سالون باشقۇرغىچىلارغا ئوچۇق خەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ما تىمىنى يازماي دىگەن…ئۆزۈمنى بەك تۇتۋاغان لىكىن مۇشۇ ئۈندىدار چەمبىرىكىدىكى بەزى تىمىلارغا قارىساملا بەك نىرۋام بەك ئۆرلەيدۇ،بەلكىم ئۇنداق پىس پاس تىمىلاردىن مەنلام ئەمەس كۆپچىلىكمۇ بىزار بولدى دەپ قارايمەن،مەيلى ئۇلار تۈزەلسۇن ياكى تۈزەلمىسۇن يەنىلا بىر ئىككى ئىغىز تەكلىپ بىرىشنى توغرا تاپتىم،
مەن ئويلىغانلىرىمنى دىسەم كۆپچىلىكمۇ شۇلارغا بولغان پىكىرنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن،
ئەمسە نەخ گەپكە كەلسەك يىقىندىن بۇيان بۇرۇنمۇ بارتى لىكىن ھازىر تىخىمۇ بەك ھەددىدىن ئىشىپ كەتتى،.
……ناملىق تىما،
كۆرىلى دەپ ئاچساق بۇ تىمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەڭ ئاستىغا قاراڭ،
ئاستىغا سۈرۈپ بولغىچە بىر مۇنچە ئىلاندىن باشقا ھىشنىمە يوق،ئاندىن ئەڭ ئاستىدا تىگىدىكى خەنزۇچە خەتنى بىسىپ پالانى سالوننى قوشۇپ پالانى رەقەمنى يوللاش ئارقىلىق كۆرۈڭ،سالونىغا مەجبۇرى قوشقان،مىنىڭ ئەڭ نىرۋامغا تەگكىنى مۇشۇ شۇ،بەكلا ساپاسىزلىق دەپ قارايمەن،
يەنە بىر مەسىلە بۇرۇندىنلا بار،ھازىرمۇ كۆپىيۋاتىدۇ،
ئۇيغۇر بولسىڭىز تارقىتىڭ،مۇسۇلمان بولسىڭىز تارقىتىڭ،دوستۇم بولسىڭىز تارقىتىڭ،ئەركەك بولسىڭىز تارقىتىڭ،ئۇندا بولسىڭىز بۇندا بولسىڭىز،ئۆزىڭىزنى ئۇندا چاغلىسىڭىز مۇندا چاغلىسىڭىز تارقىتىڭ،ياكى چوقۇم كۆرۈڭ، چوقۇم تارىقىتىڭ،ئىچىپ قارسىساق نەدىكى تايىنى يوق بىر نەسىلەر،پەقەت چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى،خۇددى بىزنىڭ ئەركەكلىكىمىز ،ئۇيغۇرلىقىمىز شۇ بىر نىمىلەرنى تارقىتىش بىلەن، سالونلارنى قوشۇش ئىپادىلىنىدىغاندەك،مىنىڭچە بۇنداق نادانلىقنى كۆپچىلىكمۇ ياقتۇرمايدۇ دەپ قارايمەن،
شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ شۇ بىمەنىلەرگە بولغان كۆز قارىشى ئارقىلىق شۇلارغا بىرلىكتە رەددىيە بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-16 04:56
ناھايىتى ئاز بىر قىسىم سالونلار ھاجەتمەنلەر ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.ئادەم ئىزدەش ئېلانى ،نەرسە كېرەك يۈتتۈرۈپ قويغانلارنى ئېلانلىرىنى ،باشقىلارغا دەل ۋاقتىدا پايدا يەتكۈزىدىغان خەۋەرلەرنى خالىس ئېلان قىلىۋاتىدۇ. موشۇنداق سالونلارنى ئىزدەپ تېپىپ دىققەتتە بولۇشقا ئەرزىيدۇ. زادى قايسىلىرى بار ،بىلىدىغانلار سالون نومۇرىنى قالدۇرۇپ تەشۋىق قىلىپ قۇياسىلەر.
يەنە بىر قىسىم مەلۇم بىر يۈنىلىشتىلا مەزمۇن يوللايدىغان ، ئىھتىياجلىقلارغا مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان سالونلار بار ، مەسىلەن 尔卡资本ئەرقال كاپىتالى سالونى ، ئىزدەش نومۇرى erqalcapital.مەخسۇس ئىقسادقا دائىر مەزمۇنلارنى يوللايدۇ . باشقا ھىچقانداق مۇناسىۋەتسىز مەزمۇن يوق .
يەنە مەسىلەن eoe移动开发者社区 سالونى ، ئىزدەش نومۇرى eoe_cn ، مەخسۇس ئاندىروئىد توغۇرلۇق مەزمۇن يوللايدۇ. باشقا مۇناسىۋەتسىز مەزمۇن يوق.
يەنە باشقا axpaz712 سالونى ، مەخسۇس ساغلاملىق ۋە تائام تەييارلاش ھەققىدە مەزمۇن يوللايدۇ . ئىزدەش نومۇرى axpazjan.
يەنە باشقا مەن بىلمەيدىغانلار.
بۇنداق مەخسۇس بىرلا تۈردىكى مەزمۇننى يوللايدىغان سالونلارغا قىزىقىشىمىزغا ئاساسەن دىققەت قىلىپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ .بۇلار باشقا سالونلاردەك ئېلان كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل ئىپلاس ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ ،قالايمىقان سالوننىڭ خاراكتىرىگە ماس كەلمىگەن نەرسىلەرنى يوللاپ ئادەم يېغمايدۇ .
بۇلاردىن باشقا سالونلار ئېلان كىرىمىنى مەقسەت قىلىدۇ. ئېلان كىرىمىنى مەقسەت قىلغان سالونلارنى ئورتاق ئالاھىدىلىكى ۋاستە تاللىمايدۇ . مەزمۇن تاللىمايدۇ . قانداق تۈردىكى مەزمۇن بولسا يوللاۋېرىدۇ . زاماندىن ھالقىغان دەرىجىدە ئۇنۋېرساللىشىپ كەتكەن . بەزى بالىلارنىڭ قۇلىدا سەككىز-ئون ، ھەتتا ئون -يىگىرمە سالون بار . بىر سالونغا كۈندە بەش مەزمۇن يوللىسا ئون سالونغا كۈندە ئەللىك مەزمۇن يوللىشى كېرەك . يېتىشىپ بۇلالماي بىكارچىدىن تۆت بەشنى تۆۋەن مائاش بىلەن ئولتاغۇزۇپ قويۇپ مەزمۇن يوللىتىدۇ . بۇ بىكارچىلار كۈندە 50 مەزمۇننى نەدىن بولسا تېپىپ يوللايدۇ . ھەتتا بەزى كاللىسى يوقلار دىندا چەكەنگەن مەزمۇنلارنى بىلىپ بىلمەي يوللاشتىن باش تارتمايدۇ .باشقىلارغا بولغان تەسىرى بىلەن چاتىقى يوق . موشۇنداق قىلىپ ئايدا نەچچە ئون مىڭ يۈئەن تاپىدىغان (قۇلىدىن سەت ئىش كىلىدۇ )سالونچىلار بار.
موشۇنداق سالونلاردانامۇۋاپىق مەزمۇنلارنى بايقىساڭلار ئۆزۈڭلار ھەم باشقىلار ئۈچۈن سۈكۈت قىلىپ ئولتاماي مەزمۇننىڭ تېگىدىكى 举报دېگەن خەتنى بېسىپ مەلۇم قىلىپ قويساڭلار مەلۇم قىلىش سانى بەلگىلىك بولغاندا شۇ مەزمۇن چەكلىنىدۇ.
ئۇنىمۇ دەيمىز ، بۇنىمۇ دەيمىز. سالونچىلاردىن باشقا ئۆزىمىزمۇ بىلىپ بىلمەي نەدىكى تۇترۇقسىز ، ھاتتا باشقىلارغا قىلچىلىك نەپ تەگمەيدىغان مەزمۇنلارنى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ سالىمىز .ئەمەلىيەتتە كۈندە بەزى تۇترۇقسىز سالونلاردىن كەلگەن نامۇۋاپىق مەزمۇنلارنى دوستلار چەمبىرىكىگەيوللايدىغانلارنىڭ شۇ سالونچىلاردىن كۆپ پەرقىمىز يوق . شۇڭا باشتا مەسىلىنى ئۆزىمىزدىن بىر ئىزدەپ كۆرەيلى . قىزىل خەت چىقسا باسماڭ، كەينىگە قايتىڭ دېگەن خەتتىن شۇندا بىزارمەن. بۇيرۇق چۈشۈرۈپ غىتمەكلە دۇرۇس ئادەمنى بەكلا مەجبۇرلايدىكەن كۆرگىسى بولسا كۆرىدۇ بولمىسا كۆرمەيدۇ ئادەمنى مەجبۇرلاپ بىزنىڭ ھاياتىمىز ئاشۇ بىر نەچچە پارچا خەتكە باغلىقتەكلا تار قاتمىسىڭىز نامىراتلىشىپ ئويلىرىڭىزگە ئوت كىتىدۇ 7 ئادەمگە تارقاتسىڭىز 7 كۇندىن كىيىن بېرىپ كىتىسىىز يەنە ئۇ شىركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ گۇڭسىنىڭ ئىش باشلىغانلىقىنى تەبىرىكلەپ پائالىيەت باكەن 5 ئادەمگە تاقاتسىڭىز 1024 مىگابايت ئېقىم سوغا قىلىدۇ دەيدىغان گەپلە چۇ تېخى نېمە دىگەن ماز نېمە دېگەن نادانلىق ياخشى تىما بۇپتۇ
مەنغۇ مۇشىنىڭدەك ھەقىقى مەزمۇننى يوشۇرغان،قىزىقتۇرۇپ ئادەمنى ئاخماق قىلىدىغان سالونلارنى دەرھاللا 取消关注 بېسىپلا يوقىتىمەن. ۋا ما ئاداش كۆڭلىمدىكىنىلا يىزىپتۇ،ئەر شۇ سالوننى قوشساق ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ كىرىم بۇلىدىغان ئىش بولسا بىزنى قوللاپ قۇيۇڭلا دەپ چىقارسا مەيلى ئۇنداق سالۇندىن نەچچىسى بولسا مانا مەن قۇشۇشقا رازى،لىكىن ئاشۇنداق پالانى سالۇننى قۇشۇپ مانچىنى يوللاپ كۆرۈڭ دىگەن سالۇننى قەتتى قوشمايمەن ئەگەر بەك ئۇقۇغۇم كىلىپ قالسا بىرلا ئىش ئۇقۇپ بوپلا جايىدا ئۆچۈرۋېتىمەن،مىنىڭچە مۇتلەق كۆپ قىسىم قىرىنداشلا ئۆچ بۇنداق سلۇنلارغا ئامماس ماتا زولاپ ساتا دىگەن شۇدە.دىمىسىمۇ ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنلار بولسا ئۇنى قىلىڭ بۇنى بىسڭ دىمىسىمۇ ئۆزىمىز ئىزدەپ سوراپ كۆرمىز دە .مۇشۇ سالون باشقۇرغۇچىلار ئازراق خىجىل بولسا بولاتتى
مەن مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن خالىي،
چۈنكى مەن ئۈندىدار ئىشلەتمەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركيۇرت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-15 17:20
بەزىلەر شۇنداق قىززىق بىر تېپىشماقنى ئېيتىپ پالانى سالوننى قاچىلسىڭىز جاۋابى چىقىدۇ دەيدىكە. قىززىقچىلىقتا مەجبۇرى قاچىلايدىكەنمىز. يەنە ئۇلارمۇ پالان سالوننى قاچىلاپ مۇنچىنى يوللىسىڭىز جاۋابى چىقىدۇ دەيدىكە. ئۇنچېلىك قىلىپ ئادەم توپلاپ نىمە كەپتۇ. ھەقىقى مەنپەئەت تېگىدىغان بىلىم بېرەلىسە ئۇنداق زورلىمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن قاچىلايدۇ.
يەنە تېخىئەڭ يېڭى ئەپلەر لازىم بولسا ئۈزۈك سىزىق ئاستىدىكى خەتنى بېسىپ دەۋاتقان.نەدىكىنى, قالايمىقان سالون قاچىلىنىدۇ شۇ. ئاجايىپ ئۇبدان تېمايىزىپسىزرەھمەت دوستۇم.كۆڭلۈم خېلىئەمىنتېپىپقالدى .رەھمەت.مۇشۇنداقسالوندىنبەكزىرىكىپكەتتىممۇشۇنداسالونلارنى ئەرىزقىلغىلى بولمامدىكى؟... ياخشى مەزمۇنلارنى يوللىسا دوسلارئارا تەشۋىقاتقىلمىز .لىكىن بۇنى سالون كەشلەر بىلمەيدۇ دە ھەي ئەركيۇرت يوللىغان ۋاقتى2014-11-15 17:18 static/image/common/back.gif
بەزىلەر شۇنداق قىززىق بىر تېپىشماقنى ئېيتىپ پالانى سا ...
رەھمەت دوستۇممۇشۇتىمىنى يازغىنىڭزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت .
مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى تىپىپ يىزىپسىز
بەكرەك جىلە قىلىپ قالسا پاش قىلساڭلا ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە، شۇ چاغدا كۆرەي پەندىيات دېمىگىنىنى. بۇ مەسىلىلەردىن سرىت كۆچۈرمىچىلىك بەك ئەۋج ئېىلىپ كەتتى .. ئوخشىمىغان ماۋزۇ ئوخشاش ماقالە ،خەۋەر ... سالون باشقۇرغۇچىلار ئۇنۋىرساللىققا يۈزلىنىپ خەقىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئەۋەتىپ سامان بولۇپ كەتكەن نەرسىسىنى كۆچۈرۈپ ئەۋەتىپ ئادەم بىزار قىلىشتىن باشقا تېلفۇنغا يۈك چۈشۈرگىچە ئۆزىنىڭ قۇربىتى يېتىدىغان مەزمۇندا يېڭلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئۆزىگىلا خاس مەزمۇنلارنى ئەۋەتىشنى ئۆمۈد قىلىمەن .... ئادەتتە دىققەت قىلمىساقبولىدۇغۇ
مەنمۇ قوللايمە پىكرىڭىزنى