ئۇيغۇرچە javascript قوللانمىسى
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم javascript دىن قىسقىغىنە چۈشەنچە javascript بولسا ئىنتىرنىتتا ئەڭ مودا بولغان بىر قوليازما تېلى بولۇپ،بۇ ئاساسلىق توركۆرگۈچلەردە خىزمەت قىلىدۇ ،جۈملىدىن Ie ,Firefox.Safair chrome قاتارلىقلار سىز بۇ تىل بىلەن پروگىرامما يىزىشنى باشلاشدىن بۇرۇن چوقۇم HTML / XHTML نى بىلىشىڭىز كىرەك ،js بەتتىكى ھەربىر ئىلىمىنتى باشقۇرۇش خۇسۇسىيتىغا ئىگە،دىمەكچىمەنكى javascript ئارقىلىق بەتتىكى ھەربىر dom ئىلىمىنىتنى خالىغانچە كونتىرول قىلالايسىز،شۇنداقلا بۇ تىل يانفۇن ۋە كومپيۇتىرنىڭ قاتتىق دىتاللىرىغا كىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ،جۈملىدىن كامىرا،مىكروفون،قاتتىق دىسكىدىكى ھۆججەت قاتارلىقلار. مەقسەتكە كەلسەك بۇ قوللانمىنى يىزىشتىكى مەقسەت قانداقتۇر javascript نى يڭىدىن باشلىغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتىريالى قىلىش ئەمەس،بەلكى javascript دىكى دائىملىق خاتا چۈشەنچىلەر ۋە بىرقسىم مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى يىشىپ بىرىش،شۇڭلاشقا ئەگەر سىز javascript دىن ئاز تولا خەۋرىڭىز بولماي تۇرۇپ ،بۇ قوللانمىدىن پايدىلانماقچى بولسىڭىز كۆزلىگەن مەقستىڭىزگە ئىرىشەلمەسلىكىڭىز مومكىن،چۈنكى بۇ قوللانما javascript دىن ئوتتۇرھال سەۋىيەگە ئىگە بولغانلارغا ماس كىلىدۇ،بىشىدىن باشلىماقچى بولسىڭىز ئىنتىرنىتتىكى باشقا قوللانملارنى بىرقاتار كۆرۈڭ ۋە ئەمەلى سىناپ يىزىپ ئاساسى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇڭ،ئاندىن بۇ قوللانما سىزگە ،سىزJavascript دا ئۇچىرىغان بىشىڭىزنى قايدۇرغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا زور ياردىمى تىگىدۇ،ئەگەر ئاللاھ خالىسا.http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201406/21/140814fff7y70vxtxbxxxn.png
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201406/21/1407587qn4qnl4zu6mll14.png
بۇ قوللانمىنى تۆۋەندىكى بىكەتكە كىرىىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ،پات ئارىدا ئاللاھ خالىسا كىتاب نەشىرىنىمۇ ئىلان قىلىشىم مومكىن،بۇ قوللانمىنىڭ مەزمۇنلىرى داۋاملىق تۈردە قوشۇلۇپ ماڭىدۇ،قوللانمىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈمى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پايدىسى بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس بىكەت ياسالدى
قوللانما بىكەتنىڭ ئادرىسى
http://www.ugineyli.com/
رەھمەت كۇرۇپ باقاي رەھمەت ،،بەك پايدىلىق ئېسىل تېمىكەنمەندەك جاۋا ئۆگۈنۈۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kara_iz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-21 20:12
بېتىڭىز تەرجىمە قىلىنغان بىلوگ بەت سېستىمىسىما ....
خەتلەر سولدىن ئوڭغا سەل قالايمىقان كۆرۈندى...
ئوڭ تەرەپتىكى تىزىملىكنى بىر سىن بەلگىگە يىغىنچاقلاپئاپتۇماتىك كىرىپ - كىرىپ چىقىدىغانقىلىپ ، بەتتىكى ئاساسلىق مەزمۇننى ئوڭدىن باشلاپ ئوتتۇرسىغا توغرلاپ ، خەت چوڭ - كىچىكلىكىنى ۋە رەڭگىنى ، تەگلىك رەڭگىنىئوقۇرمەن ئېھتىياجى بويىچە تەڭشىيەلەيدىغان قىلغان بولسىڭىز مەن كۈتكىنىمدەك بولاتتى ، باشقا تورداشلار قانداق قارايدىكىن .
يەنە بىر تەكلىۋىم ukij tuz tomخەت نۇسقىسى بەت يۈزىدە ئادەمنىڭ كۆزىنى بىزە چارچىتىپ قويىدىكەن ، بولسا ئەلكاتىپ ياكى ئەلپىدا خەت نۇسخىللىرىنىڭ ئازادىرەك بىرەرسىگە ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز . قالتىس دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەي ھازىر كەيپىياتىمنى ، تېما ئىگىسى يارايسىز kara_iz يوللىغان ۋاقتى2014-6-21 22:03 static/image/common/back.gif
بېتىڭىز تەرجىمە قىلىنغان بىلوگ بەت سېستىمىسىما ....
خەت ...
تەكلىپىڭىزگە رەھمەت،بۇ تەرجىمە قىلىنغان بىلوگ سىستىمىسى ئەمەس،ئۆزۈم بىرقوللۇق يىزىپ چىققان،خەتنىڭ ئوڭدىن سولغا ماسلاشمىغانلىقىغا كەلسەك،مەن باشقا كومپيۇتېرلاردا سىناپ باقتىم،ھەممىسى نورمال،بەتنى يىڭىلاپ سىناپ بىقىڭ! رەھمەت سىزگە
ياخىشى بوپىتۇتېخىمۇ تىرىشىڭ
»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
بەت:
[1]