ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن يەنە بىر سوۋغا-مەستانە دەرس سېتكىسى 1.0
ئالدىنقى قېتىم تەرجىمە ئەپ دەرس سېتكىسى(روھلاندا) ۋە دەرس سېتكىسى لاھىيلەش دېتالى نى تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنغان ئىدىم، بۈگۈن تورداشلارغا يەنە ئىقتىدارى ئوخشاش ئەمما توردا تۇرۇپلا پايدىلىنىدىغان تور دېتالىدىن بىرنى سۇنماقچىمەن.بۇ دېتالنىڭ ئىسمى: مەستانە دەرس سېتكىسى 1.0
ئاساسلىق ئىقتىدارى: ئوقۇتقۇچىلارغا دەرس سېتكىسىنى بىر پارچە رەسىمنىڭ ئۈستىگە سىزىپ چىقىرىش، رەسىم چىقىپ بولغاندىن كىيىن ئاشۇ رەسىمنى ئۈستەل يۈزى تەگ رەسىمى قىلىۋالسا ئوقۇتقۇچىلارغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۈستەل يۈزىگە قاراپلا نەچچىنچى سائەتتە دەرسى بارلىقىنى بىلەلەيدۇ.
دېتال ئادرىسى:http://mastanavb.com/php
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:جەمئىي ئۈچ بەتنى كۆرەلەيسىز
1-بەت ئىقتىدارى بولسا رەسىم يوللاش ياكى تاللاش، يەنى سىز ئۆزىڭىزگە چىرايلىق كۆرۈنگەن ئۈستەل يۈزى تەگ رەسىمىدىن بىرنى تاللاپ ئاشۇ رەسىمنى يوللىسىڭىز بولىدۇ. يوللاشقا ئازراق ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا بىر ئاز ساقلايسىز. ئەلۋەتتە بىز تەمىنلىگەن رەسىمنى بىۋاستە تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ۋاقىنى ئۇتالايسىز.
2-بەت ئىقتىدارى بولسا سىز رەسىمنى تاللاپ بولغاندىن(ياكى يوللاپ بولغاندىن) كىيىن دەرس سېتكىسى مەزمۇنىنى كىرگۈزۈش بېتىگە ئۆتىدۇ، سىز بۇ بەتتە دەرس سېتكىسى مەزمۇنىنى كىرگۈزىسىز ھەمدە جەدىۋەل رەڭگى ۋە خەت رەڭگىنى تاللايسىز، رەڭنى چوقۇم رەسىمگە ماسلاشتۇرۇپ تاللاڭ. ئادەتتە 5 كۈنلۈك دەرس سېتكىسى كىرگۈزەلەيسىز.
3-بەت ئىقتىدارى بولسا سىز لاھىيلىگەن دەرس سېتكىسىنى رەسىمنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ سىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ، سىز ئۇ رەسىمنى كومپىيوتىرىڭىزغا چۈشۈرۈپ كومپىيوتىرىڭىزنىڭ تەگ رەسىمى قىلىپ بېكىتسىڭىز بولىدۇ.
قالغىنىنى ئىشلىتىش جەريانىدىن كۆرۈڭ، ھەر بىر بەتنىڭ ئىقتىدارى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن، ئىشلىتىش جەريانىدا تەكلىپ-پىكىرنى ئايىمىغايسىز.
ھۆرمەت بىلەن مەستانە VB كولۇبى //mobcent//app/data/phiz/default/23.png
ياخشى تىمىكەن، رەھمەت //mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/23.png
رەھمەت رەھمەت ياخشى بولدى ، ئۇقۇتقۇچىلار بەك جاپا چەككۈچىلەر ،يارايسىز،مەستانە ئۇستاز، سىزنىڭ قوللىشىڭىز،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ چۇڭ ئىلھامى ،،ئۇقۇتقۇچىلار سىز دىن سۈيۈنگۈسى !!!!!!!!
بەت:
[1]