alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:15:28

ئالپ تورى ھەقلىق تېما قوبۇل قىلىدۇ

ئالپ تورىنى جانلاندۇرۇش ۋە IT ساھەسىدىكىلەرگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ھەقلىق تېما قوبۇل قىلىش پىلانىنى قوزغاتتۇق.
قوبۇل قىلىندىغان تېمىلار.
1. كومپىيۇتېر ۋە يانفوننىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى تۈزۈش ھەققىدىكى دەرسلىكلەر. #Java, php, Vb.net, C ..... ئىشقىلىپ ھەر خىل پىروگرامما تىللىرىنىڭ دەرسلىكلىرى، ئەسلى كودلىرى.
2. كومپىيۇتېر، يانفوننىڭ ئۆزى ياسىغان ياكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان يۇمشاق دېتال، ئەپلىرى. يانفوننىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان روملىرى.
3. ئېنگىلىزچە، خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان IT ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكىلار، ئۇچۇرلار، بىلىم-تەجىربىلەر.
مۇشۇنداق تېمىلار تەستىقلانغاندىن كېيىن قىممىتىگە قاراپ ئاقچا بېرىلدۇ. ياكى تېما ئىگىسى ئۆزى مۇۋاپىق باھا قويۇپ بېكەت ئىچىدە ئاقچىغا ساتسىمۇ بولىدۇ. ئاقچىسى 500 گە يەتكەندە بىر ئاقچا بىر يۈەن بويچە ھېسابلىنىپ تېما ئىگىسىگە ئۇرۇپ بېرىلدۇ. (alipay ياكى بانكا كارتىسىغا)
بولۇپمۇ 1-تۈردىكى تېمىلار ئالاھىدە قارشى ئېلىندۇ.
يازغان تېمىنىڭ، تۈزگەن، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان يۇمشاق دېتال، ئەپلەرنىڭ ئىملاسى ئالاھىدە توغرا بولۇشى؛ باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كەلمەسلىكى كېرەك. ھەم باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلماسلىقى كېرەك.
بۇ ئىشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بولۇشى ئۈچۈن قوللاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن ئالپ تورى.

mur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:27:39

مارەك بولسۇن ياخشى بوپتۇ

gulakakqi123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:28:11

ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆزىنى سىناپ باقىدىغان ياخشى پۇرستىھازىرلىنىپتۇ ،،،

mur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:28:41

مارەك بولسۇن ياخشى بوپتۇ

ansar630 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:41:04

ئۇستازلارنىڭ ئىلھامىنى قوزغۇتۇش ۋە شۇ پۇرسەتتەقىزىققۇچىلارنىڭبىلىم ئىگەللىشى ئۈچۈن ياخشىئىشبوپتۇ.

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:43:13

ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ،پىروگىراممىچىلارنىڭ ئويغىنىدىغان ۋاختى كەپتۇ //mobcent//app/data/phiz/default/23.png

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:51:25

ھەقلىق تىما بولسا تىمىنىمۇ ھەقلىق كۆردىغان ئىش چىقامۇ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:54:09

bayawat يوللىغان ۋاقتى2014-11-26 18:51
ھەقلىق تىما بولسا تىمىنىمۇ ھەقلىق كۆردىغان ئىش چىقامۇ ...

تېما ئېگىسى ئاقچىغا سېتىلدىغان قىلىپ يازسا ئاقچىغا سېتىۋېلىپ ئاندىن كۆرۈسىلەر. تېما ئىگىسى ئاقچىلىق قىلمىسا بىز ئاقچا بىلەن مۇكاپاتلىساق باشقا ئەزالار بىۋاستە كۆرەلەيدۇ ياكى چۈشۈرەلەيدۇ.

xamsidin23 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:56:20

ياخشى ئىش بوپتۇ مۇبارەك بولسۇن

ئىزباسار يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 19:05:54

ياخشىغۇ.

alihan3 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 19:06:53

ياخشى گەپ

talba يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 19:34:05

alip يوللىغان ۋاقتى2014-11-26 18:54 static/image/common/back.gif
تېما ئېگىسى ئاقچىغا سېتىلدىغان قىلىپ يازسا ئاقچىغا س ...

مەن بىرىنچى تۈردىكى دەرىسلىكتىن ئىككىنى يوللاپ بولغان قايتا يوللىسام بۇلامدۇ،يەنە بىرقىسىم ماتىريال تاپقان شۇنى قۇشۇپ يوللايمەن،قايسى دىسكىدا مۇقىم تۇردۇ شۇنى بىر تەۋىسيە قىلسىڭىز ئالىپكا،بەيدۇ دىگەنلەر ھازىر ھەمبەرلەپ بولغىچە ئۈچۈرۈپ بۇلدىكەن بولمىسىغۇ 30GBدەك ماتىريال با C#   vb java C Oracle دىگەندەك دەرىسلىكلەردىن،ھەقسىز بولسىمۇ يوللىسام بۇلاتتى شۇ ئادرىسى ئۈچۈپ كىتىدىكەن ،

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 19:39:06

talba يوللىغان ۋاقتى2014-11-26 19:34
مەن بىرىنچى تۈردىكى دەرىسلىكتىن ئىككىنى يوللاپ بولغا ...

سىز يوللىغان ئۇ دەرسلىكلەر خەنزۇچىكەن. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ئۇيغۇرچە دەرسلىك.

talba يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 19:45:26

alip يوللىغان ۋاقتى2014-11-26 19:39 static/image/common/back.gif
سىز يوللىغان ئۇ دەرسلىكلەر خەنزۇچىكەن. بۇ يەردە كۆزدە ...

ھە بىلدىم ،

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 19:46:23

alip يوللىغان ۋاقتى2014-11-26 18:54
تېما ئېگىسى ئاقچىغا سېتىلدىغان قىلىپ يازسا ئاقچىغا س ...

ھە ،بۇمۇ بۇلغۇدەك ،:)
بەت: [1] 2 3
: ئالپ تورى ھەقلىق تېما قوبۇل قىلىدۇ