arman26 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 20:30:15

ئارمان روم تەرجىمە قىلىش قۇرالىنىڭ نەشىرى يېڭىلاندى (2.0)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
يېڭىدىن قېتىلغان ۋە ئۆزگەرتىلگەن تۈرلەر تۆۋەندىكىچە:
1. نېت سۇپىسىغا كۆچۈرۈلدى، ساندان شەكلى ئۆزگەرتىلدى.
2. قوللايغان ھۆججەت شەكلى كۆپەيتىلىدى، يېڭىدىن قوشۇلغان ھۆججەتلەر: IOS نىڭ *.strings، *.plist قاتارلىق تىل ھۆججتى، srt كىنو خەت ھۆججىتى، excel ھۆججىتى، smali ھۆججىتى.
3. smali ھۆججىتىنى توپ بىر تەرەپ قىلىش، ios تىل ھۆججىتىنى توپ بىر تەرەپ قىلىش، كود ئايلاندۇرۇش، ئىملا تەكشۈرۈش قاتارلىق قۇراللار قېتىلىدى.
4. ئاپتۇماتىك ئىملا توغرىلاش، لاتىنچە ھەرپلەر ئارىلاش كەلگەندە ئورنى ئالمىشىپ كېتىش مەسلىسىنى ئاپتۇماتىك تۈزىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلدى(لوغەت ئىقتىدارىمۇ قوشۇلدى).

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: دېتالنىڭ تىزىملىتىش نومۇرى بار بولۇپ پەقەت بىرلا كومپىيوتىردا ئىشلەيدۇ، تىزىملىتىش نومۇرىنى تەمىنلەپ بەرگەندىن كېيىن ياخشى ساقلاڭ، يۈتۈپ كەتسە قايتا تەمىنلەپ بەرمەيمەن، بۇ قېتىم سۆزلۈك ئامبىرى تەمىنلەنمەيدۇ، دېتالنىڭ ئەپتىن سۆز ئامبىرى ئايرىش ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ، ياكى ئارمان ئەپ تەرجىمە قىلىش ياردەمچىسىنڭ سۆزلۈكىنى قوشۇش ئىقتدارىدىن پايدىلىنىپ ئامبارنى ئۆزىڭىز قاتىسىز، ئەگەر سىزدە باشقا شەكىلدىكى ئامبار بولسا ئايلاندۇرۇپ بەرسەممۇ بولىدۇ.
ھەپتىدە ئىككى- ئۈچ سائەت دېتالنى يېڭىلاشقا ۋاقت ئاجراتقان، بەزى ئىقتىدارلارنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشنى ئۇنتۇلۇپ قالغان جايلىرىم بولىشى مۇمكىن، نورمال ئىشلىمىگەن ئىقتىدارلار ياكى خاتالىقلار بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قىلىشىڭلارنى ياكى مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ ئىنكاس قىلىپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
دەرسلىك ئىشلەشكە ۋاقت يار بەرمەي قالدى، پات ئارىدا دەرسلىك ئىشلەپ تۇلۇقلاپ قويىمەن، چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ.

ئىلگىرى ئارمان روم تەرجىمە قىلىش قۇرالىنى سېتىۋالغان ئەزالار كەچتە مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ دېتالنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئېلىۋىلىڭلار.

تادان يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 23:27:24

يۇز ئاقچىغا ساتتى ، لىكىن بۇ دىتال سىناق نۇسقىسىدىن ھازىرقى نۇسقىسىغىچە ئارمان ئەپەندىم نۇرغۇن ئەجىر قىلدى . بۇدىتال ئادەتتىكى دىتالدىن ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ كەسپىي دىتالغا ئايلاندى. كوررېكتور ، تەۋسىيەلىك سۆز تەۋسىيە قىلىش ، لوغەت قوشۇش، تەھرىرلەشقاتارلىقلار بارغانسېرى تاكاممۇللاشتى.بۇقىتىم لوغەتنى تەمىنلىمەسلىگى ئىملا خاتالىقى بىلەن ئۇسلۇپ بىرلىككە كەلگەن سۆزلۇك مەسىلىسى بوپ قالدى.ئارمان ئەپەندى يىقىندا ئالمىنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنى قىتىشى مۇمكىن كىيىنكى قەدەمدە كۆزنەك سىستىمىسى تىلفۇنلىرىنى تەرجىمە قىلىشنى قوشۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئارمان ئەپەندىنى قوللاپ قويىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.

jawhar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 21:40:57

ئېقتىدارلىرى تىخمۇ مۇكەممەللىشىپتۇ . يارايسىز .قېرىندىشىم .
مۇمكىن بولسا رەسىملىرىنى چىقىرىپ قويغانبولسىڭىز:)

qarahan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 21:52:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qarahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-26 12:38

كۈندىن - كۈنگە مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ.يارايسىز،قېرىندىشىم . مەن دىگەن ئىقتىدارنىڭ تىزىراق قۇشۇلىشىنى ئۈمىد قىلمەن.

karwan217 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 22:29:59

رەسىملىرى قېنى؟ بىر كۆرەيلى!

hacker09 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 22:49:42

كومنىڭما بۇ

ئاق تۇلپار يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 22:52:13

ھەئە كومنىڭغۇ قانچە ئاقچا ساتتىكى بۇ قىرىندىشىم؟

System يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 09:50:11

رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم تېخىمۇ تىرىشىڭ

marxal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 10:08:09

رەھمەت قېرىندىشىم ھارمىغايسىز ، داۋاملىق تىرشىڭ.

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 10:41:30

ئانا تىل ئۈچۈن سىزنى قوللايمىز قېرىندىشىم سالامەتلىگىڭىزنى ئاسراپ داۋاملىق تىرىشقايسىز!

ئويغان1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 19:42:05

رەھمەت ، داۋاملىق تېرىشىڭ

uybahit يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 09:15:18

naqqa akqa satikin man bilmidim man sitiwalattim bala xuga maga enkas kaldurup koysagla boptikan

xamsidin23 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 20:56:29

قوللايمىز داۋاملىق تىرىشىڭ

tohtimamat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 14:52:01

ئىلگىركى نەشىرگە قارىغاندا كۆپ قولايلىق بوپتۇ   روم تەرجىمە قىلىش تىخىمۇ قولايلىق بوپتۇ رەھمەت سىزگە

Tirix-qan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 09:39:20

ئالمىنىڭ تىل ھۆججىتىنى ئاندىروئد روم لوغىتىدەك تەرجىمە قىلىنىپ بولغان سۆزلۈكنى تاللاپلا تەرجىمە قىلدۇرۇشقا بۇلامدۇ.
بەت: [1] 2
: ئارمان روم تەرجىمە قىلىش قۇرالىنىڭ نەشىرى يېڭىلاندى (2.0)