alip يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 10:23:18

ئالپ تورى ئارقىلىق يانفون ئالدىڭىزمۇ؟ ساتتىڭىزمۇ؟ بېلەت تاشلاڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئالپ تور بېتىمىز يانفون، كومپىيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان بولغاچقا بولغاچقا، بۇ يەرگە يىغىلغانلار ئىچىدە يانفونغا قىزىقىدىغانلار كۆپرەك. شۇ سەۋەبتىن يانفون ساتىمەن دەپ تېما يازدىغانلارمۇ كۆپ. باشقا تېما، ئىنكاس يازماي مەخسۇس يانفون ساتىمەن، ئالىمەن دەپ تېما ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ بار. دەسلەپتە شۇ ھەقتىكى تېمىلارنى ئاساسەن تەستىقلايتۇق. بىر قىسىم نائەھلىلەر تېلفۇنىڭىزنى ئالاي دەپ پۇل سالسا پۇلنى ئېلىۋېلىپ يانفوننى بەرمەي قۇيمىچىلىق قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ يانفون ساتىدىغان ئېلانلارنى ئاساسەن تەستىقلىماي، ئىملاسى توغرا، ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان ئېلاننىڭ ئىچىدىن 10 دىن بىرەرنى تاللاپ تەستىقلاپ كېلىۋاتىمىز.
يەنە بەزى ئىشلارغا قارار چىقىرىش ئۈچۈن بۇ بېلەت تاشلاشنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ئەستايدىل مۇئامىلە قىلساڭلار.

بىلاك يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 10:36:22

بۇلانىڭ ھەممىسى ئېلىپ ساتىدىغانلارنىڭ ئىنساۋىغا باغلىق مەنغۇ تىلفۇن ئېلىپ سېتىپ باقمىدىمقالغىنىغا ئېلىپ ساتىدىغانلا بىرنىمە دىسۇن

abdusalamjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 10:36:58

مەنغۇ بۇ سودىلانى قىپ باقمىدىم لىكىن باشقىلانىڭ بۇ توردىن سودا قىلىپ رازى بولغانلىقىنى تولا ئاڭلىدىم

مەرگەن111 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 10:55:35

ياخشى ئىش بوپتۇ ياخشى ئىش ئويلۇشۇپ سىلە تەكلىۋىم مۇنبەر ئاقچىسدا سودا قىلشدىغانغا ئامال بار بوغان بوسا ھەمىمىزگە 100%ئىشەنچلكبۇلاتتى دەپ ئويلايمە مەن بىرنى ئالدىم لىكىن بەك ئىكلەندىم ئۇنىڭ ئۇستىگە 8كۇندە ئاران قۇلۇمغا تەگدى

Qiwer يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 10:56:14

مىنىڭچە ئالىپ تورىغا كاپالەت تاپشۇرۇپ ئاندىن ئېلىپ سېتىشنى يولغا قۇيغان بولسا، مۇنبەردە مۇشۇ توغرىلىق بىر مەخسۇس سەھىپە يولغا قۇيۇلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.ئالىپ] تورىمۇ مۇشۇ ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادى كىرىم يارىتالامتىكىن دىگەن بىر ئويغا كەپ قالدىم.

Xperia يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 10:59:35

مەنمۇ بۇرۇن بىر قىتىم ئالىپ تورى ئارقىلىق بىر تىلفۇن ساتتىم. مىنىڭچە تىلفۇن ئېلىم بىرىمنى مۇنبەردىن يوق قىلىۋىتىش ياخشى ئەمەس،لىكىنتوردىنتىلفۇن ئالغاندائىھتىيات قىلىش كىرەك.
قويمىچىلارنى ئاڭلىق ھالدا مۇنبەردە پاش قىلىش ھەم ئىشەنچىلىك كونا ئەزالاردىن ئېلىش ،بولسا يانفۇن ساتقۇچى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۇشۇپ ئېلىش ،باشقا شەھەردىكىلەر بولسا تونۇشلىرىنى ئىۋەتىپ مالنى كۆرۈپ ئېلىشنى تەۋسىيە قىلمەن.

ataman138 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 11:14:07

مەنمۇبۇ مۇنبەردە ئېلىم بىرىم قىلىپ باقمدىم بىراق باشقلارنىڭ سودا قىلغىننى كۆردۈم.مۇمكىن بولسا مۇشۇ ھەقتە ئازراق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلسا دەپ قارايمەن

yixiu يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 11:15:31

aziz101 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 11:15:41

شۇنداق مەنمۇ بۇسەھىپىنى قوللايمەن مىنىڭچە ئالىپ تورى سودىنىڭ بىخەتەر بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىرە ئامال چارە ئوتتۇرغا چىقارسا ساتىدىغانلادىن ئالامدۇ ياكى سېتىۋالغۇچىدىن ئالامدۇ ،ئازراق كاپالەت ھەققى ئالسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى

nigarim8 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 11:25:56

ياخشى ئېش بوپتۇ

ئويلىدىڭمۇ يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 11:32:48

مىنىڭچە كۈرۈپسىناپ ئالغانغا يەتمەيدۇ

ablahu يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 11:32:56

مىنىڭچە ئالىپ تورىغا كاپالەت تاپشۇرۇپ ئاندىن ئېلىپ سېتىشنى يولغا قۇيغان بولسا، مۇنبەردە مۇشۇ توغرىلىق بىر مەخسۇس سەھىپە يولغا قۇيۇلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى

Ahmetjan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 11:36:36

مەنمۇ ئالىپ تورىدىكى بىر بۇرادەردىن تېلفون ئېلىپ رازى بولدۇم .ئالدامچىلىققا ئۇچرايدىغانلار يالغۇز ئالىپ تورىدىلا ئەمەس باشقا داڭلىق سودا تور بېكەتلىرىدىمۇ بار مېنىڭچە بۇنىڭغا بىر سەھىپە ئاجرىتىلسا بولىدۇ دەپ قارايمەن.تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرى مۇشۇ مۇنبەردە بىر خاتىرە كومپىيۇتېر ساتتىم

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 11:49:29

تورداشلار ياخشى پىكىرلەرنى بېرۋاتىدۇ.
كاپالەت بېرىش ئىشىغا كەلسەك، ئالپ تور بېتىمىز تورداشلارنىڭ بىر نەرسە سېتىش، سېتىۋېلىشىغا كاپالەت بېرەلمەيمىز. ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قانۇنىي رەسمىيەتلەر كېتىدۇ.

sapardax11 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-21 12:03:57

alip يوللىغان ۋاقتى2014-5-21 11:49 static/image/common/back.gif
تورداشلار ياخشى پىكىرلەرنى بېرۋاتىدۇ.
كاپالەت بېرىش ئ ...

ئۇنداقتا ئېلىم -سېتىم ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچىنىڭ ئىنسابىغا باغلىقكەن ، ھەممەيلەن ئىمانىنى دەڭسەپ بېقىپ ئىنساپ بىلەن ئېلىم-بېرىم قىلسا ، ئىشىنىمەنكى ئالىپ تورى تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9
: ئالپ تورى ئارقىلىق يانفون ئالدىڭىزمۇ؟ ساتتىڭىزمۇ؟ بېلەت تاشلاڭ