ئىنتىل تورى قۇرغۇچىسى مەرھۇم ئابلەتجان ئىبراھىمنىڭ تەرجىمىھالى
بۈگۈن تور بەتلەردىن ئىنتىل تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەتكامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى. كەمتەر، كىچىك پېئىل ئادەم ئىدى.باشقا گەپلەرنى قىلىشنى خالىمىدىم.
تەرجىمىھالىنى بىلىۋېلىڭلار
رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي
ئابلەتجان ئىبراھىم، 1969-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىقەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان.
1- باشلانغۇچ، 1- ئوتتۇرا، قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا ( 6- ئوتتۇرا ) مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان.
1987- يىل 9-ئايدا شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد ئىنىستېتوتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1992- يىلىئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيان قەشقەر شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.
2005- يىلى ئۆزىنىڭ OFFICE ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىكى ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە 《بىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار》 دېگەننى ئۆزىگە مىزان قىلغان ئابلەتجان ئىبراھىم،ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى تورى ، بىلىك كۇلۇبى ۋە بىلگە تورىدىن باشقا كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت ئۇيغۇرچە توربەتنىڭ 4- سىيۇلغۇنجان مۇنبىرى www.yulghunjan.com نى 《 بىلگەننى يوللاڭ بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن، بىلمىگەننى يوللاڭ، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن》 دېگەن مەنىلىك شۇئارى ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان.
شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مول بىلىملىرى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ئاجايىپ پەزىلىتى ئارقىلىق ئىنتايىن كۆپ كومپيۇتېر، تور ھەۋەسكارلىرى، Office ھەۋەسكارلىرىنى يۇلغۇنجان مۇنبىرىگە جەلىپ قىلغان ۋە ئاجايىپ قىزغىنلىققا چۆمگەن كومپيۇتېر، Office بىلىملىرى مۇنبىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
2007-يىلى ئەسلىدىكى يۇلغۇنجان مۇنبىرىنىڭ نامىنى ئىنتىل سەيناسىغا ئۆزگەرتىپ www.intil.cnنامى بىلەن 2009-يىلغىچە داۋاملاشتۇرغان.
2008-يىلى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئېگە يوليار ئۇلىنىش تورى http://www.yolyar.com نى قۇرغان،www.yolyar.com/rawaئادرىسىدا ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى تۇنجى ئۇچۇر تورىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەمدە 2009-يىلى مۇھتاج نامىدا ئايرىم http://muhtaj.com ئۇچۇر تورىنى قۇرغان.
2010- يىلىدىن باشلاپ خەلقئارالىق تور نامىwww.intil.biz نامىدا كومپيۇتېر،تور ۋە Office بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئىنتىل سەيناسى تور بېكىتىنى داۋاملاشتۇرغان.
بىز بۇ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش روھىغا ئېگە، باشقىلارغا ياردەم بەرسە كۆڭلى ئېچىلپ قالىدىغان، مېھنەتكەش ئۇستاز ئابلەتجان ئىبراھىمنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، ھەم ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەيمىز.
ئىنتىل تورىدىن كېيىن قۇرۇلغان روھلان تور بېكىتى، قىياس تورى، ئادۇۋكات تورى،شەربەت تورى، بۇلاقجان تورى، ئالما ھەۋەسكارلىرى تورى، بىلىملەر تورى، توقسۇ تورى، بىجىرىم تورى، قاراسۇ تورى، قۇتيار تورى، تور كاتىپ، بەشتاش تورى، ئەتىرگۈل تورى، يۈكسىلىش تورى، ئۇچقۇن تورى، كوئىنلۇن تورى (ھازىر ئىنتىل سەيناسى بىلەن بىرلەشكەن) .... قاتارلىق تور بېكەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرى مانا مۇشۇ ئىنتىل سەيناسىدا تۈرلۈك كومپيۇتېر ۋە تور بىلىملىرىنى ئۆگىنىش نەتىجىسىدە يىتىشىپ چىققانلاردۇر.
ئابلەتكامغا ئائىت ئۇچۇرلار روھلان مۇنبىرىدىن ئېلىندى مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. ياخشى ئادەم ئىدى. بىۋاستە كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ كىيۇكىيۇدا كۆپ پاراڭلاشقان ئىدۇق. تورداشلار ئابلەتكامنىڭ سۈرىتى بولسا يوللاپ قويساڭلار
باشقۇرغۇچىلار تېمىغا قىستۇرۇپ قويسا مەنمۇ پاراڭلىشىپ تۇراتتىم ئۇ ئادەم بىلەن. ھەم ئىنتىل تورىنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىدىم. ئىچىم ئاچچىق بولدى:(:(:(:(:(:(:(:(:(:(:(:(:(:( ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن
ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن
ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن
ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن
گەرچە ئىنتىل تورىغا بىرقىتىممۇ كىرىپ باقمىغان بولساممۇ
بۇ ماقالدىن خىلى كۆپ ياخشى ئىش قىلغانلىقنى بىلدىم ، بولدى سەبىر قىلايلى ئاللاھ سەبىر بەرسۇن. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغاي!
قەچان تۈگەپ كىتىپتۇ ، ئىستىقبال سەھنىسىدىكى ئابلەت ئەپەندىم شۇمۇ يا
رەببىم ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلغاي ئاللاھ رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلغان ئىدى
بەت:
[1]
2