alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 23:51:24

تاۋباۋدىن سېتىۋالغان يانفۇننى قايتۇرۇش خاتىرسى

بىر ئاغىينەم تاۋباۋدىن ماۋۇ تېلفۇننى ئېلىپ بەرسەڭ دەپ كىرىپتۇ. سامسۇڭ i9300 تىپلىق يانفۇنكەن. بازاردا 1500 سوم دەيدۇ، تاۋباۋدا 1090 سومكەن، يەنە كۆچمە توك قاچىلغۇچنىمۇ قوشۇپ بېرىدىكەن دەپ. ساتقۇچىنىڭ دەرىجىسىمۇ يوقىرىكەن، مەيلى دەپ پۇل تۆلىدىم.
يانفۇن سەككىز كۈندە كەلدى. ئېچىپ قارىسام ھەممە يېرى نورمال. ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاپ، رومنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ دېگەندەك مەشغۇلاتلارنى قىلدىم. ئىككى كۈنگىچە كومپىيۇتېرغا چېتىپ مەشغۇلات قىلغاندىكىن سەزمەپتىمەن. تاۋباۋدىكى مال تاپشۇرۋېلىش ۋاقتىغا يەنە بىر كۈن قاپتۇ. يانفۇن نورمال بولغاندىكىن دەپ مال تاپشۇرۋېلىشنى جەزملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسنى بېسىۋېتىپتىمەن. ئەتىسى يانفۇننى كومپىيۇتېردىن ئاجىرتىپ يېرىم سائەتلەردىن كېيىن قارىسام ئېتىلىپ قاپتۇ. قايتا ئاچسام توكى %0 ، يەنە ئۆچۈپ قالدى. توك تولۇق قاچىلانمىغان ئوخشايدۇ دەپ يېرىم كۈن توكقا چېتىپ قويدۇم. %85 توك قاچىلاندى. توكتىن ئاجىرتىپ بىردەم مەشغۇلات قىلسام توك تۈگىدى دەپ ئەسكەرتىش چىقىپ يەنە ئۆچۈپ قالدى. يەنە بىر باتارىيىسىنى ئونۋېرسال توك قاچىلغۇچقا بىر كېچە چېتىپ قويغانتىم. ئۇ باتارىيەنى سالساممۇ 20 مىنۇتلاردىن كېيىن ئۆچۈپ قالدى.
تاۋباۋدىكى ساتقۇچىغا ئەھۋالنى دىسەم باتارىيەدە مەسلە بار ئوخشايدۇ، باشقا باتارىيە ئېلىۋال دەپ 100 سوم قايتۇرۇپ بەردى. باشقا باتارىيە تېپىپ سالساممۇ يەنە ئوخشاش، يانفۇن يېرىم سائەتلەردە ئۆچۈپ قالدى. توردىن شۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىزلىسەم بۇ تىپلىق يانفۇندا بۇنداق ئەھۋال كۆپ يۈز بېرىدىكەن.
يانفۇننى قايتۇرۋېتەي دېسەم مال تاپشۇرۋېلىشنى جەزملەشتۈرۈپ بولدۇم. بۇرۇن توردىن مال سېتىۋېلىش تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا مال تاپشۇرۋېلىشنى جەزملەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن مالنى قايتۇرغىلى بولمايتى. ساتقۇچىغا دېسەم يانفۇننى سېلىپ بەر، پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بېرىمەن دېدى. يانفۇننى ئېلىۋېلىپ، پۇلنى بەرمىسەڭ قانداق قىلىمەن دېسەم ئەرز قىلساڭ بولىدۇ دېدى. كىيۇكىيۇ توپىدا باشقىلاردىن سورىسام شۇ گېپىنى رەسىم ھالەتتە تاۋباۋنىڭ ئەرز قىلدىغان يېرىگە يوللاپ، يانفۇننى سېلىۋېتىڭ دەپ چارە كۆرسەتتى. ئىككىلىنىپراق يانفۇننى سېلىۋەتتىم.
تاۋباۋنىڭ ئەرز قىلىش دېگەن يېرىنى بېسىپ ئىككىمىزنىڭ سۆزىنى رەسىم شەكىلدە چاپلاپ قويدۇم. ساتقۇچى مەن 100 سومنى قايتۇرۇپ بەرگەن دەپ ئىسپاتنى چاپلاپ ئەرزنى قايتۇرۋەتتى. مەن ئەرزنى تەھرىرلەپ 100 سومنى چىقىرۋېتىپ، مەن تېلفۇننى سالغان كىرا ھەققى 40 سومنى قوشۇپ قايتا يوللىدىم. ھەم مال سالغانلىق تالۇننىڭ رەسىمىنى يوللىدىم. ساتقۇچى 990 سومنىلا قايتۇرۇپ بېرىمەن دەپ ئىنكاس يازدى. مەن يانفوندا مەسلە كۆرۈلگەنلىكى سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ، شۇڭا كىرانىمۇ تۆلەيسەن دەپ كىرا ھەققىنىڭ تالونىنى يەنە چىقىرىپ قويدۇم. تاۋباۋنىڭ ئەرز قىلدىغان يېرىدە يەنە 2 كۈن مانچە سائەتكىچە ساتقۇچى ئىنكاس قايتۇرمىسا پۇلۇڭ قايتۇرۇلدۇ دەپ خەت چىقىپ ۋاقىت تەتۈر مېڭىشقا باشلىدى. بۈگۈن ئەتىگەن مال سالغان تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ تور بېتىگە كىرىپ ئىزدىسەم ساتقۇچى يانفۇننى تاپشۇرۋاپتۇ.
ئىككى سائەتنىڭ ئالدىدا تەتۈر ماڭغان سائەت توشۇپ 1030 سوم پۇل مېنىڭ ھىساباتىمغا قايتىپ كىرىپتۇ.
خۇلاسە: تاۋباۋدىن مال سېتىۋالغاندا گەرچە مال تاپشۇرۋېلىشنى جەزملەشتۈرگەن بولساقمۇ مالدا سۈپەت مەسلىسى كۆرۈلسە مالنى قايتۇرۇپ، پۇلنى ئېلىۋالغىلى بولىدىكەن.

merdan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 00:38:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-29 00:47

مەن بىر گەپ قىستۇرۇپ قۇياي ، سامسۇڭنىڭ GLAXY تېلېفونلىرى ئىچىدە GLAXY S،GLAXY S2،GLAXY S3 تۈرىدىكى تېلېفونلار ئەڭ قىسقا بولغاندىمۇ بىر يىل بۇرۇنلا نىمكەش بولۇپ كەتكەن .9100،d710،9300.......ۋە باشقىلار .شۇڭا بىلىپ بىلمەي سېتىۋالغان بولساڭلار مەيلى قانچىلىك پاكىزە بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ئەخمەقلەرچە مەن ئالغان بۇ تېلېفون يېڭى مال دەپ يۈرمەڭلار . بۇ تۈردىكى تېلېفونلارنى سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلمايمەن .مەسىلە چىققىنى چىققان .GLAXY تۈرىدىكى تېلېفون ئالماقچى بولساڭلار ئەڭ بولمىغاندىمۇ S4 ئېلىڭلار .خېلى پاكىزە 9500،959 لار 1500 ئەتراپىدا .بۇ يەردە دېگەن GLAXY تېلېفونلار پەقەت S،S1،S2،S3،S4،S5نىلا كۆرسىتىدۇ .

uyghur26 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 00:08:10

پايدىلىنىشقا تىگشلىك ئىكەن. مەنمۇ قايسى كۇنى قوش 11پائىليىتىدە بىر توكدان سېتۋالغان ،5كۇن بولغاندا يا ئىزدىن مىدىرلىمايدۇ. مال ساتقۇچىغا خەت يازسام شىنجاڭغا بارمايدي دەيدۇ ؟نىمىشقا دىسەم گەپ قىلماي ،پۇلىڭنى قايتۇرۋال دەپ مىنى 5كۇن ئاۋارە قىلدى.

Oynaxma يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 00:11:43

yahxi bilim boptu. yamankansiz jumu

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 04:50:07

ئەڭ ياخشى پايدىلىق تېمىلار مۇشۇنداق بولىدۇ :victory: كۆپ رەھمەت

xiaosu1113 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 09:21:27

پايدىلىنىش قىممىتى باركەن//mobcent//app/data/phiz/default/23.png

xiaosu1113 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 09:39:50

مەنمۇ تىيەنماۋ دىن گۈرۈچنىڭ توكداندىن بىرنى ئالغان ئىدىم ، تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن توك ئۆتمەيدىغان چىقىپ قالدى ، ساتقۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشپ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسام ماقۇل بولدى ، بىراق سېلۋەتكەندىن كىيىن قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن مال سالغان تالۇننى رەسىمگە تارتىپ چىقرىپ قويدۇم ، توكداننى سېلۋېتىپلام باشقا ئش يوققۇ دەپ يۈرىۋېرىپىمەن ، كىيىن 退款关闭بۇپقاپتۇ ، توكدانمۇ بېيجىڭغا بېرىپ بولدى ، گۈرۈچ تەرەپ مال تاپشۇرۋېلىشنى رەت قىلدى ، يەنە ئالاقىلاشسام بىرنۇمۇرنى چىقاماپسەن ،بىزنىڭ شىركەتنىڭ قائىدىسى شۇنداق ،شۇ نۇمۇرنى چىقىرىپ يوللاپ بەسەڭ تاپشۇرۋالمىز دەپ بىر باھانىلەرنى كۆرسىتىپلا يۈردى ، توكدان بېرىپ بولغىلى 7 كۈنمۇ بۇپ قالدى، ئاندىن بېيجىڭ مال يەتكۈزگۈچى تەرەپ 7 كۈن توكداننى يەنە مەن تەرەپكە قايتۇرۋەتتى ، توكدان ھازىر ئاقسۇغا كىلىپ ئاقسۇنى بېقىپ ياتقىلى 10 كۈندىن ئېشىپ قالدى ،قايسى مەشخۇلاتنى خاتا قىلغىنىمنى بىلمىدىم ، ھەم ئىلگىرى بۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ باقمىغاچقا قانداق قىلىشنى بىلمىدىم ،قاراپ تۇرۇپ گۈرۈچ تەرەپ مىنى زىيانغا ئۇچىراتتى …… بۇلارنىڭ توردىكى پۇزىتسىيەسى بەك ناچاركەن ، بۇلۇپمۇ بەك مەسۇلىيەتسىز……

tekin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 09:44:13

مۇشۇ تىز يوللانما شىركەتلىرى ئىچىدە قايسى شىركەتنىڭ تۇشۇش ھەققى ئەرزان چىقىدۇ. ئۆتكەن يىلى مەنمۇ بىرتال تېلىفۇن قايتۇرغىلى ئەكىرسەم 100كوي دەپ تۇرىۋېلىپ چارۋا سودىسى قىلىشقاندەك مىڭ تەستە 50كويغا چۈشۈرۈپ ماڭدۇرغان. ساتقۇچى قىممەتكە دەپ ئاران 30كوينىلا كۆتۈرۈپ 20كوي زىيان بولغان ماڭا

خۇمار520 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 09:47:13

مەندىمۇs3 i535بار ئىدىبۇ يىل ئىككىنجى ئايدا تاۋباۋدىن 1350 كە ئالغان   باتارىيەسىيېرىم كۈن ئاران يېتىدۇ      تېلفۇن قولۇمغا تەككەن چاغدىلابىلگەن ئىدىم باتارىيەنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى    شۇ چاغدا قايتۇرۇشنىبىلمىگەچكە مەيلى   دەپئىشلىتىۋەرگەنتىم   ،ھازىرمۇنورمال ئىشلىتىۋاتىمەن   پەقەتلا شۇ باتارىيەسى يەتمەيدۇ       قارىغاندامەنئالغىنىمۇيېڭى ئەمەس ئىكەندە ئەسلى

خۇمار520 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 10:20:43

تاۋباۋدىنسېتىۋالغانمالنىڭ4 ئايدا   كەلگىنىنى   كىم كۆرگەن؟

بۇ يىل بىرىنجى ئايداتاۋباۋدىن 99 يۈەنگە كېجى ماركىلىق بىر كۆچمە توكدان سېتىۋالغانتىم،خەنزۇچىنى ئانچە بىلمىگەچكە ئادەتتە دۇكاندار بىلەن پاراڭلاشمايلاپۇل تۆلەۋېرەتتىم   ئالغان مېلىميا شېنتوڭ   يايۈەنتوڭياجۇڭتوڭئىشقىلىپ بىرەرسىدىنقولۇمغا تېگەتتى   . شۇڭا   خاتېرجەم ئولتۇرۇۋېرېپتىمەن    بىر ھەپتە بولغاندىمۇ ھېچ خەۋەر يوق   دۇكاندارغا مالكەلمىدى دەپ خەت يازسام   مالنى سېپ بولغان ساقلاپ باقدەيدۇ   ماقۇل دەپيەنە بىر ھەپتە ساقلىدىم   يەنە يوق،ئەمدى ئىش چاتاقدەپيەنە كەلمىدى دېسەمبىز مالنى سېپ بولغانكەلمىگەن بولسا تېز يەتكۈزۈشتىكىلەردىن سورا   دەيدۇ   شۇنىڭ بىلەن نەگە كەلگىنىنى بىلەي دەپيانفۇنۇمنىخەنزۇچە بىلدىغانبىر دوستۇمغا كۆرسەتسەم宅急送 دەپبىر快递 ساپتىكەنئەسلى    مال ئىچكىردىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان ھالەتتە توختاپ قاپتۇ   .ئەڭ چاتاق يېرى بىزنىڭ ناھىيىدەئۇنداق تېز يەتكۈزۈش ئورنى يوقكەن    شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا   راسا ناچار باھا بېرىۋېتىپ دۇكاندارنىدۇكىنىڭنى ئەرز قىلىمەن   ،ئانداچى مانداچى   ئەلەي بەلەي دەپ ئۆزۈم بىلدىغان خەنزۇچە گەپلەردە تىللاۋەردىم   ،بىر چاغدا   مېلىڭنى تېز يەتكۈزۈشتىكىلەر يۈتتۈرۈپ قويغان ئوخشايدۇ    پوچتىدىن قايتا بىرنى سېلىپ بەردۇقماۋۇمال نومۇرى دەپبىر نومۇرنى ئەۋەتىپتۇتەكشۈرۈپ باقسامراسلاسېپ بېرىپتۇ    ئىككى ھەپتىلەردىن كېيىن پوچتىدىن سالغىنى كەپتۇ      ئىشقىلىپ زىيان تارمىدىمغۇدەپ ئولتۇرسامبۇ يىل4~ئايدا بىر نومۇردىن تېلفۇن كەپتۇئالسامبىر خوتەن جەيجىسوڭ تېز يەتكۈزۈشتىن مېلىڭىز كەپتىكەن ئېلىۋېلىڭ دەيدۇ   ھەيران قېلىپ توۋا دەپياقامنى بىر چىشلىدىم   ۋەماشىدىن كېرىيەگە سېپ بېرىڭلار كىراسىنى ئۆزەم بىرەي دېسەمماشىنىدىن سېپ بېرىپتۇ10 كوي كىرابېرىۋېتىپ ئۇنىمۇئېپ قېلىپبىر دوستۇمغا100گە سېتىۋەتتىم         ئىشقىلىپ شۇنداق بىر ئىشلار بولۇپ   مەن پايدا ئالغانتىم(قېنى ما ھىجاراپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

tekin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 10:35:05

خۇمار520 يوللىغان ۋاقتى2014-11-29 10:20
تاۋباۋدىنسېتىۋالغانمالنىڭ4 ئايدا   كەلگىنىنى   كىم...

جېق ئاغان بوسىڭىزمۇ بۇلاپتىكە;P;P;P;P

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 10:52:23

مەن جىڭدوڭ تورىدىن بىر تېلېفونئېلىپ ئۈچ كۈن بولغاندا سۈپەت مەسىلىسىنى بايقاپ قايتۇرىمەن دېسەم ئادرىسىنى يوللاپ بەردى. شۇ ئادرىسقا يوللىسام كىرا ھەققىنى قوشۇپ قايتۇرۇپ بەردى. مەن جىڭدوڭدىن بەك خاتىرجەم مال ئالىمەن.

abdullam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 12:03:11

توردىن مال ئالغاندا كوپ دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ خەۋەردە دىيىلىشىچە بۇ قىتىم قوش 11 دىمۇ قۇيۇلۇپ كەتكەن ئىستىمالچىلار خىلى بار ئىكەن.سۇپەتىسى مال كوپ توردا....خەنزۇچىغا ياخشى بولمىسا .ئالى ۋاڭ ۋاڭ دا ئوبدان دىيىشىپ ئالمىسا بولمايدۇ.

dilistan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 13:04:17

تىز يەتكۈزۈش ئورۇنلىرىنىڭ مال يەتكۈزۈشى ئاجايىپكەن دىسە شىنجاڭغا كەلگەن مال باشقا ۋىلايەت ناھىيەلەرگە بەك ئاستا كېلىدىكەن .گۇاڭدوڭدىن 4كۈندە ئۈرۈمچىگە كەلگەن مال ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە بەش كۈندە كەپ بولالمىدى .شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتنى كەينىگە سۈرگۈزدۈم .

ئۆتكور يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 13:34:31

مۇشۇ جىڭدۇڭنىڭ پاراڭلىشىش قۇرالى يۇقما؟
بەت: [1] 2 3 4
: تاۋباۋدىن سېتىۋالغان يانفۇننى قايتۇرۇش خاتىرسى