mouse يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 22:11:02

تېكىست تەھرىرلىگۈچ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-5 22:50

تەھرىرلىگۈچ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

مەن ئادەتتە تەھرىرلىگۈچ بىلەن كۆپ ھەپىلىشىمەن. ياخشى بىر تەھرىرلىگۈچ بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەندىن باشقا ئەڭ مۇھىمى ۋاقت تىجەيدۇ.شۇڭا ئۆزىمىزگە ئېھتىياجىمىزغا مەس كەلگۈدەك تەھرىرلىگۈچ بىزگە بەك مۇھىم بولۇشى مۇمكىن.مەن تۇ تېمىدا تەھرىرلىگۈچنىڭ بىر تۈرى بولغان تېكىست تەھرىرلىگۈچ ھەققىدە سۆز ئاچماقچىمەن.مەن بىلىدىغان ئۇيغۇرچە تېكىست تەھرىرلىگۈچلەردىن ئۇيغۇرئېدىت ۋە يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچىسى (بۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ مەنبە كودى ھەقسىز تارقىتىلغان)ھازىر كۆپرەك ئىشلىتىلىشى مۇمكىن(مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۇلانمىدىن كۆرۈۋېلىك). بۇلارنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بولسا سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرەلەيدۇ.مېنڭچە بولغاندىمۇ تېكىست تەھرىرلىگۈچنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارلىرىدىن باشقا كوررىكتور ۋە لۇغىتى بولۇشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.بۇنىڭدىن باشقا يەنە كوررىكتوردىن ئۇيغۇرسوفتنىڭ ھەقلىق تارقاتقىنىمۇ بار بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇرسوفت توربېكىتىدىن كۆرۈۋالغايسىلەر. بۇرۇنلاردا ئىملا تەكشۈرۈش بەك نوچى تېخنىكا ئىدى، ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس. پەقەت يېتەرلىك سۆزلۈك ئامبىرى بولسىلا ياخشى بىر ئىملا تەكشۈرگۈچ ياساش تامامەن مۇمكىن. ئەمدى بۇ تېمىدىكى تەھرىرلىگۈچكە كەلسەك، مەنمۇ بىر ئىملا تەكشۈرۈشكە، سۆزلۈك ئامبىرىغا ، ئوچۇقىنىلا دېسەم ئۇيغۇرتىلىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشقا بەكلا قىزىدىغان پىروگرامما ھەۋەسكارى.شۇڭا ئاددىي بولسىمۇ بۇ تەھرىرلىگۈچنى ئوچۇق مەنبەلىك قىلىپ سېلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تەمىنلەندى.

ئىقتىدارلىرى

ئاساسلىق ئىقتىدارلىرىدىن ئۈزۈندىلەر




يۇنىكودلۇق ۋە ئىنگىزچە سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى

سىز ئاساسىي ئارايۈزدىكى «تاللانمىلار» ئىچىدىن «يۇنىكود» قا بەلگە قويۇپ قويۇش ئارقىلىق يۇنىكودلۇق ھالەتكە؛ بەلگىنى ئېلىۋېتىش ئارقىلىق ئىنگىلىزچە سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈش ھالىتىگە ئالمىشالايسىز.ئىنگىلىزچە سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرگەندە بوشلۇقنى بىر قېتىم ئۇرغاندىن كېيىن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ ماڭىدۇ، خاتا بولسا ئاستىغا سىزىق چىقىرىدۇ؛ توغرا بولسا ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەن مۇشۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن توردىن ئىزدىنىش ئارقىلىق Word نىڭ ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى چاقىرىپ ئىشلىتەلەيدىغان تۈر(Class) ھۆججىتىدىن بىرنى قوشۇپ قويدۇم.سىز بۇ تۈر ھۆججىتىنى ئۆزىنىڭىزنىڭ پىروگراممىلىرىغا قوشۇش ئارقىلىقمۇ ئىنگىلىزچە سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرەلەيسىز. ئەمەلىي ئۈنۈمنى رەسىمدىن كۆرۈڭ

نېمىشقا بۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى قوشمايسىز؟

ئىملا تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپى بولسا يېتەرلىك سۆزلۈك ئامبىرىدىكى سۆزلۈكنى تېكىست تەھرىرلىگۈچكە كىرۈزلگەن تېكىست بىلەن سىلىشتۇرىلىدۇ. ئەگەر كىرگۈزلگەن تېكىست ئامباردا بولمىسا، ئىملاسى خاتا، دەپ ئەسكەرتىدۇ ھەمدە سۆزلەرنى سىلىشتۇرۇپ ئامباردىكى شۇ خاتا سۆزگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى ئەڭ بېشىغا تىزىپ بېرىدۇ؛ ئامباردا بولسا ئۆتۈپ كېىتىدۇ.بۇنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك سۆزلۈك ئامبىرى تەييالاشتىن باشقا شۇ تىلنىڭ گىراماتىكىسىغا پىششىق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.سىز شۇ تىلغا پىششىق بولماي تۇرۇپ، ھەرقانچە يېتەرلىك سۆزلۈك ئامبىرى تەييارلىسڭىزمۇ ياخشى ئىملا تەكشۈرگۈچ تۈزىيەلمەيسىز.Microsoft نىڭ Office ئائىلىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىلىرىدىكى ئىملا تەكشرۈش پىروگراممىلىرىنىمۇ ئۇلار ئۆزلىرى تۈزمىگەن بولۇپ، باشقا شىركەتلەردىن سېتىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ پىروگراممىلىرىغا قوشىدۇ.ئاللاھ خالىسا بىر كۈنلەردىمۇ Microsoft ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرگۈچ(كوررىكتور) نىمۇ ئۆزىنىڭ Office ئائىلىسىدىكى ئەزالارغا قېتىۋېتىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋېتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. تېمىدىكى تەھرىرلىگۈچ پەقەت شەخسى قىزىقىش بىلەنلا تارقىتىلدى.

قاچىلاش پىروگراممىسى
چۈشۈرۈش

ئەسلى مەنبە:چاشقان تور خاتىرىسى

bahit8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 13:56:21

رەھمەت ! بۇ ھېيتلىق سۇۋغىتىڭىز بەك چوڭ بەك ئەھميەتلىك بولۇپتۇ.
ئەمسە چۈشۈرۈش كەتتى.

mouse يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 15:44:20

تولۇقلىما مەزمۇن
مەن بىلوگىمدا بۇ تەھرىرلىگۈچنى ئوچۇق مەنبەلىك قىلىپ تارقاتقان ئىدىم، ئاخشام تېما يوللىغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن چۈشۈرۈشكە ئەسلى مەنبە ھۆججىتى قىستۇرۇلۇپ قېلپتۇ، ئەسلى قاچىلاش پىروگراممىسىنى قىستۇرماقچى ئىدى، شۇڭا دوستلارغا مەندىن ئۆزۈر. تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىپ قاچىلاش پىروگراممىسىنى چۈشۈرىۋېلىشىڭلارنى سورايمەن،رەھمەت.

http://mouse.arzu3.com/wp-content/uploads/2014/09/Setup1.zip

wolkan9901 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 16:14:50

مىنىڭ بىلكان يانفۇنۇمنىڭ كىرگۈزگۇچىسىمۇ ئىملا تۈزەيدۇ، لېكىن مەن كوپ دەپ يازسام بۇنى كوپىراتىپ دەپ ئالماشتۇرۋېتىدۇ، شۇنىڭدەك نۇرغۇن سوزلەرنى ئالماشتۇرۋېتىپ ئىملا خاتالىقى كېلىپ چىقىدۇ.

abliz883 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 16:31:32

wolkan9901 يوللىغان ۋاقتى2014-10-5 16:14
مىنىڭ بىلكان يانفۇنۇمنىڭ كىرگۈزگۇچىسىمۇ ئىملا تۈزەيد ...

سىزنىڭ تىلىفۇنىڭىز بىلكاننىڭقايسى تىلىفۇنى

wolkan9901 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 17:58:30

abliz883 يوللىغان ۋاقتى2014-10-5 16:31
سىزنىڭ تىلىفۇنىڭىز بىلكاننىڭقايسى تىلىفۇنى

يانفۇنۇم BILKAN U8

mouse يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 20:17:32

wolkan9901 يوللىغان ۋاقتى2014-10-5 16:14
مىنىڭ بىلكان يانفۇنۇمنىڭ كىرگۈزگۇچىسىمۇ ئىملا تۈزەيد ...

قارىغاندا نامزات سۆزلەرنى ئەسكەرتمەيلە بىۋاسىتە ئالماشتۇرىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ. مۇمكىن بولسا ئىملا تەكشۈرۈش توغرىلىق مۇنازىرىلىشىپ باقساق.

arman26 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 20:33:52

mouse يوللىغان ۋاقتى2014-10-5 20:17
قارىغاندا نامزات سۆزلەرنى ئەسكەرتمەيلە بىۋاسىتە ئال ...

مەنمۇ ئىملا تەكشۈرۈش توغرىلىق ئىزدىنىۋاتىمەن، بولسا بىرلىكتە ئىزدەنسەك، مەن بىر class يازغان، بىز خەت يېزىش جەريانىدىلا ئىملاغا ھۆكۈم قىلىپ خاتا بولسا ئەسكەرتىپ ھەم ئاپتۇماتىك تۈزىتىدۇ، ياكى تەۋسىيە سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ، لاتىنچە بىلەن ئۇيغۇرچە ئارىلاش كەلگەندە ئورنى ئالمىشىپ كېتىدىغان مەسلىلەرنى ئاپتۇماتىك ھەل قىلىپ ماڭىدۇ، بۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىمەن، مۇشۇ مۇنبەردە ياكى سىزنىڭ بلوگىڭىزدا بىر تېما ئېچىپ مۇشۇ توغرىلىق مۇنازىرىلىشىپ ماڭساق يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر پايدىلانسا، ئۇستازلار تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەرسە بەك ياخشى بولاتتى.

mouse يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 22:05:20

arman26 يوللىغان ۋاقتى2014-10-5 20:33
مەنمۇ ئىملا تەكشۈرۈش توغرىلىق ئىزدىنىۋاتىمەن، بولسا...

مەن بۇنى بەكمۇ خالايمەن. مەن بىلىكتىكى بىرقانچەيلەننى تونۇيمەن، ئۇلارغا دەپ باقاي، ياخشىراق پاراڭلارنى سېلىپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس.ئەمما ئۇلار ھازىر بەكلا ئادىراشمىكىن، ئىشقىلىپ تورغىمۇ تۈزۈك چىقالمايدۇ. خالىسڭىز ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز.

arman26 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 22:52:13

mouse يوللىغان ۋاقتى2014-10-5 22:05
مەن بۇنى بەكمۇ خالايمەن. مەن بىلىكتىكى بىرقانچەيلەنن ...

چ چ: 714586556

wolkan9901 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 17:33:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wolkan9901 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-6 18:06

mouse يوللىغان ۋاقتى2014-10-5 20:17
قارىغاندا نامزات سۆزلەرنى ئەسكەرتمەيلا بىۋاسىتە ئال ...

بولسا شۇنداق قىلساق بولاتتى، لېكىن مىنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ، بەلكىم مەن كود دىگەننى تولۇق چۈشەنمەيدىغاندىمەن، ۋە ياكى ھازىرقى چۈشەنچەم توغرا بولىشىمۇ مۇمكىن. مەن بۇ ئىشقا قىزىقساممۇ، كوڭۈل بولسەممۇ قىلىشقا قادىر ئەمەسمەن، كەلگۈسىدە سىلەر بىلەن بىللە ئىشلەپ ئۇيغۇر تىلىم ۋە مىللىتىم ئۈچۈن توھپە قوشۇشقا ئۇلۇغ ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن، مەن كومپىيۇتېرىنىڭ نۇرغۇن سىستىمىلىرىنى ئىشلىتىپ باققان بولساممۇ كود دىگەننى پەقەت يازالمايتتىم، مەن كودنى سىستىمىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن زوزۈر بولغان بىر ئامىل بولىشى مۇمكىن دەپ قارايتتىم، يېقىندىن بىرى بىلىك دەرسخانىسىدىكى دەرسلەرنى كورۈپ html نىڭ كودلىرىنى ئازراق ئوگەندىم، بىلىمىم كەمچىل، كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئومۈد قىلىمەن.

wolkan9901 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 17:34:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wolkan9901 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-6 17:56

               

mouse يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 19:14:14

wolkan9901 يوللىغان ۋاقتى2014-10-6 17:33
بولسا شۇنداق قىلساق بولاتتى، لېكىن مىنىڭ قولۇمدىن كە ...

تولىمۇ كەمتەر ئىكەنسىز. ئەگەر خالىسڭىز بىلوگىمغا كىرىپ تۇرۇڭ، ياخشى- پىكىرلەر بولسا قالدۇرۇپ قويۇڭ، رەھمەت.

omak77 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 19:44:53

قۇربان ھيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-7 09:19:53

كۆپ رەھمەت :victory:
بەت: [1] 2
: تېكىست تەھرىرلىگۈچ