alptegin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 22:07:55

تور بېكەتكە ئۇنىۋېرسال EOT تونۇتۇش دەرسلىكى

تور بېكەتكە ئۇنىۋېرسالئېئوت تونۇتۇش دەرسلىكى
مۇشۇ ۋوردپرەس بىلوگى بىلەن تونۇشقىلى ئىككى يىل، تور بېكەت ياساش پروگرامما تىللىرى بىلەن تونۇشقىلى بىر يىلچە بوپتۇ. مۇشۇ جەرياندا “ئېئوت” دېگەن نەرسە بىلەن بەك جىقئېتىشىپ كەتتىم. ھەتتاكى باشقىلارغا ئۇسلۇب يېزىپ بەرگىنىمدە ئاشۇ ئېئوت دېگەن كاساپەتلا ئىككى ھەپتە ئاۋارە قىلغان ئىدى.
يېقىندا نۇرقۇت تورىدىن دىسكازغا مۇناسىۋەتلىك ئۇنىۋېرسال ئېئوت قويۇش دەرسلىكى ئارقىلىق
بۇ مەسىلىنىمۇ ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى بىلىۋالدىم. ئەمىسە دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى گۇمپىلاردا بولغاي!!!
مېنىڭ ئىشلەتكىنىم UKIJ TUZ TOM خەت نۇسخىسىنىڭ ئېئوتى، شۇڭا مۇشۇ بويىچە بولىدۇ.
بىرىنچى قەدەمدە ئۇنىۋېرسال ئېئوتنى چۈشۈرۈۋالىمىز. چۈشۈرۈش ئادرېسى مانا: بۇ يەرنى باسماڭ!!!
چۈشۈرۈش كودى: 3lwf
ئىككىنچى قەدەمدە بوشلۇقىمىزنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە بايىقى چۈشۈرگەننى يېشىپ يۈكلەيمىز. مەن ھازىر يەرلىكتىكى PHP مۇلازىمتېرى ئىشلىتىۋاتقان بولغاچقا بىۋاسىتە غول مۇندەرىجىگە چاپلاپ قويدۇم.

ماۋۇ مېنىڭ بىلوگۇمنىڭ ئېئوت تونۇتمىغاندىكى جامالى، جىقراق كۆرۈپ ھوزۇرلانغايسىلەر

ئۈچىنچى قەدەمدە، بىز ئېئوتنىڭ ئادرېسلىرىنى تور بەتنىڭ CSS ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا چاپلايمىز. ھەمدە CSS ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى بارلىق خەت نۇسخىسىنى ئالدىن تەييارلىۋالغان خەت نۇسخىسىنىڭ ئېتىغا ئالماشتۇرىمىز. ماۋۇ رەسىمدىكىدەك:



بىلوگۇمنىڭ جامالى بايىقىدىنمۇ بەكرەك ئىسكەتكە كىرىپ كەتتى مانا. ھۇ ھۇھۇ
ۋوردپرەستە بىلوگ ياسىتىمەن دەيدىغانلار بولسا نۆلدىن باشلاپ سىزگە يارىغۇدەك قىلىپ بىلوگ ياساپ بېرەلەيمەن. ياساتماقچى بولسىڭىز، چ چ: 295415322 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. لېكىن ئاۋۇ ئۇسلۇبۇمغا قاراپ ياخشى ياسىيالمايدىكەن دەپ قالماڭ!!! يەرلىكتە يېڭى ئۇسلۇب يېزىۋاتقان بولغاچقا، ماشۇ قولۇمنىڭ ئۇچىدا يېزىپ قويغان ئۇسلۇبنى چىقىرىپ قويغاچ تۇردۇم.
ماۋۇ يازمىنىڭ مەنبەسىنى: ئالپبەگ تور تۇراسى دەپ بىلىۋېلىڭ. تېخىمۇ كۆپ ئوقەتلەرگە قىزىقسىڭىز يەنىلا شۇ بىلوگۇمى بىر چېكىپ باقسىڭىز بىلىسىز.

howareyou140 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 16:51:15

نىمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى پەقەت چۈشەنمىدىم ، يا بىر دەرسلىك قىلىپ ئىشلەپ ئاندىن بىز باشتىن سۆزلىسىڭىز ئۇنى قۇرۇق پو ئېتىپ ئۆزىڭىزنى داڭلىماي

alptegin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 19:22:27

howareyou140 يوللىغان ۋاقتى2014-10-29 16:51
نىمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى پەقەت چۈشەنمىدىم ، يا بىر دە ...

قېرىندىشىم نېمە دېمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەنمىدىم. مالال كۆرمىسىڭىز تەپسىلىيرەك دېگەن بولسىڭىز، رەھمەت.

xjislam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 19:46:39

howareyou140 يوللىغان ۋاقتى2014-10-29 16:51
نىمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى پەقەت چۈشەنمىدىم ، يا بىر دە ...

چۈشەنمىگەن بولسىڭىز ھېچكىم سىزنى چۈشەنمەپتۇ دەپ ئاغرىنمايدۇ ، لېكىن ئىنكاسىڭىزغا بەك بەك بەكلا دىققەت قىلىڭ . بۇ بۇرادەرنىڭ يازغىنىنى تور بەت ياساشنى بىلىدىغان ، تور بەت ياساپ باققانلار چۈشۈنەلەيدۇ ، سىزگە ئوخشاش چايناپ بەرسىمۇ يۇتالمايدىغانلار چۈشەنمەسلىكى ئىنىق .

xjislam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 19:49:39

alptegin يوللىغان ۋاقتى2014-10-29 19:22
قېرىندىشىم نېمە دېمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەنمىدىم. مال ...

بۇ بۇرادەرنىڭ ئىئوت دىگىنى تور بەتنىڭ خەت نوسخىسى ياكى خەت شەكلى دەپ چۈشەنسىڭىز بۇلىدۇ ، بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنى تور بەت خەت نوسخىسىنى چىرايلىق ياكى ئولچەملىك چىقىرالمىغانلار ئۈچۈن تەمىنلىگەن بىلىمكەن دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ 。

rixtam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 20:01:10

تور بەتنىڭeotمەسىلىسىھەقىقەتەن بىزگەئوخشاش يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرگەتەسكىلىدۇ .ناھايتتى ئەتراپلىقچۈشەندۈرۈپسىزرەھمەتسىزگە//mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/23.png//mobcent//app/data/phiz/default/23.png

uqkun77 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 21:35:52

مۇشۇ ۋورد پىرىس توغرىسىدا ھەقسىز ئۇگۇتۇپ قويىدىغانلار ئاساسەن يوقكەن.
مەن نۇرغۇن مەسىلىلەردە بىلوگچىلارغا مۇراجەت قىلدىم لىكىن ئۇلار ئاساسەن ئۇگۇتۇشنى خالىمايدىكەن، گەپنىڭ ئىغىرىنى قىلغاندا ئالىپ ۋە باشقا مۇنبەرلەردىكى ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەۋاتقان تورداشلار بىلەن ئايرىم دۇنيا ئىكەن، پۇلنى كۆپرەك تونۇيدىكەن.

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 22:08:29

uqkun77 يوللىغان ۋاقتى2014-10-29 21:35
مۇشۇ ۋورد پىرىس توغرىسىدا ھەقسىز ئۇگۇتۇپ قويىدىغانلار ...

ئەمدى ھازىر ئۆگەنگەننى ئىقتىسادقا ئايلاندۇرمىساق بولمايدۇ ئەمەسمۇ. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام مۇشۇ ۋوردپرەسكە ئۇسلۇب يېزىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن بەك جىق ئىزدەمدىم ۋە ئىزدىنىۋاتىمەن. ئۆزى ئاساندەك كۆرۈنگىنى بىلەن بەك قول تۇتىدىغان ئىشكەن ئەمەسمۇ بۇ. بۇنى ئۆگىنىش ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلىپ دەرسلىك سېتىۋالغان، ئەمما كونا دەرسلىك بولغاچقا ھازىرقى بىلوگ ياساش تېخنىكىسغا ئانچە ماس كېلىپمۇ كەتمەيدىكەن. شۇڭا توختىماي ئىزدىنىشقا توغرا كېلىدىكەن، جاپا تارتقانغا لايىق ئازراق ئىقتىساد يۈزى كۆرمىسە ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىقمايدىغان ئەمەسمۇ...

uqkun77 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 23:49:32

pirogrammer يوللىغان ۋاقتى2014-10-29 20:08
ئەمدى ھازىر ئۆگەنگەننى ئىقتىسادقا ئايلاندۇرمىساق بو ...

پىكىرىڭىزنى تامامەن قوللايمەن، بىرنەرسىنى ئۇگۇنۇش ئۇچۇن پەقەت بولمىغاندىمۇ ۋاقىت كىتىدۇ.
مەنمۇ ئۇگۇنۇش ئۇچۇن تىرىشىۋاتىمەن ، ھەرقىتىم بىلوگ مەسىلىسىدە بىرەر ئىشقا دۇچ كەلگەندە باشقىلاردىن سورىسام تومتاقلا گەپ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق يەنە بەيدۇنى ئاقتۇرۇپ خەنلەرنىڭ تىمىسىدىن پايدىلىنىپ كىلىۋاتىمەن.
بىرەر ئۇسلۇپ تۇزۇش ياكى ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلىشقا ئاز ۋاقىت ۋە زىھىن كىرەك لىكىن ئىككى ئغىز گەپ بىلەن چۇشەندۇرۇشكە بولىدىغان ئىشلاردىمۇ سىرلىقلاشتۇرىۋىتىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟

ئەگەر گىپىمنى خاتا دىسىڭىز بىلوگلارغا كىرىپ مىنىڭ مۇشۇ باش سۇرىتىم بىلەن سورالغان سۇئاللارغا قاراپ بىقىڭ، جاۋاپ قانچىلىك، ئاندىن مىنى چۇشۇنۇپ قالىسىز.

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 01:09:19

uqkun77 يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 23:49
پىكىرىڭىزنى تامامەن قوللايمەن، بىرنەرسىنى ئۇگۇنۇش ئ ...

مەنمۇ سوراپ تۇرىمەن، ئوخشاشلا تومتاق جاۋاب بېرىشىدۇ، شۇڭا بەيدۇلىماي نە چارە. ھازىر نېمىلا ئۆگەنسەم خەنچە مەنبەدىن ئۆگىنىۋاتىمەن. ئالىيگاھتا ياخشى ئوقۇماپتىكەنمەن، ھازىر قاتتىق تىرىشماي ئامال قالمىغان چېغىۋا...
بەت: [1]
: تور بېكەتكە ئۇنىۋېرسال EOT تونۇتۇش دەرسلىكى