parxat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 13:21:34

WPS ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالى 2014ھەقىقىي نەشىرىنى چۈشۈرۈڭ

WPS بولسا يېڭى بىر خىل ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك يۇمشاق دېتالى بولۇپ، خىزمەت ۋە ئۈگىنىش جەريانىدا كىرەكلىك بولىدىغان يېزىق كىرگۈزۈش، تەھرىرلەش، جەدۋەل بىر تەرەپ قىلىش ۋە پىرويىكسىيە ھۆججىتىنى ئىشلەش ۋە قويۇش قاتارلىق مۇھىم ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.

مىكروسوفىت ئوفىس (Office) يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە، ئالاھىدىلىكى كومپىيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسىنى كۆپ ئىگەللىمەيدۇ، ئىجرا بولۇش سۈرئىتى تېز ۋە يىنىك، ھەجىمى كىچىك.
ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىدىن، كۈچلۈك بولغان قىستۇرما ئۇلاش، بۇلۇت سۇپىسى ساقلاش بوشلۇقى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش، ھەرخىل فورماتلاردىكى ھۆججەت قىلىپى، ھۆججىتىنى ئوقوش ۋە ھاسىل قىلىش، شۇنداقلا مىكروسوفىت Office 97-2010 غىچە بولغان ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالىدا ئىشلەنگەن بارلىق ھۆججەت شەكلىنى مۇكەممەل تونۇشتىن ئىبارەت.
كومپىيۇتېر نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: سېغىمى 44 مىگابايىت

360 تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش:
http://yunpan.cn/QiQucCD728DNX
提取码:18f8
بەيدۇ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش:
http://pan.baidu.com/s/1dDj9M7J

1surbora يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 13:46:28

رەھمەت. ئۆيگە بارغاندا چۈشۈرۋالاي

تادان يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 14:00:01

بۇنىڭ يىزىق بىرتەرەپ قىلغۇچىسى ئۇيغۇرچە يىزىقنى تەسراق يازغىلى بولىدۇ، قالغانلىرى قوللىمايدۇ

uznur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 14:09:18

بۇ جىنشەننىڭغۇ دەيمەن、

elpida يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 14:47:29

بۇ بىر ئەخلەت.بۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى سولدىن ئوڭغا تىزىپ قويىدۇ.تېما ئىگىسى مۇشۇنى سىناپ باقمايلا تەۋسىيە قىپتۇ.
مەن MicroSoft Office ياكى LibreOffice نى تەۋسىيە قىلىمەن.بۇلار بىزنىڭ يېزىقىمىزنى ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە LibreOffice نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ بار.MicroSoft Office2013كىمۇ ئۇيغۇرچە تىل قوشۇلغان.
WPS كە ئوخشاش دۆلىتىمىزنىڭ ئەخلەتلىرىنى بىراك قىلىش كېرەككى تەشۋىق قىلماڭلار......

s41157018 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 15:00:19

ئىككى سائەت ھەپىلىشىپ ئۇيغۇرچە يىزىقنى ئوڭدىن سولغا تەڭشىيەلمەي(بىر دوستۇمنىڭ تەلىپى بويىچە) ئانا - مانىسىنى قويۇپ تىللىۋەتكەنمەن بۇ كاساپەتنى. باشقا دىتال قاچىلاپ بولغۇچە ئادەمنى زورلاپ قاچىلىنىۋىلىشلىرىچۇ تېخى، چۈشۈرۈش ئىسمىغا Microsoft office دەپ يىزىۋىلىپ، چۈشۈرۈپ قارىسا WPS دەپ تۇرغان...
ئىشقىلىپ ئوبدان نەرسە ئەمەس بۇ!

تەشنا135 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 15:17:44

راسلابۇ دېتالنى ئىشلەتكەننىڭ ئورنىداoffice2013نى ئىشلىتىڭلا بۇ دېگەن كېرەكسىز بىر ئەخلەت ،:@:@:@:@:@:@:funk:

sanjar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 16:03:46

ئۇيغۇرچىنى ئىشلەتمەيدىغانلارغا ياخشى تاللاش ... شۇڭا مەن ئىشلەتمەيمەن !

balijan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 16:15:32

دورامچى 金山office :

$BashbugH$ يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 16:53:43

مەنغۇ قەتئىي ئىشلەتمەيمەن بۇنى ! ئۇيغۇرچىنى مۇكەممەل قوللايدىغان office تۇرغان يەردە بۇنىڭغا بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۇرۇن يوق...

ALQINIM يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 22:38:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ALQINIM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-8 22:40

LibreOffice نى تەۋسىيە قىلىمەن......خەنلەر چىقارغان نەرىسلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت.....

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 01:23:40

ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرمەي، نېرى ئاپىرىڭە بۇ نەرسىنى!
بۇ نەرسىنى نەدە كۆرسەم شۇ ھامان «تۈفى!» دەپ ئۆچۈرۋېتىمەن.

ئويلان88 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 01:30:30

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت   ماۋۇ تىمغا يىزىلغان ئىنكاسلارنى كۆرۇپ كۆڭلۇم بىر قىسما بولۇپ قالدى    بۇ توردىشمىزمۇ ياخشى كۆڭلى بىلەن چىقارغاندۇبۇنى . شۇڭائەخلەت پەخلەتدەپ چىقارغان ئادەمنى پوق يىگەندەك قىلىپ قويماي   بۇدىتالنىڭ مۇنداق كەمچىلكى باركەن   ماۋۇ ئۇنىڭدىن ياخشىراق تۇرىدۇ دەپ تەۋسىيە قىلساڭلار    بولسا ياخشراقى بولسا سىلەمۇ مۇشۇنداق تىما قىلىپ چىقاساڭلار ئورتاق پايدىلانساق

uqkun77 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 02:56:21

bengbash يوللىغان ۋاقتى2014-5-8 23:23
ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرمەي، نېرى ئاپىرىڭە بۇ نەرسىن ...

كۆڭلىڭىز ئىلەشكەن بولسا مۇنبەردە ھۆ قىلماي سىرىتنى ئايلىنىپ كىرىڭ. باشقىلارغا ئازار بىرىش ياخشى ئىشمۇ؟

تىما ئىگىسى رەھمەت مەن ساقلىۋالدىم، ئۇ دىسكىغا ساقلاپ قويساق باشقا تەھرىرلىگۇچلەر يوق ئەھۋالدا ھاجىتىمىزدىن چىقىدۇ، ياخشى يىرى ھەجمى كىچىك.

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 10:30:04

مېنىڭچە، تېما يوللىغۇچى بۇ نەرسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا يوللاپ بۇ مۇنبەرگە يوللاپ قاپتۇ.
بىرىنچىدىن، بۇ نەرسە مىكروسوفىتنىڭ office دېتالىنى دوراپلا ئۆزگەرتىپ يۈرۈيدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدۇ.
ئۈچىنچىدىن، كىشلەرنى ئالداپ قاچىلىنىۋالىدۇ.
……
بەت: [1] 2
: WPS ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالى 2014ھەقىقىي نەشىرىنى چۈشۈرۈڭ