مۇنداق نومۇسسىز ئەزالارغا گەپ يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سەل قايناپ قالدىم.ئەسلى بىراۋنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىش نىيىتم يوق ئىدى. لېكىن باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ ئالدىنىپ، كومپيۇتېرىنىڭ ئەخلەتخانىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ مۇشۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مۇشۇ تور بېكەتلىرىمىزدە بەزى پارازىت قۇرۇتلار بار. كىچىككىنە پايدىنى دەپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا زىيان سېلىشتىن نۇمۇس قىلمايدىغان. ئۇلار باشقىلارنىڭ كومپيۇتېر بىلىمىنىڭ كەمچىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن شۇلارنىڭ كومپيۇتېر ۋە يانفونلىرىنى ۋەيران قىلىشتىن يانمايدىغان. ئاتالمىش قانداقتۇر "پۇل تېپىش دېتالى" بىلەن سىزنى ئالداپ ئۆز يانجۇقىغا كۈچىسە، يەنە بەزىلىرى بىر قىسىم ئېلان قىستۇرۇلغان دېتاللارنى يوللاپ، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ كاردىن چىقىشىغا ھەسسە قوشىدۇ.
بۈگۈن مانا شۇنداق پارازىتتىن بىرنى پاش قىلىمەن.
مەن كىرىدىغان بىر قىسىم مۇنبەرلەردىكى ئىسمى: (باشقا ئىسىملىرى بولىشىمۇ مۇمكىن)
روھلاندا : ستۇدېنت
ئىنتىلدا: dilxat103
ئالپتا: parxat
قۇتياردا: parxat
xjcfan دە: student
مىسرانىمدا: dilyar130
ئىزدىنىشتە: parxat
باشقا مۇنبەرلەرگە كۆپ كىرمىگەچكە ئۇ يەردە بارمۇ يوقمۇ بىلمەيمەن.
پاش قىلىش سەۋەبى: بىر قىسىم ئەخلەت ياكى ئېلان قىستۇرۇلغان دېتاللارنى يوللاپ، تورداشلارنى ئالدىغان. (نېمە مەقسەتتە يوللىغىنى ئۆزىگە ئايان) ئارتۇق سۆزلەپ يۈرمەي. يەنە بىرى شۇ دېتاللارنىڭ كۆپىنچىسى ئىگە تەرەپتىن كەلگەن، ئىشەنچلىك دېتاللار ئەمەس.
مەقسىتىم: تور دۇنياسىدىكى كومپيۇتېردىن كۆپ خەۋىرى يوق تورداشلارنىڭ مۇشۇنداق ئەخلەت، ئېلان قىستۇرۇلغان دېتاللارنى قاچىلاپ كېيىن پۇشايمان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
دەيدىغىنىم: مۇشۇنداق ئەزالارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلسە ياكى چەكلەنسە.
پاكىت: ئىلگىرى يوللىغان تېمىلىرىدىكى دېتاللارنى چۈشۈرۈپ كۆرسەڭلار بىلىسىلەر.
نەق مەيدان پاكىت: مۇشۇ ئەزا يوللىغان "كىلاسسىك نۇسخىدىكى Office 2003" دېگەن تېمىدىكى ئادرېستىن دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام، بەيدۇ ۋروسخورى بىللە قاچىلاندى.
يەنە ئىلگىرى يوللىغان "كىنىشكە رەسىمى تەھرىرلەش دېتالى" ، "ھەر قانداق كىنو فىلىمنىڭ ئۇرۇقىنى تېپىش دېتالى" دېگەن دېتاللارمۇ شۇنداق.
ئىلگىرى بىر قىسىم مۇنبەرلەردىكى باشقۇغۇچىلارغا مۇشۇ ئەزانىڭ تېمىسىغا سەگەك بولۇشىنى ياكى ئۆچۈرۋېتىشىنى دېسەم، خاتا چۈشىنىپسىز دېدىيۇ، كېيىن چۈشكەن ئىنكاسلاردىن يەنىلا ئېلان قىستۇرۇلغان دېتال ئىكەنلىكىنى بىلدى ۋە بەزىلىرىنى ئۆچۈردى.
تورداشلارغا دەيدىغىنىم: مۇشۇنداق نومۇسسىز ئەزالاردىن، ئەخلەت دېتاللاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار.
نومۇسسىزلارغا دەيدىغىنىم: قاسىم قوشۇقتا ئۈچ كىلو ۋىجدان بار. سىلەردە ھېچ بولمىسا ئۈچ گرام بولسىمۇ ۋىجدان بولسىكەن.
يەنە قانداقتۇر ئەپتىن پۇل تاپىمىز، توردىن پۇل تاپىمىز دەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ يۈرگەنلەر ياخشىسى ھالال ئىشلەپ پۇل تېپىڭلار. بۇدوستىمىز ئىسپات بىلەن پاش قىپتۇغۇ...بەزەنلەر پوختىن قىل تەرمىسەڭلار.....چۈشۈرۈپ قاچىلا دەپ مەجبۇرلىمىدى توغرا ..
لىكىن تەۋسىيەقىلغان ئەپلەرنى چوقۇم ئۆزى ئشلىتىپ باقماي تەۋسىيە قىلمايدۇ.شۇنداق قىلغانكىن چوقۇمئەپتىكى باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كىلىدىغان كەمچىلىكلىرىنى ئەسكەرتىشى كىرەك. ئۇنداق قىلمىغانكەن چوقۇم ئۆزىنىڭ دۇغى بار.... قوللايمەن،مەنقايسى مۇنبەر ياكى چچى توپىغا قارسام ،ئاتالمىش پول تىپىش دىتالى ،ئىشقىلىپ مۇشۇ ئىلان بەك زىكتۇردى مىنى ، بۇنداق ئۇچۇق دىيىشنىڭ نىمە ھاجىتى ... شۇ دىتاللارنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقانلاردىن نۇرغۇن ئەزالېرىمىز بار ... سىزگە ياقمىسا قاچىلىمىسىڭىز بولىدۇ ،
شۇ ئەزاغا ماۋۇ دىتالنى يوللىسىڭىز بولمايدۇ ئىگە تەرەپنىڭ دىتاللېرى ئەمەس بۇ دەپ ئۇقتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ ..
بەلكىم ئۇ ئەزامۇ ئىگە تەرەپنىڭ دىتاللېرى ئەمەسلىكىنى بىلمەيدىغاندۇ ،
ئەجىبا توردىن پۇل تاپسا ھالال بولمامدىكەن ئۇ پۇلنى بىرىدىغان ئادەم رازى بولۇپ بىرىدىغاندۇ رازى بولمىغان تەقدىردىمۇ
ئۇ پۇلنى تاپقان ئادەم تېلىفۇنىدىن ئېقىم سەرىپ قىلىپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ تاپىدۇ ... بۇنىڭ ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى يوق، ئۇ دوستىمىز تىيمىنى يېزىپ قۇيۇپ كىيىن چۈشكەن ئىنكاسلار بىلەن كارى بولمايدىكەن نىمىشقا ئۇندا قىلىدىكى دىسەم ئەسلى ئۈزىنىڭكۆڭلىنىڭ خۇدىكى باكەندە ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئەسكەرت كىنىڭىزگە رەھمەت دىھگنىڭىز توغرا بىر قىسىم دىتاللاردا ئاشداق ئەخلەت دىتال
چۈشرۈش ئالايىدلىكى بار دىتاللار قۇشۇپتوپلاشتۇرۇلغان
تور يوق كومپىيوتىردىغۇ ئامال يوق جىم ياتدۇ
بىراق تور بار كومپىيوتىردا ئاتا بۇۋسىدىن تارتىپ
نەۋرە چەۋرىسگىچە ئۈزى يۈشرۈن چۈشۈرۈپ يۈشرۇن قاچلىنىپ
قوزغىلدۇ بىرى ئىككىنى چۈشىسى ئىككىسى 4 نى ئاشداق
قىلىپ بىردەمدە كومنى ئەخلەتخانغا ئايلاندۇردۇ
شۇڭابىرەرسى دىتال تەۋسىيە قىلسا بىۋاستە شۇ جايدىن
چۈشىمەي ئىسمىنى كۈچرىۋىلىپ ئۆزىڭلار كۆپ بىرنەسە چۈشرىغانجايدىن چۈشرىڭلار ئاندىن بىخەتەر بولدۇ ئۇنى چەكلەش كىرەك,خاسلا ئەخلەت نەرسە يوللايدىغان ئاداش ئۇ.... رەھمەت سېزگە
پارازىتلارنى چوقۇم چەكلەش كېرەك //mobcent//app/data/phiz/default/25.png
راس دەيدۇ ، ئاشۇنداق بىر قىسىم ئەزالارنى تازلاش كېرەك ، توۋا نىمدا ئادەملەر كۆپىيىپ قالدى بىزدە ، ئۇنداق قىلشىپ كەتمەيلى قېرىنداشلىرىم، ئۇ ئەزانى مەنمۇ كۆپ مۇنبەردە ئۇچراتتىم. لېكىن بىرەر دىتالىنى چۈشۈرۈپ باقمىدىم. سىزنىڭ ئۇنى ئەيىبلەشتىكى ئاساسىڭىزنىمىدۇ ئۇنىڭ دىتاللىرىنى چۈشۈرۈپ زىيان تارتقان بولسىڭىز ئىسپات بىلەن يازمامسىز يەنە بۇنىڭغا پۇل تېپىش دىتاللىرىنى قېتىۋالماڭ. ئۇ خىل دىتاللارنى ئىشلىتىپ خېلى پۇل تاپقان دوستلىرىمىز بار. مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە . قىزىقمىسىڭىز ئىشلەتمىسىڭىزلا بولدىغۇ ھايھاي بۇرادەر ئاچچىغىڭىزنى بېسىۋېلېڭئۇ دوستىمىز يوللىغان ئەپتە ئىلان بولسا چۈشۈرمىسىڭىزلا بولمىدىمۇ ، خەقنى پارازىت دەيسىزئەجەبا ئاشۇ ئىلانلارنىئۇ دوستىمىزقىستۇرۇپ پۇل تېپىپتۇمۇيا،بىلىپ قۇيۇڭبىراۋنىڭ بۇ مۇنبەرگە تېما يوللاپ ئەپ يوللايدىغان قەرزى يوق ھەممىسى باشقىلار پايدىلانسۇن دەپ ،مۇنبەر جاللانسۇن دەپ يوللايدۇباشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنىلا كۆرمەيماندا ئارتۇقچىلىقىنىمۇ كۈرۈڭلار
باشقۇرغۇچىلارمۇ قىززىق بەزى پايدىلىق تىمىلار تەستىقلانمايبۇيۇن قىسىپ قېلىۋاتقان مانىڭدەك زىددىيەت ئۇرۇقىنى چاچىدىغان تىمابىرىنچى بوپ تەستىقلېنىۋاتقان،ئۇيۇن كۆرەي دەمدۇ يا مەزكۇر ئەزانىڭ باشقا مۇنبەرگە چۈشكەن ئىنكاسلىرىدىن خەۋىرى يوق، مۇنبەرگە يوللىغان تېمىلىرىنى كۆرۈپمۇ باقماي، سىناپمۇ باقماي ئىنكاس يېزىۋاتقان ئەزالارغا پەقەت سۈكۈت خالاس بەكياخشى تىما بولدى
مىنىڭچە ئۇ بۇرادەر ياخشى نىيەتلىك ئەسكى بۇلىشى مۇمكىن.
ياخشى نىيەتتە يوللىدى بەلكىم ئۇ دىتاللارنىڭ ئەخلەتلىكىنى ئۈزى بىلمەيدۇ.