ئالىمجان يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 23:10:00

تەرەققىي قىلالمايدىغان 10 خىل خوجايىن.

اشقۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۆۋەندىكى 10 خىل «خوجايىن» تىجارىتىنى زورايتالمايدىكەن

1. بۈيۈك غايىسى يوق خوجايىنلار

«چوڭ» ئىش قىلىشنى ئويلىماي، ﻫازىرقى ﻫالىتىدىن رازى بولۇپ كېتىپ، رىقابەتكە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىغان، پۇرسەتكە نىسبەتەن سەزگۈر بولالمايدىغان خوجايىنلار. سودا ساﻫەسىدە چوڭ ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈككەن خوجايىنلار چوڭ شىركەتلەرنى قۇرۇپ چىقالايدۇ. نۆۋەتتىكى ﻫالىتىدىن رازى بولۇپ يۈرگەنلەر ئاخىرىدا سودىسى كاساتلىشىپ دۇكاننى تاقايدۇ ياكى كەسىپ ئالماشتۇرىدۇ.

2. ئېنىق پىلانى يوق خوجايىنلار

بۇ خىلدىكى خوجايىنلار ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپكە نىسبەتەن ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزۈشكە ماﻫىر ئەمەس. بۇلار تىجارەت جەريانىدا نۇرغۇن بايلىقنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ ياكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ ۋە ياكى بار بولغان بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنالمايدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ تىجارەت تەننەرخى ناﻫايىتى يۇقىرى بولىدۇ.

3. ئىختىساس ئىگىلىرىنى قەدىرلىمەيدىغان خوجايىنلار

ﻫەر قانداق بىر شىركەتكە نىسبەتەن ئىختىساس ئىگىلىرى مەبلەغ ۋە مۈلۈكتىن كۆپ مۇﻫىم. شىركەتتە ئىختىساسلىق خادىملار بولغاندىلا ئاندىن قىلماقچى بولغان ئىشنى ئوڭۇشلۇق قىلغىلى بولىدۇ. ئىختىساسلىق خادىم يوق شىركەتتە ﻫېچقانداق ئىش ئاقمايدۇ.

4. پەقەت ئۆزىلا ئىزدىنىپ، ئۇستاز تۇتمايدىغان خوجايىنلار

بۇ خىلدىكى خوجايىنلار پەقەت ئۆزىلا ئىزدەنگەننىڭ بەدىلىگە نۇرغۇن مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچراپ، ئەگرى يوللارنى كۆپ مېڭىپ كېتىپ ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ ياكى بار بايلىقىنى ئىسراپ قىلىۋېتىپ، يېتەرلىك مەبلىغى قالمايدۇ. ياكى نەزەر دائىرىسى تار بولغانلىقتىن پۇرسەت ۋە كىرىزىسنى ۋاقتىدا بايقىيالمايدۇ.

5. ئىدىيەسى قاتمال خوجايىنلار

جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەﻫۋالىغا نەزەر سالساق، قانچە ئېچىۋېتىلگەن جايلارنىڭ تەرەققىياتى شۇنچە تېز، ئىدىيەسى قالاق جايلارنىڭ تەرەققىياتى شۇنچە ئارقىدا قالغانلىقىنى بايقىيالايمىز. ئىدىيەسى قاتمال خوجايىنلار نۇرغۇن تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنى ئۆزى رەت قىلىۋېتىدۇ.

6. ئۆگەنمەيدىغان خوجايىنلار

ﻫەرخىل تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ تۇرىدىغان خوجايىنلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان خوجايىنلار بولۇپ، تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتناشمايدىغان خوجايىنلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تىجارەت ئەﻫۋالى ناچار.

7. «توخۇ يۈرەك» خوجايىنلار

خېيىم-خەتەر بىلەن پۇرسەت ئەزەلدىن تەڭپۇڭ بولۇپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالمايدىغان خوجايىنلار نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. بىر قىسىم خوجايىنلار مەسىلىنى مۇنداق ئويلايدۇ: «ناۋادا بۇ ئىشنى قىلسام، ناۋادا مەبلەغ سېلىپ مەغلۇپ بولسام قانداق قىلارمەن؟»

توغرا، ئادەم ﻫېچقانداق ئىش قىلمىسا مەغلۇپ بولمايدۇ، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان پۇرسەتمۇ بولمايدۇ.

8. كۆزى كىچىك، ئۇششاق ئىشلارغا كىرىشىۋالىدىغان خوجايىنلار

ۋاقتىنى ئۇششاق ئىشلارغا ئىسراپ قىلىۋېتىدىغان خوجايىنلارنىڭ شىركەت تەرەققىياتى قاتارلىق چوڭ ئىشلارنى ئويلىشىدىغانغا نەدىمۇ ۋاقتى بولسۇن؟ بەزى خوجايىنلارنى ﻫەتتا «ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى» دېيىشكىمۇ بولىدۇ، شىركەتنىڭ نەرىدە مەسىلە كۆرۈلسە شۇ يەردە پەيدا بولىدۇ، لېكىن «قانداق قىلغاندا مەسىلە چىقمايدۇ؟» دېگەننى ئويلاشمايدۇ. بۇ خىلدىكى خوجايىنلارنىڭ تىجارىتى ناچار بولغاننىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرى ناﻫايىتى ﻫېرىپ كېتىدۇ. ئەكسىچە، پەقەت شىركەت تەرەققىياتى قاتارلىق چوڭ ئىشلارغىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان خوجايىنلار ئۇششاق ئىشلارنى خىزمەتچىلىرىگە خاتىرجەم تاشلاپ بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا خىزمەتچى خادىمنىڭمۇ رولى بولۇپ، ئۇزاق مەزگىل شىركەتتە ئىشلەيدۇ، خوجايىن ئۆزىمۇ راﻫەت ﻫېس قىلىدۇ.

9. باش چۆكۈرۈپ تىجارەتلا قىلىپ، ئېلان-تەشۋىقات قىلمايدىغان خوجايىنلار

سېتىش ئۈچۈن چوقۇم ئېلان-تەشۋىقات قىلىش كېرەك. ئېلان-تەشۋىقاتنى قانچە كۆپ قىلغان شىركەت شۇنچە تېز تەرەققىي قىلىدۇ. باش چۆكۈرۈپ تىجارەت بىلەنلا شۇغۇللىنىپ، ﻫازىرقى خېرىدارلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن رازى بولۇپ يۈرگەن خوجايىنلار باشقىلارنىڭ ئېلان-تەشۋىقاتقا تايىنىپ تېخىمۇ كۆپ بازارنى ئىگىلەپ بولغانلىقىنى سەزمەيلا قالىدۇ.

10. ئاز پايدىنى كۆزلەيدىغان، سەمىمىيەتسىز خوجايىنلار

سەمىمىيلىك ئېغىر بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىركەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ﻫەرخىل پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. سەمىمىيەتسىزلىك ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل گەرچە ئازدەك، ۋاقتىنچە ناﻫايىتى كۆپ پايدىغا ئېرىشكەندەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن ئۆزى سەزمەيلا ئېغىر بەدەل تۆلەپ، نۇرغۇن تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.
مەنبە:ئەرقال تاراتقۇسى

لەغمەن يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 00:00:25

رەھمەت بىلىۋالغۇدەك مەسىلىكەن

لەغمەن يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 00:02:45

رەھمەت بىلىۋالغۇدەك مەسىلىكەن

1767177327 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 09:29:08

kimda4.1..2niguygurqa    tunutidigan   ap   ba

تەۋەككۇل يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 09:49:38

1767177327 يوللىغان ۋاقتى2014-11-21 09:29
kimda4.1..2niguygurqa    tunutidigan   ap   ba

مەندە بار ،

تەۋەككۇل يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 09:54:02

مانا چۈشۈرۈش ئادىرېسى :




4.1فونت

merdan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 11:25:37

1767177327 يوللىغان ۋاقتى2014-11-21 09:29
kimda4.1..2niguygurqa    tunutidigan   ap   ba

http://elter.cc/appmarket/index.php?r=site/detail&id=50&language_id=1&category_id=5
ئەپ لازىم بولسا باشتا ئەلتەر ئەپ بازىرىدىن ئىزدەپ كۆرۈڭ.

Bahadir9 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 14:11:41

//mobcent//app/data/phiz/default/03.pngبىزنىڭ خوجايىن مۇشۇ 10 تۈرنىڭ ھەممىسىگە   تۇلۇق چۈشىدىكەن...

Gerip520 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 18:32:58

Bahadir9 يوللىغان ۋاقتى2014-11-21 14:11 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ خوجايىن مۇشۇ 10 تۈرنىڭ ھەممىسىگە   تۇلۇق چۈشىدى ...

ھاھاھاھا...

Bahadir9 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 18:02:51

Gerip520 يوللىغان ۋاقتى2014-11-21 18:32 static/image/common/back.gif
ھاھاھاھا...

//mobcent//app/data/phiz/default/03.png

★BABUR★ يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 23:17:23

ھاھاھاھا

βaLa_❤_⑧_啦 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 19:18:36

Bahadir9 يوللىغان ۋاقتى2014-11-22 18:02


ئۇنىداقتا سىز چۇ :lol

Bahadir9 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 19:23:54

βaLa_❤_⑧_啦 يوللىغان ۋاقتى2014-11-27 19:18 static/image/common/back.gif
ئۇنىداقتا سىز چۇ

مەنھەممىسىگە چۈشمەيمەن....مەن ئۈزەمگە ئۈزەم باھا بەسەم بولماس...
بەت: [1]
: تەرەققىي قىلالمايدىغان 10 خىل خوجايىن.