aziz290 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 01:11:11

مىكروسوفىت 21-چىسلا Win10/WP10 ئالدىن كۆرۈش نۇسخىسىنى ئېچىۋىتىدۇ

http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2015/0111/20150111121421385.jpg
بۇندىن ئىلگىرى WP8.1 سۇپىسىدىكى «Phone Insider» ناملىق ئەپ ھەققىدە قىسمەن خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان، «Phone Insider» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى ئۆز نۆۋىتىدە، كۆپچىلىكنىڭ ئۇزۇنغا قالماي Win10 for Phones نامىدىكى پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىستېمالچىلار ئالدىن كۆرۈش نەشىرىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىدىن ئالدىن دېرەك بېرىدىكەن.
بۈگۈن مىكرو سوفىت Windows Insider تۈرىنىڭ مەسئۇلى Gabriel Aul نىڭ Twitter دا يوللىغان ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، «Phone Insider» نامىدىكى ئەپ بارلىق Windows Phone ئابونتلىرىغا ئېچىۋىتىلىشى مۇمكىن بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار ئاشكارىلىنىدىكەن.
مىكروسوفىت شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى، شىركەت باش ئىشتابىداWindows 10 ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدىغان بولۇپ، كەسپى ساھەدىكىلەر بۇ يىغىندا Windows 10 سىستېمىسىنىڭ يېڭى Metro ئارا يۈز ئۇسلۇبى نامايەن قىلىنىش مۇمكىن دەپ قاراشقان، ئۇلار يەنە مىكروسوفىتنىڭ بۇ قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تاختا كومپىيۇتېر ۋە يانفون نۇسخىسىدىكى Windows 10 نى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا بەلكىم Windows Mobile 10 دەپ ئىسىم قويۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالغان.
يۇقارقى ئۇچۇرلار WP ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بىر كاتتا خۇشخەۋەر بولۇپ، ھەممەيلەنWindows Mobile 10 نىڭ ئالدىن كۆرۈش نۇسخىسىنىڭ تېزراق ئوتتۇرىغا چىقىشىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالايلى!

http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2015/0111/20150111121321920.jpg

مەنبە:نۇر تورى http://www.nur.cn/news/2015/01/203344.shtml

خۇمار520 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 11:54:00

بەك ياخشى خۇش خەۋەركەن   ،،،لۇمىيا535 نىمۇwp10   غاكۆتۈرگىلىبولامۇ؟

tuzyol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 12:10:16

بەك ياخشى خەۋەركەن مەنمۇ بىر نى ئالاي دەپ تۇرغان تاختا كومپىيوتېردىن

ilterish يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 12:36:59

خاتىرە كومپىيوتىرغاقاچىلىغىلى بۇلامدىغاندۇ ياكى ؟

بارى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 14:11:09

ياخشــــــــــــى بوپتۇ //mobcent//app/data/phiz/default/23.png

HamNaPaS يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 16:08:31

بۇنى wn 10 دا   ئانا تىلىمىزنى قوللامدىغاندۇ،؟

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 19:11:36

ۋىندوۋس تېلېفونىنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ كېتىدىغان بولدۇق_تە!

kaxkiri يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:29:23

assalamu alaykum alipdaxla .bu timiga inkas yazidigan ustazla kop qikmidigu.konglumda bas_basta inkas yegip. ketidu daptiman

bexrik يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 15:48:00

Mawu haki katan mu hox hawar kan

nurdun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 00:20:20

بولسا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قېتلغان بولسا بەك ياخشى ئىش بولغان بولاتتى،مەنمۇ 2449 سومغا لۇمىيا تىلفۇن ئالغانغا پۇشايمان قىلمايتتىم.:lol:lol:lol:lol:lol:lol

lumia يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 00:27:10

ئۇيغۇر تىلى قۇشۇلمايدىكەن

uyghurluk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 18:18:25

راس ۋىندوۋىسفونىنىڭ پەيزىنى سۈرىدىغان بولدۇق، ھەي ئۇيغۇر تىلى قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا.....ئالامەت ئىش بولاتتى . :Q

bexrik يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 21:29:05

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلا قايسىڭلا تىلفۇننىڭ سېستىمىسنىwp10 غا ئۆزگەرتىپ باقتىڭلا مەن سىناپ باقتىم لىكىن بوممىدى wp10 نىڭ چىققىنى راسمىدۇ يا

bexrik يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 21:34:59

لۇمىيا black   لۇمىيا denimنىڭ قانداق پەرقى با
مىنىڭ لۇميا 928 تىلفۇنۇمنىڭ ئەسلى سېستىمىىيەنى 8دىن 8.1گە ئۆزەرتكەندە شۇنداق ئىدى لۇميىا black ئىدى
لىكىن بىر قېتىم زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرغاندىن كىيىن سېستمىنى يېىڭلىسام لۇمىيا denimغا ئۆزگىرىپ قالدى . بۇ ئىككى خىل ئاتالغۇنىڭ مەنسى نىمە بىلغانلا چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلا

aziz290 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 02:13:41

bexrik يوللىغان ۋاقتى2015-1-21 21:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلا قايسىڭلا تىلفۇننىڭ سېستى ...

ياق تېخى يېڭلاش بولىقىنى تارقاتماپتۇ. 2-ئايدا ئېلان قىلىندىكەن. ئورگان تور بېتىدە شۇنداق دەپتۇ.
رەسىملەرگە قارىغاندا يېڭلىق خېلى كۆپ ئوخشايدۇ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ سىرىتتىن كىرگۈزگۈچ قاچىلاشقا بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.
شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ مەسىلىسنى يەنلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولاتتى.
بەت: [1] 2
: مىكروسوفىت 21-چىسلا Win10/WP10 ئالدىن كۆرۈش نۇسخىسىنى ئېچىۋىتىدۇ