alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:46:08

ئالپ يانفون تېرمىنالى

تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن ئالپ يانفون تېرمىنالى (ئاندرويد ئەپ دېتالى) ياسالدى.
ئىشلەش مۇھىتى: Android سىستېمىلىق ئۈسكۈنىلەر.
ئىقتىدارى: تېما، ئىنكاس كۆرۈش، يوللاش؛ رەسىم، ئاۋاز يوللاش، ئۇچۇر يوللاش ... قاتارلىق ئالپ تورنىڭ كومپىيۇتېر نۇسخىسىدا قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشتىن باشقا يانفون ئارقىلىق سىزنىڭ ئورنىڭىزنى بەلگىلەپ يېقىن ئەتراپتىكى ئالپداشلارنى ۋە ئۇلارنىڭ تېمىسنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تېرمىنال يانفۇنىڭىزغا قاچىلاغلىق بولسا ئالپ تورى ئارقىلىق بىرەرسى سىزگە ئۇچۇر، باھا يازسا شۇ ھامان يانفۇندا قىسقا ئۇچۇر كەلگەنگە ئوخشاش ئەسكەرتىش چىقىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادېرسى:

/alip.apk
QR كودى
/source/plugin/appbyme_app/template/download.png
كومپىيۇتېردا IE دا چۈشۈرگەندە alip.zip دەپ چۈشۈپ قالسا zip نى apk قا ئۆزگەرتىپ ئاندىن قاچىلساڭلار بولىدۇ. chrome ۋە يانفوندا نورمال چۈشىدۇ.
ئەپتىن كۆرۈنۈشلەر












ئالپ تورىنى يانفوندا زىيارەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يەنىلا تور كۆرگۈگە alip.biz دەپ كىرگۈزۈپ زىيارەت قىلىش. يانفون تور بەت نۇسخىسنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى. بۇ ئەپ تور ئادېرسنى كىرگۈزۈپ زىيارەت قىلىشنى ئاۋارىچىلىق دەپ قارايدىغانلار ئۈچۈن ياسالدى. قىستۇرما ئارقىلىق ياسىغاچقا بەزى مەسىللەر مەۋجۇت.

تەشنا135 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 19:35:53

نىملا دېگەن بىلەن تېرمىنال نورمال ئىشلىگەن ۋاقىتتا ئالىپ تورىغا كىردىغانلارنىڭ سانى بەكلا كۆپتى ھەم تېمىلارمۇ بەك كۆپ يوللىناتتى ، بىراق مۇشۇ تېرمىنالنى ئىشلەشتىن توختاتقاندىن بۇيان كۈندە بىر ئىككى تال تېما يوللانسا يوللاندى بولمىسا يوق ، مەن يەنىلا تېرمىنالنىڭ ئەسلگە كەلگەنلىكگە بەك خوش بولدۇم ،....:lol:lol

ئەينەك يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:54:23

بىلىمچى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:14:13

تور كۆرگۈچتە تىز ئېچىلامدۇ تىمىلاياكى ئەپ تىمۇ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:17:57

دىھقان يوللىغان ۋاقتى2014-10-16 14:14 static/image/common/back.gif
تور كۆرگۈچتە تىز ئېچىلامدۇ تىمىلاياكى ئەپ تىمۇ؟

ئوخشاش. بىر مۇلازىمېتىردىكى ئۇچۇرنى ئوقۇيدىغان تۇرسا.

Bahadir9 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:22:14

مەن تور كۆرگۈچكە ئالىپ تورىنى قىستۇرۇپ قويغان....ئادرىس بېسىپ كىرىش   ئاۋارىچىلىكمۇ ئەمەس....

سەنسىز. يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:25:00

بەك ياخشى بوپتۇ ،بۇرۇن كۆنۇپ قاپتىكەنمەن ،ئالىپ تىرمىنالىغا ،يەنە ئىشلىتەلەيدىغان بوپتۇق ،
ئىشۇ كىروسلودا ئولتاغان قانداراق ئىشتۇ دەيمەن ،

alipalim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:35:58

بەك ياخشى بۇپتۇ رەھمەت ئ‍الىپ ئ‍ەپەندى !!!مەن ئ‍الىپ يانفۇن تىرمىنالىنى قاچىلاپ ئ‍اچسام ئ‍ىنكاس تىمىلارنىڭ ئ‍ېچىلىشى بەك ئ‍استاتور كۆرگۈچتە ئ‍اچسام تىز
بۇ يان تىلفۇننىڭ مەسىلىسىمۇ ياكى تىرمىنالنىڭ مەسىلىسىمۇ

axik0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:46:37

ياخشى بوپتۇ قولايلىق بولغۇدەك ،    ئالىپكا تىمىنى ئۇماچ قىلىۋىتىدىغان بولدۇم كەچۈرگەيسىز ، ئۆتكەندە لۇمىيا 900ئىلىپ8.0 گە يىڭىلىيالماي تورداشلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە سىتىۋەتكەنىتىم ، ئەمدى ياخشىراق ۋىندوۋىسفون ئالاي دەپ، ئىنكاسقىستۇرۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم ، ئۈرۈمچىدە ئىشەنچىلىك بىرلەشمە3Gقوللايدىغان لۇمىيا ساتىدىغانلار بولسا نۇمۇرۇڭلارنى قالدۇرساڭلار ،

ھەيدەر520 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:48:44

رەھمەت، قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن .

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:56:15

alipalim يوللىغان ۋاقتى2014-10-16 14:35
بەك ياخشى بۇپتۇ رەھمەت ئ‍الىپ ئ‍ەپەندى !!!مەن ئ‍الىپ يا ...

تۇنجى قېتىم ئاچقاندا شۇنداق بولىدىكەن. ھەم تېرمىنالنىڭ سىغىمىمۇ چوڭراق.

تەۋەككۇل يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 15:06:12

تېرمىنالدا ئىنكاس يوللىسا ئەرەپچە خەت چىقىۋالامدىكەن؟

@taxna@ يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 15:36:24

مەن تور كۆرگۈچنى چەكسەملا ئالىپ نىڭ باش بېتى ئېچىلىدۇ تور كۆرگۈنى شۇنداق تەھرىرلەپ قويغان   .ئەزەلدىن تىرمىنال ئىشلەتمەيمەن.چەكسىلا يانفۇن تور كۆرگىسىدە ئالىپ تورى ئېچىلىدىغان ئەپ تارقاتقان بولساڭلا ئۈنۈمى تىرمىنال بىلەن ئوخشاش بولاتتى . تىرمىنالغا كۆنۈپ قالغانلىقتىن ئەمەس بەلكى ئادىرىسنى بىلمىگەنلىكتىنتىرمىنالغا ئېسلىۋالغان گەپ بولمىسا تىرمىنالدا كىرگەنلەر ئادىرىسنى بېسىپمۇ كىرەلەيدۇئەپ يانفۇنغا قاچىلاقلىق بولسا كۈندە ئېچىپ باققۇسى كىلىدۇئالىپ ئەپەندى ئەگەر تىرمىنال بىخەتەر بولمىسامەن دىگەندەك يانفۇنغا قاچىلىنىدىغان چەكسە يانفۇننىڭ تور كۆرگىسىدە ئالىپقا ئۇلىنىدىغان ئەپ ياساڭلا بۇ تىرمىنالنى رولىنى تامامەن ئورۇنلىيالايدۇ

سۈكۇت يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 15:52:14

ئەجەپ ياخشى

aLMaS31 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 15:55:26

بەلەن بوپتىغۇ مانە

فەخرىي يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 16:01:04

ئەجەپ ياخشى ئىش قىلىپسىلەر جۇمۇ
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9
: ئالپ يانفون تېرمىنالى