bengbash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 15:23:39

40 مىڭ يۈەنلىك تېلېفۇن

      ھەشەمەتلىك تېلېفون ماركىسى بولغان Vertu نىڭ يېڭى تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونى Vertu Aster نۆۋەتتە ئەنگىلىيەدە سېتىلىشقا باشلىغان. باھاسى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 41 مىڭ 600 يۈەن ئىكەن. بۇ تېلېفون بازاردىكى باشقا تېلېفۇنلارغا قارىغاندا خېلىلا قىممەت بولسىمۇ، ئەمما Vertu ماركىلىق باشقا تېلېفونلارغا قارىغاندا كۆپ ئەرزان ئىكەن.
      بۇ تېلېفوننىڭ رازمېرى 143.4*69*11.2مېللىمېتىر بولۇپ، ئېغىرلىقى 193 گرام كېلىدىكەن. 4.7 ديۇملۇق 1080p لىق كۆك ياقۇت ئىكران، 2.3GHz لىق گاۋتوڭ 801 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2GB RAM ۋە 64GB ROM ساقلاش بوشلۇقى، يەنە 1300 پېكسىللىق ئاپپارات ۋە قوش چاقنىما لامپا سەپلەنگەن ئىكەن. 4B تورىنى قوللايدىكەن، ئاندرويد 4.4 سېستىمىسى قاچىلانغان ئىكەن. ھەشەمەتلىك تېلېفون بولغاچقا پۈتۈنلەي قولدا ياسالغان ئىكەن. سېتىۋالغانلار Vertu ئالاھىدە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولالايدىكەن.
   سىزنىڭچە، بۇ تېلېفون قانداقراقكەن؟

哎呢瓦尔江 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 15:35:29

ئانچە ۋاي دىگۈچىلىكى يوقكەن لىكىن پۇلىسى بەك قىممەتكەن بىر تىلفۇننى 40مىڭ يۈەنگە ئالغان بارمۇ؟

Ahmetjan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 15:54:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ahmetjan88 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-3 15:57

مانا رەسىملىرى، تۇرقى بولىدىكەن، پۇلىسى بولمايدىكەن:lol :lol :lol


Ahmetjan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 15:58:41

4 مىڭ كوي بولسىمۇ ئېلىپ ئىشلىتىپ قوياتتۇق ھە باللا:P

ھەسەلچى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 16:01:15

پۇلنى خەجلىگىلى يەر تاپالمىغان بايۋەتچىلىگە بولغىدەك بولمىسا بۇ تېلفۇندىن مىنىڭ تېلفۇنۇم نەچچە ھەسسە چىرايلىقكەن

غازى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 16:06:54

ۋاي ۋۇي باشقا تىلفۇنلاردىن كوپ پەرىقلەنمەيدىكەن40 مىڭ كوي بولغاندىكىن ئانچە مۇنچە ئالاھىدىلىكى بولسا بولاتتىبىچاۋ سىچاۋ سىتى دىگەندەكھىچ بولمسا بەش كويلۇق يولنى كىرا قىلماي ئاپارسا بولاتتى ئوزىمۇ بەك كىچىككەنئىشلەتكەنبىلەن باشقىلار كورۈپ ئاۋۇ 40مىڭ كويلۇق تىلفۇنكەندىمەيدۇدە   

بۇغرا يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 16:13:45

مىنىڭ تېلېفۇنۇم ئاۋۇ تېلېفۇندىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق
نىمىشقا ؟
نىمىشقا دەمسىز !
چۈنكى ھىم چۈنكى
قولى يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق
                   ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى

howareyou140 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 16:17:26

پۇلىسى بىكادا قالغانلا تېز سېتىۋېلىڭلا ئەمسە :lol

rixtam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 16:36:11

پۈتۈنلەي قولدا ياسالغان تېلىفۇن سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتىگە گەپ كەتمەيدۇ.بىراق،بۇرۇنقى تېلىفۇنلىرىغا قارىغاندا راستىنلا ئەرزان.
بىراق شۇ .....بايلارغا ماس تېلىفۇندە:lol:lol:lol:lol

ehlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 17:03:23

ئاندامۇ دەپ كەتمەيلى باللا بىز ئۇنداق دىگەن بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر تالىشىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىۋاتقاندۇ

تۈمۈر139 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 17:27:15

خوتەندە بولغان قۇلۇمېزغا ئېلىپ كۈرۈپ باھاسنې بېكېتكىلى بۇلاتتى ھازىر قارىماققا بىرنىمە دىگېلى بولماايدىكەن

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 17:30:33

ئاپپاراتى 13 مىليۇن پېكسىل. 1300 پېكسىل دەپ خاتا يېزىپ قاپتىمەن.

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 18:07:55

بەك كۆرۈمسىزكەن

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 18:09:17

ئۇنى تىلفون رىمونىتچىلېرى باشقا تىلفونلارنىڭ سايمانلېرىنى ئىشلىتىپ ئۆزى ياسىۋالسىلا بولغۇدەك.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 19:35:40

vertu ماركىسىنى نوكىيا شىركىتى قۇرۇپ چىققان، كىيىن سېتىۋەتكەنغۇ دەيمەن. مەخسۇس ھەشەم(奢侈)يانفون ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە بايلار سېتىۋالىدۇ. ئىقتىدارى ۋاي دېگۈدەك ئەمەس، ئەمما ئىشلەتكەن ماتېرىياللىرى قىممەت باھالىق.
بەت: [1] 2 3
: 40 مىڭ يۈەنلىك تېلېفۇن