pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:02:47

ئانا تىلىمىزدىكى يانفۇن ھاۋارايى مەلۇماتچىسىنى چۈشۈرۋېلىڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ توردىكى چوڭ-كىچىك ، توڭ - پىششىق ،ئەر- ئايال، قىز- چوكان ،ئورۇق - سىمىز ، ئۇستاز - ھەۋەسكار .... ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالامئالى ئېھتىرام (مايەرلىرىنى ناۋا پىروگىراممىسىدىن دوراپ قويدۇق). :Pئۆھۈ ئىم ... جۈمە كۈنىنى تەبەسسۇم ئىچىدە باشلىۋالىلى دەپ چاقچاق قىلىپ قويدۇم ، يۇقارقى ئۇزۇندىن ئۇزۇن سالىمىمغا كىر يايىمىز دەپ تۇرۇۋالماڭلار يەنە .

ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ؛ شىركىتىمىز ياسىغان ئۇيغۇرچە ھاۋارايى مەلۇماتچىسى تۆنۈگۈن سىناق تەرىقىسىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، ئىزدىنىشقا يوللانغان تېمىمۇ ئالىپقا ئېلىپ كېلىنگەن ئىكەن . تۆنۈگۈنكى بەزىبىر سەھۋەنلىكلەر تۈزىتىلمىگەن نۇسخىسىغا داخىل بولۇپ قېلىپ كەيپىڭلار ئۇچۇپ قالغاندەك قىلىدۇ . شۇ سەۋەپتىن ئىنتايىن مۇلايىم قىياپەتتە ، سەمىميلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمىز ۋە ئالىپ تورى ئۈچۈن مەخسۇس ھاسىللانغان ھاۋارايى مەلۇماتچىسىنى دوستلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنىمىز ...

بۇ ئەپنى ئۈرۈمچى زىلبىلىگ ئېلىكتىرون تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى ياسىغان بولۇپ ، بۇ ئەپ ئارقىلىق مەملىكىتىمىزدىكى 500 دىن ئارتۇق شەھەر ناھىيە ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى 87 ناھىيە شەھەرلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسى ئۈچ كۈنلۈك ھاۋارايى مەلۇماتىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا خەۋەردار بولالايسىز .
مەزكۇر ئەپتە يەنە شىنجاڭدىكى ناھىيە شەھەرلەرنىڭ ھاۋارايىنى كۆرستىپ بېرىشتىن تاشقىرى يەنە شۇ جاينىڭ شۇ كۈنلۈك كۈن چىقىش ۋاقىتى ۋە كۈن پېتىش ۋاقتى كۆرسىتىلىپ بېرىلدىغان بولۇپ ، تۇرمۇشتىكى پائالىيەتلىرىڭىزنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا قولايلىق ئېلىپ كىلىدۇ . ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم بولۇپ ، ھەر خىل ھاۋارايى ۋە كېچە - كۈندۈزلۈك ۋاقىتقا ئاساسەن ئوخشىمىغان ھەرىكەتچان گۈزەل ئارقا كۆرۈنۈشلەر سەپلەنگەن بولۇپ كۆرۈنمە يۈزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن سىزنى مەپتۇن قىلىۋالغۇسى .
بۇ ئەپ يەنە ئۇيغۇرچىنى نورمال تونىمايدىغان يانفۇنلاردىمۇ نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدىغان بولۇپ ، يانفۇنڭىزنىڭ سېستىما نەشىرى تۆۋەن بولۇپ قالسىمۇ نورمال ئۇيغۇرچە ھالەتتە ئىشلىتەلەيسىز .
بۇ دىتالنىڭ ئالما نۇسخىسى ھازىر سىناق ئۈستىدە بولۇپ ئاللا خالىسا بىر كىلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرغىچە ئەپ سىتورىغا چىقىرىلىدۇ .


چۈشۈرۈش

ئىككىلىك كود


يانفۇندا تورغا چىقىۋاتقان بولسىڭىز يانفۇنىڭىزنىڭ خالىغان تور كۆرگۈچىسىگە hawa123.com نى كىرگۈزسىڭىزل چۈشۈرۈش ئادىرسىغا ئىرىشەلەيسىز .
ئەسكەرتىش : بۇ ئەپ پۈتۈنلەي ھەقسىز
ئەگەر بۇ ئەپ يارىسا ، ئەپنىڭ ئوڭ تەرەپ ئەڭ ئۈستى بۈرجىكىدىكى يېشىل رەڭدىكى ھەمبەھىرلەش كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق دوستلىرىڭىزغا بۇ ئەپنى تەۋسىيە قىلىڭ .

ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىن كەسمە رەسىملەر :

alxat110 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:06:21

ئۆزۈڭلار ياسىغان بولساڭلار ماۋۇ ئىسىل ئىش بوپتۇ

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:06:22

كۆپ رەھمەت ، ئانا تىل يىزىقى باشقىچە ھۇزۈر بىغىشلايدىكەن ، ئادەمگە

xakuf يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:07:58

رەھمەت مەن ئاۋال چۈشۇرەي

pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:11:48

رەھمەت ، رەھمەت .... كېچىدىن بېرى مۇلازىمىتىرنى ئالماشتۇرۇپ ، پىروگىراممىدكى بەزى سەھۋەنلىكلەرنى تۈزەتتۇق . مەسلىگە ئۇچىرساڭلار قالدۇرۇپ قويغايسىلەر ...

ھە راست ... بۇ دىتالنىڭ يانفۇن ئېكىرانىغا چىقىدىغان قىستۇرمىسىمۇ پات ئارىدا ئالما نۇسخىسى بىلەن بىللە ئېلان قىلىندۇ . ھەر قايسىڭلارنىڭ قوللاپ بەرگىىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت .

1217 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:14:16

سامسوڭ گلاكسېي نوت3 N900 تىپلىق ، سېستىما نەشىرى 4.4.2 .
ئىشلىشى نورمال، ئەپكە قىستۇرۇلغان ھەركەتلىك تەگلىك ئىنتايىن نەپىس چىقىپتۇ.

بولسا ئەپتەك ۋە تېلېفون ئېكران تەگلىكىنىمۇ ئويلاشقان بولساڭلار مۇكەممەل بولۇپ كېتەر ئىكەن.

مۇھەممەد زوقلان يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:14:23

رەھمەت ئاللاھ ئەجىرڭىزنى بەرسۇن چۇشۇرۋالدىم...

alxat110 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:17:53

pinhan يوللىغان ۋاقتى2014-6-6 12:11 static/image/common/back.gif
رەھمەت ، رەھمەت .... كېچىدىن بېرى مۇلازىمىتىرنى ئالماشت ...

مەن دەل مۇشۇنى ئىنكاس قىلاي دەپ تۇرغان سىز يىزىپ بوپسىز

تۈمۈر139 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:23:08

مەن مۇ تۈنۈگۈتۈ چۈشۈچۈشۈ ئاچالمىغان ماۋۇ قانداقتۇ ئەمدى

sardar0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:27:05

ئۈزمىزنىڭ دىتالى بولغاندىكىن قوللايمىز

1217 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:33:09

بىر ئىشقا يولۇقتۇم: تېلېفوندا باشقا ئەپلەر تور ئىشلىتىۋاتقان ئەھۋالدا ( مەن بەزەن ئەپلەرنى گوگىل ئەپ بازىرى ئارقىلىق يېڭىلاۋاتقان ئىدىم) ھاۋارايى ئەپتىكى ئېكران تەگلىكى قارا ئېكران بولۇپ قالدى. گوگىل ئەپ بازىرىنى توختۇتۇپ سىنىسام تۈزەلدى، كېيىن قايتىدىن گوگىل ئەپ بازىرىنى ئېچىپ يېڭىلاش بۇيرۇقى بېرىپ ئاندىن ھاۋارايىنى قوزغاتسام تەگلىك يەنىلا قارا بولۇۋالدى.

رەسىمدىكىدەك.

1217 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:36:04

ئاستىدىكى كۈنلەرنىڭ رەت تەرتىۋى ئوڭدىن سولغا بولغان بولسا تېخىمۇ نەپىس بولار ئىكەن، نەشىر يېڭىلىغاندا شۇنىمۇ ئويلۇشۇپ باقساڭلار بولغۇدەك.

pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:36:19

بۇ خاتالىقنى بىز كۆرۈپ باقايلى . ۋاقتىڭىزنى ئاجىرتىپ تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت

ئەرتۇڭا يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:41:51

ئاللاھ زىلبىلىگ شىركىتىگە رەھمەت قىلسۇن!...
تەكلىپ ،؛
بولسا ئىكراندا ھاۋاراي ئۇچۇرى بىلەن سائەت ۋاقتىنىمۇ چىقىدىغان قىلىۋەتسەڭلار!.......

سەردار8 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:47:59

ھەقىقەتەن ياخشى ئەپكەن   مىنىڭ بىر تەكلىۋىم   بولسا تەگلىك رەسىمگە ھەرقايسى شەھەر ناھىيەلەرنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك جاينىڭ رەسىمىنى كىرگۈزگىلى بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى(قىلغىلى بولسا )
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: ئانا تىلىمىزدىكى يانفۇن ھاۋارايى مەلۇماتچىسىنى چۈشۈرۋېلىڭ