Arduino-ئەقلى ئىقتىدارلىق ئائىلە چىراغ كونتىرول مەركىزى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-20 14:01Arduino-ئەقلى ئىقتىدارلىق ئائىلە چىراغ كونتىرول مەركىزى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئېلېكتىرون،Arduino ھەۋەسكارلىرى! ھەممىڭلارغا كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام!
خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئاردىينۇ توغرىسىدا ئىزدىنىشكە ۋاقىت چىقىرالمىدىم،كاللامدا پىششىپ بولغان قۇرۇلما ۋە تېخنكىلارنى كۆپ بولسىمۇ ئىلان قىلىپ بولالمىدىم،ھەي ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق بولۇپ قالدى،ئەيىپكە بۇيرىمغايسىلەر،،،،،بۈگۈن ئازىراق بولسىمۇ كۆپچىلىكىنىڭ قىزغىنلىقى ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن
ئەقلىي ئىقتدارلىق ئائىلە دىگەن بۇ ئۇقۇم كۆپچىلىككە ناتونۇش بولمىسا كېرەك،زاغرا نان تىلى بىلەن ئىيىتقاندا ئۆي ئىچىدىكى بارلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش قولايلىقلاشتۇرۇلغان،ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ ،(بۇ جەھەتتە دىمەكچى بولغانلىرىم كۆپ ئىدى،تېما مەزمۇننىڭ ئۇزىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قىسقارتىپ تۇردۇم).بۈگۈنكى بۇ تېمامدا گەرچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان چىراغ كونتىرول قىلىش قۇرۇلمىسى گەرچە ئەقلى ئىقتىدارلىق ئائىلە دەرىجىسىگە يەتمىسىمۇ،شۇنىڭغا يىقىنلىشىدىغان تىپىك قۇرۇلما مىسالىدۇر،كۆپچىلىك بۇ تېمىدىن ئاز-تولا بولسىمۇ ئىلھام ۋە بىلىمگە ئىرىشەلىسە مەن شۇنىڭغا خوش.
قۇرۇلما ئىقتىدارى: يانفۇننىڭ كۆكچېش ئىقتىدارى ۋە يانفۇندىكى كونترول قىلىش ئەپ پروگراممىسى ئارقىلىق 4 دانە لامپۇچكىنى كۆكچېش ئارقىلىق سىمسىز (ئۆي ئىچىدە) كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
ئالدى بىلەن مۇناسېۋەتلىك رەسىم ۋە فىلىملەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇناي:
مەندە ھازىرچە 4 يوللۇق رېلى مودىلى بولمىغاچقا،ئىككى يوللۇق رېلى مودىلى ئىشلىتىلگەن فىلىمنى ھوزوروڭلارغا سۇندۇم،فىلىم يانفۇندا سۈرئەتكە ئېلىنغان،ھەم لامپۇچكا ئىشلىتىلمىگەن،سىز پەقەت رىلىنىڭ سىگىنال چىرىغى دىققەت قىلسىڭىزلا بولدى،(رىلى توغرىسىدا ئىلگىرى تېمىلىرىمدا چۈشەنچە بىرىلىپ بولغان)
http://v.youku.com/v_show/id_XNzAxMzAxMTQ0.html
قۇرۇلمىغا كىتەرلىك ئۈسكۈنىلەر: بىردانە ئاردىينۇ توك يول تاختىسى(خالىغان تىپىدىن،مىنىڭ ئېشلەتكىنىم ئاردىينۇ نانو تىپلىقى)،بىر دانە كۆكچىش مودىلى،بىر دانە 4 يوللۇق رېلى مودىلى،يەتكۈدەك ئۇلاش سىمى،ئۇيغۇرچە تونۇتىلغان ئاندرويد سىستىمىلىق يانفۇن،لامپۇچكا قاتارلىقلار.
توك يولىنىڭ قۇراشتۇرلۇش سخېمىسى تۆۋەندە كۆرسىتىلىدى: (ئاردىينوتوك يول تاختىسنىڭ 2،3،4،5 رەقەملىك ئۇلىنىش پۇتىنى رېلى مودىلىنىڭ 4 دانە سىگىنال پۇتىغا ئۇلايسىز)
رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويىچە توك يولىنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،قوشۇمچىدە تەمىنلەنگەن ئاردىينۇ پروگراممىسىسنى ئاردىينۇ توپلاشما ئىجادىيەت مۇھىتىدا ئىچىپ ئاردىينۇ توك يول تاختىسىغا يوللاڭ،ئاندرويد پروگىراممىسىنى يانفۇنغا قاچىلاڭ،قۇشۇمچىنىڭ ئىچىدە ئەپنىڭ تېزىم نۇمىرى تەمىنلەنگەن،تېزىم نۇمىرىنى كىرگۈزمىسىڭىز ئەپمۇ ئېچىلمايدۇ. :lol
ئەپنى يانفۇندا نۇرمال ئاچقاندىن كىيىن كۆكچېش بىلەن باغلاڭ،ئاندىن ئۆيدىكى چىراغلارنى ياكى باشقا ئۈسكۈنىلەرنى يانفۇنىڭىز ئارقىلىق كونتىرول قىلىپ،ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلىنىڭ ھوزۇرنى سۈرۈڭ.
ئەپ پروگراممىسنىڭ ئىقتىدارى: يانفۇننىڭ كۆكچېشى ئارقىلىق 4 دانە رېلىنى كونترول قىلىدۇ،مەشغۇلات قىلغاندا لامپۇچكىنى چىكىسىز،خەتكۈچ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھەرقايسى لامپۇچكىغا ئىسىم قويۇشقا بولىدۇ.ئەپ باش بىتىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى بىر قۇر دوملىما خەتنى بېسىش ئارقىلىق بىۋاستە ئالىپ تورىنىڭ ئاپتۇماتىك كونترول قىلىش سەھىپىسىگە كىرىشكە بولىدۇ.
ئەمدى قوشۇمچىغا قىزقىپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:ئاردىينۇ تەتقىقاتى ئۈچۈن بۇ قوشۇمچىنى ھەقلىق تەمىنلەشنى قارار قىلدىم،باھاسى يۇقىرى ئەمەس،قىزىققۇچىلار ئاز-تولا بەدەل تۆلەپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ.
خوش،ۋاقىت مۇناسېۋىتى بىلەن تېمىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي.قانداق تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا ئىنكاس شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويغايسىلەر.
Arduino توغرىسىدا ھىچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس قېرىنداشلىرىمنىڭ ئالىپ تورىدىكى «ئاپتۇماتىك كونترول قىلىش» دىگەن سەھىپىدىكى يازمىلارنى كۆرۈپ چىقىشنى ياكى «مەن Arduinoغا ئاشىق» ناملىق كىتابىمنى كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ تېمىدىكى بەزى مەزمۇنلار ئاپتۇرنىڭ«مەن Arduinoغا ئاشىق» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
بىز ئۆز-ئارا ئۈگىنىشكە،ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج! قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى،قىممەتلىك بىلىملىرىنى،تەجرىبىلىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن!
ھۆرمەت بىلەن:ئېلېكتىر چەۋەنداز
2014-يىلى ئۈمىد ئىيىنىڭ20-كۈنى يېزىلىدى
سەمىمي ئەسكەرتىش: بۇ تېما مەخسۇس Arduinoئۈچۈن يېزىلدى،شۇڭا باشقا جەھەتتىن ياردەم سورىماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالىپ تورىنىڭ ياردەم سەھىپىسگە ياكى مۇناسېپ ھالدىكى باشقا تېمىلارغا ئىنكاس يېزىشىنى،قالايمىقان ئىلان ۋە ياردەم خاراكتىرلىك ئىنكاسلارنى يازىماسلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆتىنىمەن. ئىزدىنىشلىرىڭىزنى (ئۇلۇغ ئاللاھ) مۇۋاپىقىيەتلىك قىلسۇن قالتىس ئىش قىپسىز تېخىمۇ تىرىشقايسىز رەھمەت ھارماڭ قېرىندىشىم ھەقىقەتەنياخشىخەۋەركەن. مەن بەك قىزىقىپ قالدىم. مەنمۇ قىزىقىپ قىلۋاتمەن. ئامەت تىلەيمەن قالتىس تىخنىكىكەنغۇ بۇ كىتابىڭىزنى قانداق تاپىمىز كىتاپخانىلاردا سىتىلامدۇ ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇردى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-20 17:19
ھەقىقەتەنياخشى تىمىكەن
بولسا مۇشۇنداق تىمىنى كوپەرەك يولىسىڭىز قانچىلڭك ھەق تولىسەكمۇ مەيلى بولسا 1 -ايلىق ياكى 1-يىلىق ھەقنى بىرا تولىسەمۇ مەيل 1-تىمىغا بىرھەق تۆلەشسەل ئاۋار چىىقكەنبۇتىمىنىڭ ھەقى قانچىپۇل قالتىس ئىش قىپسىز تېخىمۇ تىرىشقايسىز بۇ تېمىدىن پايدىلىنىپ ئۆيىمىزنىڭ چىراقلىرىنى يانفۇن ئارقىلىق كونترۇل قىلىدىكەنمىزدە، ناھايىتى ياخشى تېمىكەن، نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن... مەن چوقۇمبۇ تەجرىبىنىمۇمۇۋەپىقيەتلىكئىشلەپچىقىمەن. تېخىمۇ تىرىشقايسىز،ھارمىغايسىز. سىن ھۆججىتى ئېچىلمايدىغۇ؟ ئەسلامۇ ئەلەيكۇم چەۋەنداز سىزنىڭ كىتابىڭىزنى سېتىۋېلىپ ئۇقۇپ چىقتىم ھەقىقەتەن بىلىملەر كۆپكەنمەن ئاردىينۇ تاختىسىدىن سېتىۋالاي دىگەن قاندىقىنى سېتىۋالسام بولا مەسلىھەت بەرسىڭىز مۇمكىن بولسا ئىشلەپ چىقىرىپ تەييار قىلىپ ساتسىڭىز تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايسىز ئەمەسمۇ قېرىندىشىم
ئاردىنىيۇ ھەققىدە بىلىمىڭىز ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن
قايىل بولدۇم ،
ئاۋال ئۆزىڭىز ئۆيىڭىزگە قىلىپ ئەل - ئاغىنىلىرىڭىزغا كۆرسىتىڭ ئاغىنىلىرىڭىز چۇقۇم سىزگە قىلغۇزىدۇ ئاندىن بىردىن ئىككىگە ئىككىدىن تۆتكە تارقايدۇ بارا بارا تەرەققىي قىلىسىز ئەگەر قۇلىڭىزدا مەبلەغ بولسا بقرەر ئېلىكتىرون شېركىتى بىلەن ھەمكارلىشىڭ