hezine يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 12:11:35

欧路词典دىن كىچىككىنە خۇشخەۋەر


بۇ تېما android، iphone،wpئىشلەتكۈچىلىرىگە ئورتاق.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىنداشلار. 欧路词典نى ئىشلىتىپ باققانلار بىلىدۇ، ھەقىقەتەن قالتىس لۇغەت، خالىغانچە سۆزلۈك ئامبىرى قوشقىلى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئامبىرىدىكى تەييار سۆزلۈك ئامبىرىمۇ بىزنىڭ ئىشلىتىشىمىزگە يېتىپ ئاشىدۇ. قايسى كۈنى بىر قېرىندىشىمىز مۇشۇ لۇغەت ھەققىدە بىر تېما يوللاپتىكەن. قارىسام ئۇلارنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىدا پەقەت «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»لا بار ئىكەن، «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت» قوشۇلماپتۇ. ئۇيغۇرچە تورلارنى ئاقتۇرۇپ يۈرۈپ، ئاخىرى پاسىبان تورىدىن مۇشۇ لۇغەت قوللايدىغان فورماتتىكى «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە» سۆزلۈك ئامبىرىنى تاپتىم، چۈشۈرۈپ، لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىغا قاچىلىغان ئىدىم، نورمال تونۇدى. شۇنىڭ بىلەن كاللامغا«شۇلارغا بۇ سۆزلۈك ئامبىرىنى تەۋسىيە قىلىپ خەت يازمايمۇ» دېگەن خىيال كەچتى. ئېلخەت ئادرېسىنى تېپىپ، ئەھۋالنى بىرەر قۇر چۈشەندۈرۈپ، سۆزلۈك ئامبىرىنى قوشۇپ ئەۋەتىۋەتتىم. بىرەر ھەپتىدىن كىيىن ئۇلار خەت قايتۇرۇپتۇ. بۇ سۆزلۈك ئامبىرىنى قوشۇشنى خالايدىكەن. ئەتىسى قارىسام سۆزلۈك ئامبىرى راستلا قوشۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەرنى ئورتاقلىشاي دەپ بۇ تېمىنى يېزىشىم. ئەمىسە چۈشۈرۈشنى باشلاپ كەتكەيسىلەر. بولسا دوست-بۇرادەر، تونۇش-بىلىشلەرنىڭ يانفونىنى تارتىۋېلىپ، مەجبۇرى قاچىلاپ قويارسىلەر.:lol

بۇ لۇغەتنىڭ توربەت ئادرېسى:http://www.eudic.net





alip يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 12:24:12

ھۈججەتنىڭ سىغىمى كىچىك تۇرىدۇ، سىز ئەۋەتكەن سۆزلۈك مىقدارى قانچىلىك؟ قايسى فورماتتا؟

hezine يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 12:34:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hezine تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-10 12:36

alip يوللىغان ۋاقتى2014-7-10 12:24 static/image/common/back.gif
ھۈججەتنىڭ سىغىمى كىچىك تۇرىدۇ، سىز ئەۋەتكەن سۆزلۈك مى ...

باشتا مەنمۇ ھەيران قالغان، قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن قارىسام 27mbچىقىدىكەن، قارىغاندا تىزىملىككە قالايمىقان يېزىپ قويىدىغان ئوخشايدۇ.
فورماتى eudic

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 12:37:21

ھازىر يانفۇنغا قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقان لۇغەتلەر ئىچىدە قايسىنىڭ سۆزلۈك مىقدارى ئەڭ كۆپ؟

008 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 12:38:10

ئالامەت ئىش بوپتۇ ھارمىغايسىز

تەۋەككۇل يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 12:40:13

رەھمەت سىزگە تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپرىن ،ھازىرلا چۈشۈرۋالاي.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 12:45:10

hezine يوللىغان ۋاقتى2014-7-10 12:34 static/image/common/back.gif
باشتا مەنمۇ ھەيران قالغان، قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ق ...

سۆزلۈك مىقدارى ئاز بولۇپ قالسا مەندە 300 مىڭ سۆزلۈكتىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئامبار بار. شۇنى ئايلاندۇرۇپ ئەۋەتىپ بېرەي دېمەكچىتىم.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 12:47:33

alip يوللىغان ۋاقتى2014-7-10 12:45 static/image/common/back.gif
سۆزلۈك مىقدارى ئاز بولۇپ قالسا مەندە 300 مىڭ سۆزلۈكتىن...

مېنىڭ يوللاپ بەرگىنىم ماۋۇ ئىدى:
http://dl.dbank.com/c0bsmsw6st
سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاشمىكىن دەيمەن...

razekjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 12:49:05

alip يوللىغان ۋاقتى2014-7-10 12:45
سۆزلۈك مىقدارى ئاز بولۇپ قالسا مەندە 300 مىڭ سۆزلۈكتىن...

بولسا شۇنداق قىلسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاتتى

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 12:56:20

hezine يوللىغان ۋاقتى2014-7-10 12:47 static/image/common/back.gif
مېنىڭ يوللاپ بەرگىنىم ماۋۇ ئىدى:
http://dl.dbank.com/c0bsmsw6st
سىز ...

سۆزلۈك ئامبىرنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم، مەندىكىسىگە ئوخشايدىكەن. يەنى StarDict نىڭ سۆزلۈك ئامبىرى شۇكەن. 320 مىڭ سۆزلۈك باركەن.
بۇ لۇغەتنىڭ كومپىيۇتېر نەشىرىمۇ باركەن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 12:58:59

ئەمدى كۆرۈنمە يۈزىنىمۇ ئۇيغۇرچە قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىپ قويسىڭىز بولغۇدەك.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 13:06:47

مەن ئۇزۇندىن بىرى بىلكان لۇغىتىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن.

banker يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 13:24:47

كومپيوتېر نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈپ باقتىم، ناھايتى قولايلىقكەن، لىكىن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسىنى چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتەلمىدىم، خەت نۇسخسىنى تاللايدىغان يىرىنى تاپالمىدىم،

xajari1212 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 13:28:40

ئۇيغۇر - خەنزۇچە،خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە،دىن باشقا ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈك ئامبىرى تاپالمىدىمغۇ؟باشقىسى بارمۇ يوق؟

15739925433 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 13:33:23

ئالامەت ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز
بەت: [1] 2 3 4
: 欧路词典دىن كىچىككىنە خۇشخەۋەر