى كۆرمىسىڭىز تىزگىنەكنىڭ تەڭشەكلىرىنى قايتا تەڭشەڭ ياكى ئۇلانغان جايلارنى تەڭشۈرۈڭ.
تۆۋەندە تەكشۈرۈش جەريانىدىكى فىلىم ۋە تەڭشەكلەرنىڭ رەسىمى يوللاندى.
فىلىم: http://222.81.220.54:70/pishika/flv/ykjl.flv
تۆۋەندىكىلەر 遥控精灵 دىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
762007367 يوللىغان ۋاقتى2015-1-14 00:08
تىزگىنەكنىڭ چىرىغىنى قىلىمىزمۇ ياكى
باشقا شۇنىڭدەك چى ...
چوقۇم تىزگىنەكنىڭ چىرىقىنى ئىشلىتىمىز. سىرنى كۆيدۈرۈپ چىقىرۋەتتىم ئاندىن تەڭشەكنىمۇ سىز دىگەندەك تەڭشىدىم كىيىن تېلېفۇنغا چاتسام بۇنداق
چىقتى توغرا بوپتىمۇ دەپپەرگەن بولسىڭىز ئالامەت قاملاشتۇرۋىتىپسىزپەمىڭىز باكەن....!مەنمۇ بىر ياساپ باقاي.....! //mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/23.png
باشقا تورلاردىكى ئەلى قوربان جىدىلىدىن غىق تويغىنىمدائالىپتىكى مۇنۇ تىما بەكلا زوقۇمنى قوزغىدى.....
ئاشۇ قۇرۇق گەپچىلەر مۇنداق بىلىملەرنى ئۆگەنسە نىمە بولارجىدەل قىلغۇچە...
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.. مەن چۇقۇمداغمال سېتىۋېلىپياساپ باقىمەن..يەنە بىر قېتىم رەھمەت.. رەھمەت، مەن بىر ياساپ باقاي. پاھ نىمدىگەن ياخشى
تىزگىنەكنىڭ چىرىغىنى قىلىمىزمۇ ياكى
باشقا شۇنىڭدەك چىراق بولسىمۇ بۇلامدۇ
رەھمەت ،ياخشى تېمىكەن. //mobcent//app/data/phiz/default/03.png
رەھمەت،سىناپ كۆرەي. ۋاھ ئالامەت ھۈنەركەن ھارمىغايسىز چۈشەندىم، رەھمەت
تاۋباۋدا بۇ نەرسىنىڭ ئەڭ ئەرزىنى بىر كوي كەن ،لىكىن سەككىز كوي كىرا كىتىدىكەن،بىر كويلۇق نەرسىگە سەككىز كوي كىراتۆلەپ ئەكىلىشكە چىدىماي قويۇپ قويغانتىم ،ئەمدى بۇمۇ ياخشى بوپتۇ ئۆزىمىزلا ياساپ ئىشلەتسەك بولغۇدەك ،رەھمەت تىما ئىگىسى توققۇز كوي پۇلۇم يانچۇقتا قالىدىغان بولدى. ۋاھ رەخمەت سزگە ئەتگەنلككە بىر نى ياسۋالاي //mobcent//app/data/phiz/default/28.png
ئابلېز135 يوللىغان ۋاقتى2015-1-14 00:39
تاۋباۋدا بۇ نەرسىنىڭ ئەڭ ئەرزىنى بىر كوي كەن ،لىكىن سە ...
بىر كويلىقى پەقەتلا لامپىسى . ئنكاس يازماي تۇرالمىدىم ،راسلا ئالامەت تەپسىلى تىمابوپتۇ رەھمەت،،،،،،،،،،،،،، رەھمەت تېما ئىگىسىبەكلا قايىلبولدۇم