HGOr يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 21:11:52

A3000-H تاختا كومپىيوتىر توغۇرلۇق ياردەم سورايمەن.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ياخشىمۇسىلەر:
فەقىر ئالىپ تورىغا ئەمدى تىزىملاتقان بولساممۇ ئەمەليەتتە بىرەر يىلدىن بۇيان سىرتتتىن بۇ بىكەتنى زىيارەت قىلىۋاتقان سادىق زىيارەتچىلەردىن بىرى بولىمەن.لىكىن ھازىر قاتتىق بىر مەسىلىگە يولۇققانلىقىم ھەمدە بۇ مەسىلىگە ئالىپتىكى تورداشلارنىڭ ياردەم قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ ياردەم سوراش تىمىسىنى يازماقتىمەن.
   مەندە لىيەنشىياڭ A3000-Hتىپلىق تاختا كومپىيوتىردىن بىرى بولۇپ ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئىكرانى تازا ياخشى ئىشلىمەس بولۇپ قالغانتى، لىكىن زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرسام ئىككى ئۈچ كۈن ئوڭشىلىپ قالاتتىيۇ يەنىلا ئەسلىگە قايتىۋالاتتى. مەن موشۇنداق بولۇپ قالغان LT25نى زاۋۇت رومى يىزىش ئارقىلىق ئوڭشاپ باققان ئىدىم. شۇڭا مۇشۇ تەجىربەمگە ئاساسەن توردىن مۇشۇ تىپلىق تاختىنىڭ زاۋۇت رومىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم. لىكىن كىم بىلسۇن بۇ روم A3000-Hنىڭ ئەمەس A3000نىڭ بولۇپ چىقىتى. رومنىڭ قاچىلىنىشىدا مەسىلە يوق لىكىن ئۈسكىنە چەكسىز قايتا قوزغىلىدۇ. قوپالراق ئىيتقاندا كىسەك بولدى.شۇنىڭ بىلەن ئەمدى ئۈسكىنىنىڭ تولۇق نامى بىلەن رومىنى ئىزدىدىم.لىكىن بۇ قىتىم راستى ئەمەس ساختىسىنىمۇ تاپالمىدىم. توپتوغرا ئىككى كۈن بولدى. جىنىمنىڭ بارىچە ئىزدىدىم لىكىن يەنىلا تاپالمىدىم.
مىنىڭ كۆپچىلىكتىن ئۆتۈنىدىغىنىم ئەگەر كۆپچقلىكنىڭ بىرەسىدە لىيەنشىياڭA3000-Hتىپلىق تاختا كومپىيوتىرنىڭ زاۋۇت رومى بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىڭىز،ياكى مۇشۇ تىمىنىڭ ئاستىغا ئالاقىلىشىش ۋاستىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.پۇللۇق بولسىمۇ مەيلى.
باشقۇرغۇچىلار تىمامنى خاپا بولماي تەستىقلىۋاتقان بولساڭلار. بۇ ئۈسكىنىنى ئوڭشىۋالسام،ياخشىلىقنىڭ جاۋبى مەندىن قايتمىسا ياخشىلىقنى مۇكاپاتلىغۇچى تەرپىدىن قايتار ئىدى.
رەھمەت.

terixqan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 21:43:48

بۇ رومنى يېزىڭ ، قاتتىق دىتالدا مەسلە بولمىسلا ئوڭشىلىدۇ. A3000-hقا يېزىۋېرىڭ.سىناقتىن ئۆتكەن.يانفۇندا چۈشۇرسىڭىزنورمال.
http://pan.baidu.com/s/1nDWYI

YASN يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 21:41:30

بىلىدىغانلار ياردىمىڭلارنى ئايىماڭلار ئازىراق ۋاقىتقانۇرغۇنياخشىلىق تىگىشىدىغان گەپ..

ئاخېرقى_ يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 22:39:49

http://ask.lenovomobile.com/?q-586186.html

dana2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 10:39:11

مەسىلىڭىز ھەل بولدىمۇ .ھەل بولمىغان بولسا مەن ياردەم قىلاي.چ چ 2356660211                         مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرى،مۇناسىۋەتىسىز بولسىمۇ بىر ئىشنى سۇرىۋالاي،بىر نەچچە كۈندىن بېرى hat يازماقچى بولساق shift نى بېسىپ تۇرۇپ چىقىردىغان ھەرىپلەرنى پەقەتلا باسقىلى بولمايۋاتىدۇ،بۇ مەسىلىنى ھەل قىلساڭلار

zomiger يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:31:46

dana2013 يوللىغان ۋاقتى2015-1-13 10:39
مەسىلىڭىز ھەل بولدىمۇ .ھەل بولمىغان بولسا مەن ياردەم ق ...

بىر نەچچە كۈن ئەمەس ىلى بولدى مەن تېى مېنىڭلا شۇنداقمىكى دەپتىمەن
بەت: [1]
: A3000-H تاختا كومپىيوتىر توغۇرلۇق ياردەم سورايمەن.