MIUI V5 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-7 14:24ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن 4 ئاي ئىلگىرىلا miui v5 ئۈچۈن ئورتاق ماس كېلىدىغان ئۇسلۇب شەكلىدىكى تىل بولىقىنى 2 ھەپتە سەرىپ قىلىپ يېزىپ چىققان ئىدىم،
كۆپ قىتىم ئورگان تەرەپكە ئەۋەتكەن بولساممۇ تەستىقلانماي قايتۇرۇۋېتىلدى!
بەلكىم بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئورگان تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز مۇمكىن،
ئۇ ۋاقىتلارغىچە بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ شۇڭا ئاۋۋال مۇنبەرگە يوللىدىم، بۇ ئۇسلۇب بۇ مۇنبەردىن باشقا ھەر قانداق مۇنبەردەئىلان قىلىنسا بولىدۇ!
ئاۋۋال ئېكراندىن تۇتۇۋېلىنغان بىر قانچە پارچە سۈرەت كۆرۈپ باقايلى!
بۇ ئۇسلۇبنى قاچىلىمىغان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشلەر
بۇ ئۇسلۇبنى قاچىلىغاندىكى ھالەت
ئۇسلۇب mtz شەكلىدە يەنى miui v5 نىڭ ئۇسلۇب ھالىتىدە بولغاچقا يانفۇنغا بىرىنچى قىتىم قاچىلىغاندا ئۇسلۇب ئىچىدىكى نەچچە ئون مىڭ سۆزلۈك، نەچچە يۈز پارچە سۈرەت، يۈز دانىگە يىقىن رەڭ كودلىرى قاتارلىقلارنى سىستېمىدىكى قىممەتلەرنىڭ ئورنىغا قويۇپ بولغۇچە بىر ئاز ۋاقىت كىتىشى ئىنىق،
يانفۇننى ھەر قىتىم قايتا قوزغاتقاندا دەسلەپتە ئازراق ئىغىرلىشىدۇ، ئادەتتە سەپلىمىسى يۇقىرى يانفۇنلاردا بەك گەۋدىلىنىپ كەتمەيدۇ!لىكىن دەسلەپتە ئىغىرلىشىشى ئىنىق، بىراق يانفۇننىڭ ئىچىگە بىر كىرىپ چىقىپ، ھەممە يىرىنى بىر قىتىمدىن ئىچىپ چىقسىڭىز ئۇنىڭدىن كىيىن قايتا قوزغاتقۇچە يانفۇن بۇرۇنقى ھالىتىدە ئىشلەۋىرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىز يانفۇننىڭ ئىغىرلاشقىنىنى ھىس قىلمايسىز!
يەنە كىلىپ بۇ ئۇسلۇب تىخى ئورگان تەرەپنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەچكە يانفۇننىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسلۇب باشقۇرغۇچىسى بىلەن قاچىلىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا يىشىۋىتىلگەن ئۇسلۇب باشقۇرغۇچتا قاچىلاش دىگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق قاچىلاشقا بولىدۇ!
سەپلىمىسى يۇقىرىراق يانفۇنلارغا نىسبەتەن يانفۇننىڭ ھەممە يىرىنى بىر قىتىم ئىچىپ چىققاندىن كىيىن بىمالال ئىشلىتىشكە بولىدۇ!
ئىشلەتمىسىڭىزمۇ مىنىڭ 2 ھەپتە سەرىپ قىلىپ بۇ ئۇسلۇبنى يىزىپ چىققىنىم ئۈچۈن بولسىمۇ كۆرۈپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن!
ئۇسلۇبنى قاچىلاش ئۇسۇلى
ئەگەر سىستېما نەشىرى 4.1.1 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇپ قالسا مەن تۆۋەندە تەمىنلىگەن ئۇسلۇب باشقۇرغۇچنى چۈشۈرۈپ يانفۇندىكىسىنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر باستۇرۇپ قاچىلىغىلى بولمىسا بىۋاستە سىستېمىدىكى ئۇسلۇب باشقۇرغۇچ بىلەن يەنى system/app/thememanager.apk بىلەن ئالماشتۇرۇپ يانفۇننى قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن ئۇسلۇبنى بىۋاستە قاچىلىسىڭىز بولىدۇ!
تۆۋەندە مەن تەمىنلىگەن ئۇسلۇب بولاقچىسىنى يانفۇنىڭىزغا چۈشۈرۈپ ساقلىغۇچ كارتىغا قويۇۋالىسىز!
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇسلۇب باشقۇرغۇچىنى قوزغىتىسىز، قوزغىتىپ بولغاندىن كېيىن يانفۇننىڭ تىزىملىك كۇنۇپكىسىنى بىسىپ sd كارتىدىن ئەكىرىش دېگەن تۈردىن بايام چۈشۈرگەن ساقلىغۇچ كارتىغا قويغان ئۇسلۇب بولاقچىسىنى تاللاپ بىرىسىز! ئۇسلۇب بولاقچىسى ئۇسلۇب بولۇپ ئۇسلۇب باشقۇرغۇچىغا قوشۇلىدۇ، ئاندىن ئۇسلۇب باشقۇرغۇچتىن ئۇسلۇبنى تاللاپ قوللىنىش كۇنۇپكىسىنى بىسىۋەتسىڭىزلا بولدى، قوللىنىش كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن ئۇسلۇب باشقۇرغۇچ سىستېمىنى قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قايتا قوزغىتىش تۈرىنى تاللىۋەتسىڭىزلا بولدى!
ئەمەلىيەتتە بۇنچىۋالا مۇرەككەپمۇ ئەمەس، ئازراق تىرىشسىڭىزلا قىلالايسىز! ئەسلىدە تەپسىلىي رەسىملىك قىلىپ يوللىماقچى ئىدىم، بىراق ھازىر مەندە Android سىستېمىلىق Miui رومى چۈشىدىغان يانفون بولمىغاچقا ئامالسىز قالدىم!
لىكىن شىياۋمىي 2sگە بۇ يىشىۋىتىلگەن ئۇسلۇب باشقۇرغۇچنى قاچىلاشقا بولمىدى،
بۇنىڭغائۇستاملار بىرنىمە دەڭلار،مىنىڭچە ئەلۋەتتە بولىدۇ!
مەندە ھازىر Androidبولمىغاچقا داۋاملىق ئىزدىنىشكە ئامالسىزمەن!
MIUI_v5 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چۈشۈرۈش ئادىرسى
يىشىۋىتىلگەن ئۇسلۇب باشقۇرغۇچىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى
قاچىلاشتا قىينالسىڭىز ۋە ھەر قانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئىنكاس ئارقىلىق قالدۇرۇڭ!
سىزگە ئامەت تىلەيمەن!
ئەسكەرتىش،بۇ تىل بولاققا چاقماق تەرجىمە گۇرۇپپىىنىڭ روم لۇغىتىنىڭ سۆزلۈكلىرى ئىشلىتىلگەن،چاقماق گۇرۇپپىسىغا ئالاھىدە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن،
تىل بولاقتىكى تەرجىمىلەردە ئېملا خاتالىقى ساقلانغان بولىشى مۇمكىن، يەنە بۇ پەقەت ئۆزۈمنىڭ قىززىقىشىگە ئاساسلىنىپ ياسالغان، شۇڭا بۇ تىل بولاقتىكى سۆزلەر ئۆلچەملىك ئۇيغۇرتىلىدىكى سۆزلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ!
ئەگەرئىملانى تۈزىتىپ ئورگان تەرەپكە قايتا يوللىغۇچىلار بولسا ئارگىنالى ۋە تىخنىكىلىق مەسىلىلەردە ياردەم بىلەن تەمىنلەيمەن،
قويۇلىدىغان شەرىت؛ بۇ ئۇسلۇب چوقۇم ھەقسىز بولىشى، ئۇسلۇبنىڭ يىگانە دىگەن نامىئۆزگەرتىلمىگەن ئاساستا مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارسا ياكى ئۆزگەرتسە، بولىدۇ!
ئۇسلۇبنىڭ ئىملاسىنى تۈزىتىپ تىل ھۆججىتىنى ئۇسلۇب يازغۇچىلار ئىشلەتسە بولىدۇ!
ئاللاھ قا ئامانەت!
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-6-1 21:09):
ئەسكەرتىش،
ئۇسلۇب باشقۇرغۇچنى ئالماشتۇرۇشتىن ئاۋال بىر نۇسقا زاپاسلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ!
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-6-3 14:55):
WMS TOOLS
ئارقىلىقمۇ ئۇسلۇب باشقۇرغۇچنى يىشىۋەتكىلى بولىدىكەن، بەيدۇدىن ئىزدىسەڭلارمۇ چىقىدۇ!
سىناپ بىقى.....
يىڭى چۈشۈرۈش ئادىرسى بۇ يەردىن چۈشۈرۋىلىڭ! يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى2014-6-2 11:49
ماڭا يانفۇنىڭىزنىڭ framework ئىچىدىكى بارلىق apkھۆججەتلە ...
كۆپ رەھمەت ياردىمىڭىزنى ئايمىغىنىڭىزغا
ئەپسۇس بۇ يانفۇنغا 3 تەرەپ رىكوۋىرنى
قاچلىغاندىن كىيىن زاۋۇت رومنى قاچلىغلى
بولمايكەن ئۆتكەندە ئاشداق بوپ قىلىپ
شىنجاڭ تورى دىگەن توردىشمىز زاۋۇت رىكوۋىرنى
زاۋۇت رومدىن ئىلىپ ئەۋەتىپ بىرىپ ئاران ئوڭشالغان
قارغاندا مەن مۇشۇنداق ئىشلەتسەم بولغىدەك
شۇنداق تىمۇ رەھمەت سىزگە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلا مەندە l710 دىن بىرسى باتتى روم قاچىلىغانتىم كارتا تۇنىماس بوپقالدى باشقا روم لانى ئالماشتۇرۇپ باقتىم پايدىسى بولمىدى ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولساڭلا زىندان يوللىغان ۋاقتى2014-6-1 21:18 static/image/common/back.gif
يانفون قوزغالغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمى چىقىدىكەن- بۇ بەك ي ...
رەھمەت سىزگە،
ئۇسلۇبتىكى 15 مىڭغا يىقىن سۆزلۈك، بىرەر يۈز دانە رەڭ كودى، بىرەر يۈز پارچە سۈرەت قاتارلىقلارنى سىستېمىدىكى قىممەتلەرنىڭ ئورنىغا قويۇپ بولغۇچە ئىغىرلىشىپ قىلىشى نۇرمال ئەھۋال،بىراق تېلېفۇننىڭ ھەممە يىرىنى بىرەر قىتىمدىن كۆرۈپ چىقسىىڭىز بەك ئىغىر بوپمۇ كەتمەيدۇ!
ئىغىرلىشتىكى مەسىلىنى پەقەت شىياۋمىينىڭ ئۆزىلا ھەل قىلالايدۇ!
ئەمدى تەرجىمە مەسىلىسىگە كەلسەك ھەممە يانفۇننىڭ سىستېما قۇرۇلمىسى ئوخشاپ كەتمىگەچكە (گەرچە ھەممىسى miuiبولسىمۇ ئاز پەرىقلەر بار) شۇ خەنزۇچە خەتلەر، بۇنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ!
مەن ئاساسەن ئۇسلۇبنىڭ قۇرۇلمىسىغا بەك كۈچىگەچكە يەنە كىلىپ ئۆزۈم يالغۇز بىر ئادەم قىلىپ بولۇشقا ئىمكان بولمىدى، ئۇنى ئاز دىگەندەك كىيىن مەندە miuiقاچىلاشقا بولىدىغان يانفۇن بولمىغاچقا داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم!
تىما ئىگىسىگە رەھمەت بۇ ئۇسلۇپ باك ياخشى چىقىپتۇ ئورگان تەرەپكە چوقۇم ئلتىماس قىلىش لازىمكەن ئەگەر XiaoMi 2s گە ۋە باشقا ھەر قانداق يانفۇنغا بۇ ئۇسلۇبنى قاچىلاش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بولسا 20 ئاقچامنى مۇكاپات قىلىپ بىرىمەن!
ئەگەر ئورگان تەرەپكە يوللاپ تەستىقىگە ئىرىشسىڭىز 40 ئاقچامنى مۇكاپات قىلىپ بىرىمەن، سىزمۇ ھۆرمەت تاپىسىز!
ئەگەر يۇقارقى ئىككىلىسىنى قىلالايدىغانلار بولسا 60 ئاقچامنى مۇكاپات قىلىپ بىرىمەن!
قىلالىغانلار بولسا Skype نۇمۇرۇم؛ yeganaaaبىلەن ياكى yeganaaa@hotmail.com بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇكاپاتنى ئىلىۋالسىىڭىز بولىدۇ! ئۇنداقتا مەن ھازىر شىياۋمى 2س قا چۈشۈرمەي تۇرسام بۇلامدۇ قانداق ؟ مەن تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن يامان ئەمەس چىقىپتۇ. داۋاملىق تىرىشىڭ،ئىگە تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىشنى توختىتىپ قويماڭ بەكلا ياخشىئىش قىلىپسىزقېرىندىشىم. ئۆزىمىزنىڭ تىلى ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر ئەمگىكىڭىزگە ئاللا ئەجىر بەرسۇن. yigit99 يوللىغان ۋاقتى2014-6-1 17:32 static/image/common/back.gif
بەكلا ياخشىئىش قىلىپسىزقېرىندىشىم. ئۆزىمىزنىڭ تى ...
رەھمەت سىلەرگە! ئەسسالامۇئەلەيكۇم بەك بەلەن ئىش بوپتۇ ، اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ،مەن چۈشۈرەلمىدىمغۇ 404 نوت فوند دەپ چىقىۋالدى يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى2014-6-1 17:33
رەھمەت سىلەرگە!
تىكەن ئەپەندى بىلەن كۆرشۈپ بېقىڭ ئالىپ تورىنى تور كۆرگۈدە ئاچسا چۈشىدىكەن يانفۇندا چىقىۋاتقانلار ئەسىلام ئەلىيكۇم ئالىپ ئەھىلى.مەندە زاپەر شىياۋمى 3بار ئىدى.ئىكرانغا قۇلۇپ چۇشۇپ قالدى.قانداق قىلسام بوللا.رىكورۇيدىن زاۋۇت ئەسىلگە قايتۇراي دىسەم رىكۇريى يوق ئىكەن. مەنمۇ چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي رەھمەت سىزگە يىگانە بۇرادەر. يارەم قىلغان بولساڭلار باشقا ئامال بارمدۇ. يالقۇۇن يوللىغان ۋاقتى2014-6-1 17:48
يارەم قىلغان بولساڭلار باشقا ئامال بارمدۇ.
كومپيۇتىردا بىدەمدىلا ئېچىۋەتكىلى بولىدۇ تىجىم يوللىغان ۋاقتى2014-06-01 17:58:19 static/image/common/back.gif
كومپيۇتىردا بىدەمدىلا ئېچىۋەتكىلى بولىدۇ
قانداق ئاچىقلى بۇلدۇ.ياردەم قىلغان بولسڭىز