Androidۋە Windows قوش سېستىمىلىق قىلىۋېلىڭ !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yaqup_net تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-19 14:05كومپىيوتىرىڭىزنى Androidۋە Windowsقوش سېستىمىلىق قىلىۋېلىڭ !
http://yaqup-net.qiniudn.com/how-install-android-4-4-kitkat-pc1.png!yaqup.net
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم تورداشلار ،
خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى،كومپىيوتىرىمغا ۋىندوۋس 7 ،ئاندىرويىد شۇنداقلا ئوبۇنتۇ 14.04 سېستىمىسىنى ئۈچ سېستىما قىلىب ئىشلىتىۋاتقىلى .ئەلۋەتتە ئالدىنقى كۈنى يەنە فېدورا بىلەن قىزىل قالپاقنىمۇ بىرگە قاچىلاب بەش سېستىما قىلىب باقتىم.
ئوبۇنتۇنىڭ ياخشى تەرەبلىرىنى سۆزلەب بۇ يازمىنى تېمىدىن چەتنىتىۋەتكىم يوق،ئەمما قېرىنداشلارنىڭ ئوبۇنتۇنى سىناب كۆرۈب بېقىشىنى يەنە بىر قېتىم تەۋسىيە قىلىمەن.يېقىندا ئۆزۈمنىڭ بىلوگىمدا ئوبۇنتۇنى قاچىلاب ئىشلىتىش توغۇرسىدا نۆلدىن باشلانغان بىر يۈرۈش يازمىلارنى ئېلان قىلماقچىمەن.
ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەك ،نۇرغۇن تورداشلىرىمىز بەلكىم ،كومپىيوتىرغا ئاندىرويىد سېستىمىسى قاچىلاش بۇ بىر كونا تېمىغۇ ؟ bluestack نى قاچىلاب ئاندىرويىد سېستىمىسىنىڭ ئەپلىرىنى ئىشلەتكىلى بولىدىغۇ ؟دىيىشى مۇمكىن ،ئەمما مېنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغىنىم ، ۋىندوۋس مۇھىتىدە ئاللاقانداق بىر bluestack نى قاچىلاب ئىشلىتىش ۋە ياكى مەۋھۇم ھالەتتە ئاندىرويىد سېستىمىسى قاچىلاش بولماستىن بەلكى كومپىيوتىرنىڭ قاتتىق دېسكىسىغا بىۋاستە ئاندىرويىد سېستىمىسى قاچىلاشتۇر.
Computer
Summary
Computer
Processor 2x Intel(R) Atom(TM) CPU N270 @ 1.60GHz
Memory 1014MB (739MB used)
Operating System Ubuntu 14.04.1 LTS
User Name yz (Yaqub Ghazi)
Date/Time Sun 19 Oct 2014 11:13:08 PHT
Display
Resolution 1024x600 pixels
OpenGL Renderer Unknown
X11 Vendor The X.Org Foundation
Multimedia
Audio Adapter HDA-Intel - HDA Intel
مانا ئۈستىدىكىسى مەن بەش سستىما قاچىلاشقا ئىشلەتكەن كونا ئاتوم ئۈزەكلىك تور كومپىيوتىرى.(ۋىندوۋس ئىكىس پ يامان ئەمەس سۆرەيدۇ ،ۋىندوۋس 7 زە لېكىن ھورۇن ئېشەكتىنمۇ ئاستا ،ئوبۇنتۇ تازا ياخشى جۇمۇ!)
كومپىيوتىرىڭىزنى Androidۋە Windowsقوش سېستىمىلىق قىلىۋېلىڭ !
قېنى ئەمىسە تۆۋەندىكى باسقۇچلار بىلەن ،قوش سېستىما سەپىرىڭىزنى باشلاڭ !
ئالاھىدە ئەسكەرتىش :مەشخۇلات خاتالىقىتۈپەيلى كېلىب چىققان ھەر قانداق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز ئىگە !
1.ئالدى بىلەن كومپىيوتىرىڭىز قاتتىق دېسكىسىدىن 10 گىگابايىتلىق بىر يېڭى دېسكا رايونى ئايرىب چىقىڭ .
2.ئەمدىكى قەدەمدەDownload android-x86-4.4-RC1.iso ھۆججىتىنى ئورگان تەرەپتىن چۈشۈرۈڭ . بۇ يەرنى بېسىڭ
ئەسكەرتىش:يۇقىرىدىكى توربەتكە دۆلەت ئىچىدىن زىيارەت قىلغىلى بولمىغاچقا بىۋاستە بۇ ئادىرىستىن چۈشۈرۈڭ: بۇ يەرنى بېسىڭ !
http://yaqup-net.qiniudn.com/android-x86.org.png!yaqup.net
ئاندىن ئۈستىدىكى download دىگەن ئۇلانمىنى بېسىڭ.
يېڭى ئېچىلغان توربەتنى ئاستىغا سېرىب چۈشۈرۈب ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرىنى تاللايمىز.ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسۈتۈلگىنىدەك ،view دىگەن خەتنى بېسىڭ:
http://yaqup-net.qiniudn.com/downloadandroid4.4.png!yaqup.net
3.ئەمدى چوڭلىقى تەخمىنەن 4گىگابايىت كېلىدىغان بارماق دېسكا تەييارلاڭ ،ئۇنىڭدىن كىيىن ئاندىرويىد نىڭ سېستىما ھۆججىتىنى بارماق دېسكىغا ئويىدىغان تۆۋەنكى دىتالنى چۈشۈرۈڭ. بۇ يەرنى بېسىڭ (ياكى بەيدۇدىن UNetbootin دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۈڭ.)
http://yaqup-net.qiniudn.com/unetbootin.png!yaqup.net
4.ئەمدىكى ئىش يۇقىرىدىكى دىتال ئارقىلىق ئاندىرويىدنىڭ ھۆججىتىنى بارماق دېسكىغا ئويۇۋالىمىز.
http://yaqup-net.qiniudn.com/unetbootin.jpg!yaqup.net
چۈشۈرىۋالغان android-x86-4.4-r1.iso ھۆججىتى ۋە بارماق دېسكىنى كۆرسۈتۈب بەرگەندىن كېيىن OKدىگەن خەتنى بېسىب ،مەشخۇلات تاماملانغۇچە ساقلاب تۇرۇڭ.
5.ئەگەر بارماق دېسكىنى تەييارلاب بولغان بولسىڭىز ،ئۇنداقتا كومپىيوتىرىڭىزنىڭ BIOS قا كىرىب بارماق دېسكىدىن قوزغۇلىدىغان قىلىب تەڭشەڭ.
6. كومپىيوتىر بارماق دېسكىدىن قوزغالغاندىن كېيىن بىۋاستە install Android-x86 نى تاللاب ئېنتىر نى بېسىڭ ،يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدhttp://yaqup-net.qiniudn.com/installer-windows-android.png!yaqup.netەك.
http://yaqup-net.qiniudn.com/grub.jpg!yaqup.net
7.ئاندىرويىد نى قاچىلايدىغان دېسكا رايونىنى تاللاڭ ،يەنى سىز بېشىدا تەييارلىۋالغان 10 گىگابايىتلىق دېسكا رايونى.
http://yaqup-net.qiniudn.com/chooce-partition-android.jpg!yaqup.net
8. سىزدىن دېسكىنى فورماتلاشنى تەلەب قىلسا ext3kg كە فورماتلاڭ ،بولمىسا داۋاملاشتۇرۇڭ.
9.سىزدىن grub قاچىلامسىز دەب سورىغاندا ،ھەئە "yes"دىگەننى تاللاب داۋاملاشتۇرۇڭ ،يەنى رەسىمدىكىدەك:
http://yaqup-net.qiniudn.com/install-grub.jpg!yaqup.net
10. ھەئە ،"Yes" نى بېسىپ ۋىندوۋس سېستىمىڭىزنى grub تىزىملىكىگە قوشۇڭ.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
http://yaqup-net.qiniudn.com/installer-windows-android.png!yaqup.net
11.ئەسكەرتىش :ئەگەر تۆۋەنكى رەسىمدە كۆرسۈتۈلگەندەك سىزدىن ئىچكى ساقلىغۇچ ھەجىمىنى كىرگۈزۈڭ دىسە ، 2047 يەنى ئەڭ چوڭ قىممەنى كىرگۈزۈڭ،(بۇ ئاندىرويىد سېستىمىڭىزنىڭ ROM بولىدۇ.)،ئەگەر تۆۋەنكى رەسىمدىكىدەك ئەسكەرتىش كۆزنىكى چىقمىسا سېستىما داۋاملىق قاچىلىنىب بولغىچە بىر ئاز تەخىر قىلىڭ.
http://yaqup-net.qiniudn.com/Screenshot%20from%202013-07-18%2018-39-22.png!yaqup.net
http://yaqup-net.qiniudn.com/Screenshot%20from%202013-07-18%2018-40-47.png!yaqup.net
2047 دەب كىرگۈزۈشنى ئۇنۇتماڭ
12. ئاندىرويىد نى قاتتىق دېسكىغا قاچىلاش تامام !
http://yaqup-net.qiniudn.com/android-selesai-install.png!yaqup.net
run android-x86 نى بېسىب بىۋاستە ئاندىرويىد سېستىمىسىغا كىرسىڭىزمۇ ياكى reboot نى تاللاب سېستىمىنى قايتا قوزغاتسىڭىزمۇ بولىدۇ.سېستىمىنى بىر قېتىم قايتا قوزغۇتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
(سېستىمىنى قايتا قوزغاتقاندا بارماق دېسكىنى تارتىۋېتىشنى ئۇنۇتماڭ!)
سېستىما قايتا قوزغالغاندىن كىيىن ئاندىرويىد سىزگە قاچىلاب بەرگەن سېستىما تاللاش دىتالى grub كۆزنىكى ئېچىلىدۇ ،سىز بۇ كۆزنەكتىن ئۆزىڭىز خالىغان سېستىمىنى تاللاب قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.بىرىنجىسى بولسا ئاندىرويىد ،ئەڭ ئاخىرقىسى بولسا ۋىندوۋس سېستىمىسى .رەسىمدىكىدەك:
http://yaqup-net.qiniudn.com/grub-android-dan-windows.jpg!yaqup.net
بىلمەي قالغان جايلىرىڭىز بولسا بىلوگدىكى ئەسلى يازمامغا ياكى مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ.
بىلوگ ئادىرسى :yaqup.net
بىلدۈرمە :يازمىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر مالايسىيالىق كومپىيوتىر ھەۋەسكارى دوستىمىز Gyta juwita نىڭ بىلوگىدىن ئېلىندى . ھا ھا ھا …… نىمانداق ياخشى ئىش بۇ ئەمدى . بۇ سىستىمىنى قاچىلىساق apk ھۆججىتىنى بىۋاستە قوراشتۇرۇپ ئىجرا قىلغىلى بولغۇدەكتە . ئەمسە بۇ سىستىما exeنى ئىجرا قىلالامدۇ ياكى … … مۇشۇنىڭغا بىر چۈشەنچە بىرىۋەتسىڭىز . رەھمەت ھە ئەپسۇس رەسملىك بۇلغانبولسا ياكى سىنلىق قاچىلاش جەريانى بولغان بولسا مەندەك قاچىلاشنى بىلمەيدىغانلارمۇ ئۇگۇنۋالغان بۇلاتتۇق ، ababakri520 يوللىغان ۋاقتى2014-10-19 20:16
ھا ھا ھا …… نىمانداق ياخشى ئىش بۇ ئەمدى . بۇ سىستىمىنى ق ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
بۇ سىزنىڭ ئاندىرويىد تېلفونىڭىزنىڭ سېستىمىسىغا ئوخشاشلا ،ساب ئاندىرويىد سېستىمىسى. بۇ سېستىمىنى قاچىلىسىڭىز سىزنىڭ ئەسلىدىكى كومپىيوتىرىڭىزدىكى ۋىندوۋس سېستىمىسىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ،بەلكى كومپىيوتىر قوزغالغاندا سىزدىن ۋىندوۋس سېستىمىسىغا ياكى ئاندىرويىد سېستىمىسىغا كىرىدىغانلىقىڭىزنى سورايدۇ.
ئاندىرويىد سېستىمىسى خۇددى تېلفوننىڭكى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش paypak يوللىغان ۋاقتى2014-10-19 20:50
ئەپسۇس رەسملىك بۇلغانبولسا ياكى سىنلىق قاچىلاش جەريا ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم :
رەسىملىككۇ؟
ھەربىر قەدەمگە مۇناسىۋەتلىك رەسىمنى قوشۇپ قويدۇم .ئەگەر تېلفوندا چىقىب رەسىملەر تولۇق كۆرۈنمىگەن بولسا كومپىيوتىردا چىقىب سىناب كۆرۈڭ ۋەياكى تېلفون ئارقىلىق بىلوگىمدىن كۆرۈب باققايسىز :http://yaqup.net كەڭ بەلۋاغلىق تورغا ئۇلاپ چىققىلى بولماسمىكىن. مەن ئىلگىرى تورغا چىقالمىغان. marxal يوللىغان ۋاقتى2014-10-19 20:59
كەڭ بەلۋاغلىق تورغا ئۇلاپ چىققىلى بولماسمىكىن. مەن ئىل ...
ئاندىرويىد دا كەڭ بەلۋاغقا ئۇلايدىغان pppoe دەب بىر ئەب بار ،ئەمما مېنىڭدە كەڭ بەلباغ بولمىغاچ سىناب باقمىدىم ،مۇمكىن بولسا سىناب باقسىڭىز ،رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جوردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-19 22:10
andiroidkom.msi
115网盘礼包码:5lbbxqt179ug
http://115.com/lb/5lbbxqt179ug ماۋۇنىئىشلەتسەڭلارمۇ بولىدىغۇئاۋارچىلىقى يوق .چۈشۈرۈپ قاچىلىسىلا بولىدۇ ھەم تورغا ئۇلىنىدۇ ئەپ قاچىلىغىلىئۇيۇن قاچىلغىلى بولىدۇ http://dl.vmall.com/c037ykbv0v ئەجەپ بەلەن ھۈنەركەن چوقۇم سىناپ باقىمەن.رەھمەت سىزگە
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئوبۇنتۇ دىگەن نىمە ؟xpغا ئوخشاش قاچىلامدۇق ئۇنى
مەن ئۇبۇنتۇ بىلەن ۋىن7نى قوش سېستىما قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەنماۋۇ ئانروىد نى قاچالاشنى بىلمەيدىكەنمەن مىنىڭچە ئۇبۇنتۇغا يېتىدىغىنى يوخمىكىن دەيمەن ئۇبۇنتۇ سېستىمىسى قايسى خىلدىكى ھۆججەتفورماتىنى قوللايدۇ ؟
مۇشۇ ئۇبۇنتۇ دىگەن سېستىمىغا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن windows7 دىن نىمە ئارتۇقچىلىقى بار ئۇمۇexe ھۆججەتلىرىنى قوللامدۇ
بىلىدىغانلار بىر چۈشەنچە بىرىۋەتسەڭلار بوپتىكەن غازى يوللىغان ۋاقتى2014-10-19 22:44
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئوبۇنتۇ دىگەن نىمە ؟xpغا ئوخشاش ق ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ،ئۇبۇنتۇ دىگەن بىرخىل ئوچۇق كودلۇق ، ئۇيخۇرچىنى نېگىزىدىن قوللايدىغان مەشخۇلات سېستىمىسى ،مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىلوگدىكى يازغان بىر يېڭى يازمامنى كۆرۈب بېقىڭ .ئەلۋەتتە ئالىپ تورىدىمۇ ئۇبۇنتۇغا مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى كۆپ يازمىلار بار . islam33 يوللىغان ۋاقتى2014-10-19 23:12
مەن ئۇبۇنتۇ بىلەن ۋىن7نى قوش سېستىما قىلىپ ئىشلىتىۋاتى ...
ئۇبۇنتۇ ھەقىقەتەن ياخشى سېستىما ،مەنمۇ ئۇزۇن بولدى ئىشلىتىۋاتقىلى .ئەمما ئاندىرويىدمۇ بىر ئوچۇق كودلۇق سېستىما بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۇنۇڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىكلىرى بار
بەت:
[1]
2