tajalli يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 16:46:31

ئالپ تورىغا تەكلىپ

ئالپ تورىدىكى بارلىق ئالپداشلار ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفۇن تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرگەندىن بۇيان ئالىپ تورىدىكى مىھنەتسىز تورداشلارنىڭ ئەجىرى بىلەن تېلىفۇنلىرىمىزدا ھەرخىل ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ ھۇزۇرىنى سۇرۇۋاتىمىزــــھەتتا روتلاش، سېستىما يېزىش، فونت قاچىلاش ...قاتارلىق تېخنىكىلق بىلىملەرنىمۇ ئالپ ئارقىلىق بىلىۋالدۇق.ھەلقىلالمىغان مەسىلىلەرمۇ ئالىپتا ھەل بولىدۇ، قىسقىسى،ئالپتىن نەپ ئالمىغان تېلىفۇن ھەۋەسكارلىرى يوق بولسا كېرەك!ئاشۇ يىللاردىكى سېستىما 2.2چاغدىكى تېلىفۇنغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ،سېستىمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش....قاتارلىق سىناقلارنى ئىشلەپ مۇنبەرگە يوللىغان قېرىنداشلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ ئالىپقا ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشقان،ئالپ تورىنىڭ تەرەققىياتىنى مانا مۇشۇنداق ئىزدىنىشچان تورداشلىرىمىزدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
ئالپتورى يانفۇن بىلىملىرى ساھەسىدە مىنىڭچە باشلامچى بولۇشقا لايىق . لېكىنھازىرقى تەرەققىياتى بەك ئاستا ياكى يوق دىيەرلىك.4-5ئايدىن بىرى ئىزچىل كۇزۇتۇپ كىلىۋاتىمەن،كوپىنچە ھاللاردا تەكرار تېمىلار،تەرجىمە ئەپ ياكى ئەپ تەۋسىيە قىلىش ....قاتارلىق تېمىلار يوللىنىۋاتىدۇ،،،
ئالپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك!
خەنچە مۇنبەرلەردىن 中关村手机在线,太平洋手机在 قاتارلىق تۇربەتلەردىن ئۈلگە ئېلىش كېرەك، مەسىلەن يانفۇن ئۇچۇرى، تېلىفۇن ئىلىتىشتىن تەسىرات، تېلىفۇننىڭ ئىقتىدارىنى تونۇشتۇرۇش،ئاپراتىنىڭ رەىسىمگە تارتىش ئۈنۈمىنى سېلىشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرنى قوشۇش (خەنچە تور بەتلەردىن تەرجىمە قىلىپ يېڭىلاپ تۇرۇش) كېرەك، بولۇپمۇ يانفۇن خەۋەرلىرىگە ئەھمىيەت بىرىش لازىم. ئالپتىكىلەر قانداقتۇر نۇر تورىنىڭ خەۋەرلىرىگە تايىنىپ قالسا ئالىپنىڭ ئوبرازىغا دەخلى يىتەمدۇ-قانداق؟ بەلكىم مەن ئوشۇقچە ئويلاپ كەتكەندىمەن،بۇلارنىڭ ھەممىسىگە مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى كېتىدۇ،لېكىن ئالپ ئەپەندى ۋە ئالىپداشلار ئالىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.

تەۋەككۇل يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 18:12:22

توغرا قوللايمەن.مۇشۇ خەنچىنى بىلىدىغانلىرىمىز يىڭىدىن بازارغا چىققان تېلىفۇنلار ،ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى،باھا پەرقى دىگەندەك خەۋەرلەرنى ،ئۇيغۇرچە توردىن كۈچۈرمەي خەنچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ يوللىساق ئالپ تېخىمۇ ئاۋاتلاشقان بۇلاتتى .يېقىندىن بۇيان نىمىشقىكىن ئالپ چۆلدەرەپ قېلىۋاتىدۇ.

anwar26 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 18:15:36

رەھمەت سىزگە بەك بەلەن گەپ تەكلىپ بوپتۇ .

Bahadir9 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 18:19:57

ياخشى پىكىر بوپتۇ...

سەنسىز. يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 18:23:41

ھازىر ئالىپتا كۆپىنچە نۇر تورىدىن كۆچۇرۇپ كەلگەن يىڭى تىلفۇنلارنىڭ تىمىلىرى ،ئاندىن بىر قانچە قىرىندىشىمىز لۇمىيا تىلفۇنلارنى ئىنگىلىزچە توردىن تەرجىمە قىلىپ يوللاتىدۇ ،بۇ تېمىنى يوللىغان قىرىندىشىمىز توغرا پىكىر قىپتۇ ، بىر تىلفۇن ئالماقچى بولساق ھەممە تەرەپنى ئويلىشىپ ئالمىز ،ئاپىرات قانداراقتۇ ،تور سۇرئىتى قانداراقتۇ ،mtkسىپىيۇلىقكەن ،mtkقانداراقتۇ ،ئىشقىلىپ ئويلىشىدىغان تەرەپلەر بەك كۆپ ،مەنمۇ تىلفۇن ئالماقچى بولسام ئىكران ئىنىقلىقى ،سىپىيۇسى ،ئاپراتى ،ramقانچىلىك دىگەندەك ھەممە تەرەپنى ئويلىشىمەن ،بۇنداق تەپسىلى ئويلۇشۇپ ئالايلى دىسەك ئۇيغۇرچە تورلاردا يىڭى چىققان تىلفۇننىڭ تولۇق چۇشەندۇرشىنى تاپقىلى بولمايدۇ ،خەنزۇچە تورلاردىن ئىزدىسەك تولۇق چۇشىنەلمەيمىز ،،تېما ئىگىسى دىگەندەك بولسا تىخىمۇ قولايلىق بولاتتى ،

abduwayt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 18:34:08

ياخشى پىكىر بوپتۇ مەنمۇ قوللايمەن،
لىكىن جىق كۆچ كىتىشى مۇمكىن بۇ ئىشلارنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۇن،
ئىغىزدا دىگەن بىلەن ئەمەلەيەتكە ئايلاندۇرۇش ئاسان ئەمەس دە

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 18:39:51

ئالىپ تورىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممەيلەن كۈچ چىقارساق ياخشى بولاتتى.
قانداق قىلىپ ئالىپنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دېگەننى كۆپچىلىك ئورتاق مۇنازىرە قىلىشىپ باقساق، ياخشى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئالىپ ئەپەندىئويلىشىپ باقسا بولاتتى.
ئالىپ تورى ياخشى بولسا، ھەممەيلەنگە پايدىسى تېگىدۇ.

System يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 19:32:45

يېقىندىن بويان ئالپ تورى چۆلدەرەپ قېلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ تېرمىنال توختىغاندىن باشلاپ. ھەي ئالپنىڭ يانفون تېرمىنالى پاتراق ئەسلىگە كەلسە بۇلاتتى.

System يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 19:36:27

مېنىڭچە ئارىمىزدىكى 90% قېرىندىشىمىز نۇر تورىنى زىيارەت قىلىدۇ. شۇڭىلاشقا ئامال بار نۇر تورىدىن تېما كۆچۈرۈپ يوللىمىساق

سەردار8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 19:48:51

تىما يوللىسا تەستىقلىماي مۇشۇنداق بوپ قالدى بۇ مۇنبەر

؟؟؟؟ يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 20:03:05

ياخشى پىكىر بوپتۇ

sidikulla يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 20:24:55

توغىرا bbaiduيا360دىگەنلەمۇ مىھنەتسىز مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشقان ئەمەس تاماقنىمۇ چاينىمىسا يۇتقىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ ھەممىمىزتىرىشايلى

روھلان365 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 20:38:28

مەنمۇ قوللايمەن ياخشى پىكىر بوپتۇ.تورداشلار ئالىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقىرايلى دوسلار.ئالىپنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولغۇسى!

جاھاندار يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 21:01:35

بۇ پىكىرڭىزنى قوللايمەن
تېما غا مۇناسىۋەتسىڭز ئىش بۇلۇپ قالدى ئەپۇ قىلىڭ
سېتىلدىغان شاۋمى 4 بار ئىدى. بىرلەشمە نۇسخىدىكى. چ چ . ئۈندىدار . 657598787

uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 21:01:43

سەردار8 يوللىغان ۋاقتى2014-10-11 19:48
تىما يوللىسا تەستىقلىماي مۇشۇنداق بوپ قالدى بۇ مۇنبەر

سىزنىڭ نۇر تورىدىن كۆچۈرۈپ كەلگەن تېمىلىرىڭىزنى، يانفون ساتىمەن، ئالىمەن دەيدىغان ئېلانلارنى تەستىقلاۋەرسە بەك تەرەققى قىلىپ كېتىدىكەن-دە.
ھازىر يالغۇز ئالپلا ئەمەس بارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە جىمجىتلىق بار. بۇنىڭ سەۋەبىدىن بىرسى رايونىمىزنىڭ تور نازارەتچىلىكى كۈچەيتىلدى. تورغا كىردىغان ئادەم ئازايدى. يەنە بىر سەۋەبى تورداشلار ئېلىشنى بىلىپ، بىرىشنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ.
ئەلۋەتتە ئالپ تورىدىن ئۇششاق ئىشلار بىلەن يامانلاپ كېتىپ قالغانلارمۇ بار. تېما ئىگىسىنىڭ پىكىرى ئورۇنلۇق. ئالپ تور بېتىنى ئالپ ئەپەندى ياكى بىر قانچە ئادەم تەرەققى قىلدۇرۇپ بولالمايدۇ. ھەممىمىز كۈچ چىقىرىپ كۆپچىلىككە پايدىسى دېگىدىغان بىلىملەرنى، تەجىربىلەرنى، IT ئۇچۇرلىرىنى كۆپلەپ يوللايلى.
تېما ئىگىسىنىڭ ئالپ نۇر تورىنىڭ خەۋەرلىرىگە تاينىپ قالدى دېگەن سۆزىنى چۈشەنمىدىم. 10 كۈندىن بېرى يوللانغان 50 يېڭى تېمىلار قاتارىدا نۇر تورىدىن كۆچۈرۈپ كەلگەن بىرمۇ تېما يوقكەن. بەزىدە تورداشلار ئۆزى ياقتۇرغان it خەۋەرلىرىنى نۇر تورىدىن كۆچۈرۈپ ئەكىلىدۇ. شۇلاردىن تاللاپ بىرەرنى تەستىقلاپ قويىمىز. ئايلاپ بىرەر كۆچۈرۈلگەن تېمىنى چىقىرىپ قويغانغا تاينىۋالدى دېيىش ئېشىپ كېتىدۇ.
بەت: [1] 2 3 4
: ئالپ تورىغا تەكلىپ