Sabirjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 19:12:46

"چاچ پاسونى" ئاندرويد پىروگىراممىسى ،بۈگۈن يازغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-28 16:13

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئالىپ ئەھلى.....


يېقىندىن بېرى تورىدىن بىر قىسىم ماتىرياللارنى ئىزدەپ يۈرۈپ ،مۇنداق بىر ئىشنىئويلىشىپ قالدىم.
چاچ ياسىتېش توغىرسىدا...(ئۆزەمنىڭغۇ ئانچە ئۆسۈپ كەتمىگەن ،ھەم پاسونىغىمۇ ئانچە دېققەت قىلىپ كەتمەيمەن....)
ئۇيغۇرچە بەتلەردىن بۇ توغىرسىدا بىررەر قوللىنشچان دېتال بارمىدۇ دەپ ئىزدەپ باقسام ،ئاساسىي جەھەتتىن چىقمىدى.چەتئەل بەتلىرىدىن ئىزدىسەم ،مەخسۇس تور بەتلەر باركەن...چاچنى قانداق ئاسىراش ،چاچنى قانداق يۇيۇش ،چاچنى قانداق ياسىتېش ..........ئىشقىلىپ مەخسۇس چاچ بىلىملىرى...
شۇنداق ،ھەممىمىز مەيلى ئېتىراپ قىلايلى ياكى قىلمايلى بەزى ۋاقىتلاردا مۇشۇ چاچنىڭ قانداق ياسىلىشى ھەم تارىلىشى ئادەمنى يا يۇقىرى كۆتىرىدۇ ياكى بەزى ۋاقىتلاردا ئوڭايسىزلاندۇرىدۇ.....

مەن بىرنچى قەدەمنى(بەلكىم قىلغانلار باردۇ مەن بىلمەي قالغان بولسام ئەپۇ...) باشلاپ بېرەي دەپ بۇ دېتالنى ئاددي بولسىمۇ دەم ئېلىش ۋاقتتىن پايدىلىنىپ تۈزۈپ قويدۇم...بۇنىڭغا ئەڭ جىق ۋاقىت كەتكەن يەر يەنىلا مۇشۇ ھەر خىل چاچلارنى يىغىش بولدى.....

دېتالنى githubيوللاپ قويدۇم.....
قىزىققۇچىلار ،ئۆزگەرتكۈچىلەر قانداق ئىشلەتسەڭلار مەيلى....

لېكىن قالايمىقان ئىشقا ئىشلىتىپ ،كېلىپ چىققان ئاقىۋەتتە مەن ئېگە ئەمەس.....


دېتال كودىنى چۈشۈرەلمىگەنلەر مېنىڭ چ چ رىمغا خەت يېزىڭلار....مەن ئەۋەتىپ بېرەي.....

چ چ :253933559 (باشقا ئىشلار بولسا ئاۋارە قىلماسلىقڭلارنى ئۈمىد قىلمەن،رەھمەت)


كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ چاچ ياساش ۋە چاچ بىلىملىرى توغىرسىدا مەزمۇنلار ،پايدىلانغۇدەك توپلاملار بولسا ،مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلمەن....

دېتالنىڭ بىر قىسم كەسمە رەسىملىرى...











دېتال كودىنىڭ چۈشۈرۈش ئورنى:
https://github.com/Sabirjan/UyghurAndroidApp_Qaq



ئەلتەر ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرۈش ئادرېسى :
http://elter.cc/appmarket/index.php?r=site/detail&id=237&category_id=26&language_id=1


alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 23:55:14

ئەپنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن تېما ئىگىسى تەمىنلىگەن ئادېرسنى ئېچىپ ئاندىن APP دېگەن باسساڭلار app.apk دەپ چىقىدىكەن شۇنى باسساڭلار Raw دەپ خەت چىقىدىكەن، شۇنى باسساڭلار چۈشىدىكەن.

zumar520 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 19:25:07

ياخشى..... بىر ياخشى تىما بوپتۇ.... رەھمەت

sardar0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 19:26:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardar0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-27 19:31

رەھمەت چۇشۇرۋالاي

akalma يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 19:27:02

Good job:):):):):)

Bahadir9 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 19:51:12

مەن چۈشۈرەلمىدىم....چەتنىڭ بوشلۇقىغا يوللاپ قۇيۇپسىزغۇ...

boptula يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 19:51:27

ھە رەھمەت سىزگە
بولسا مۇشۇنداق ئەسلى كودلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرغان بولسىڭىزبىزدەك ماڭا ئوخشاش يېڭى ئۆگەنچىلەرگە كۆپ پايدىسى بولاتتى
يەنە بىر قېتىم رەھمەت

Sabirjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 19:54:17

Bahadir9 يوللىغان ۋاقتى2014-9-27 19:51
مەن چۈشۈرەلمىدىم....چەتنىڭ بوشلۇقىغا يوللاپ قۇيۇپسىزغۇ ...

شۇنداق....بۇ بەت شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە ئېچىلدىغاندۇ....بۇ داڭلىق كود نەشىرنى كونتىرول قىلدىغان توربېكەت.

Bahadir9 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 20:00:06

بەت ئېچىلدى....لىكىنمەن ئۇيغۇرچىنى ئاران بىلىمەن...خەنزۇچە بەتلەرگە يوللىغان نەرسىلەرنىمۇ ئاران چۈشۈرىمەن.....چەتئەلنىڭكىگە يوللىسا   يائىنگىلىسچە بىلمىسەم.....downloadدىگەن خەتمۇ يوقكەن.....

mamataili110 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 20:03:04

مەن چۈشۈرەي دىسەمتور بەت ئېچىلمىدى . خاپا بولماي   چ چرىمغا ياكى ئېلخەت ئادرىسىمغا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز . ياكى باشقا بوشلۇققا يوللاپ قويسىڭىز . رەھمەت
چ چ858351524       ئېلخەت mamataili@163.com

تۈمۈر139 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 21:18:23

رەھمەت مەنمۇ چۈشۈر ۋالاي

hak119 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 21:38:00

بوپ قالامدۇ نىمەبۇ .......مەنمۇسىناپ باقاي .....

paypak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 21:55:06

مەنمۇ چۇشۇرەلمىدىم مۇمكىن بۇلسا دۇلتىمىزنىڭ دىسكىسغا يۇللاپ قۇيساڭلا

uyghur26 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 22:00:39

مەندەك ئۇقمايدىغانلار كودنى نىمە قىلىمىز قېرىندىشىم ؟ئۇگنىڭ دىيشىڭىز مۇمكىن لىكىن شارائىت يوق تۇرسا ،دىتال ياسىدىم دەۋاتاتىڭىز شۇ دىتالنى يولىمامسىز دەيمەن.

umudwar1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 22:46:22

قايسىڭلا چۈشۈرەلىدىڭلا بولسا يوللاپ قويساڭلا

System يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 23:00:51

رەھمەت سىزگە، ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلغايسىز
بەت: [1] 2 3
: "چاچ پاسونى" ئاندرويد پىروگىراممىسى ،بۈگۈن يازغان.