Windows Phone ئۈچۈن يىڭى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-2 21:52ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
3 كۈن بۇرۇن يوللانماقچى بولغان تېما
تېمىنىڭ بىشىنى يىزىش تېمىنىڭ ھەر قانداق بىر يىرىنى يىزىشتىن تەس بىلىنىدۇ زادى ماڭا، قانداق قىلىپ تېمىنى مەقسەتكە يۆتكەش كاللامنى بەك قاتۇرىدۇ ئىشقىلىپ...
مۇنداقلا باشلاي بولمىسا...
Windows Phoneئۈچۈن ئىزدىنىشىمىز توختاپ قالمىدى،
ماۋۇ بىر كۈنى دوسلارغا بىر مۇھىم دەرىسلىكنى تېلېفۇندىلا چ چ دا يىزىپ ئەۋەتمەكچى بولدۇم!
يازىدىغان نەرسىلەر ئىچىدە ئىنگىلىزچە ئاتالغۇلارمۇ بار ئىدى، ئۇلارنى ئۇيغۇرچىغا يازسا قاملاشماي قالاتتى،Windows Phone نىڭ ھازىر بار بولغان كىرگۈزگۈچىسىدە پەقەت ئۇيغۇرچە يىزىقلىنىلا يازغىلى بولاتتى،
ئۇيغۇرچە يىزىق ۋە باشقا تىللاردىكى يىزىقنى ئارلاشتۇرۇپ يىزىش بەك ئاۋارىچىلىق، بەك ئازاپلىق ئىدى،
شۇ كۈنى شۇنچىلىك قىينالدىم،Windows Phone Store غا يەنە بىر كىرىپ قارىدىم،
ھەر قانداق بىر يىزىق بىلەن ئۇيغۇرچىنى بىللە ئارلاشتۇرۇپ بىرلا يازغىلى بولىدىغان كىرگۈزگۈچ يوقمىدۇ دەپ ئويلىدىم،تۇيۇقسىز ئۆزۈملا بىر يىزىپ باقمايمۇ دەپ ئويلىدىم شۇنىڭ بىلەن تۇتۇش قىلدىم،
شۇ بىر خىيال بىلەن بۇ ئىشنى باشلىدىم، 3 كۈن تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى Windows Phoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە ۋە ھەر قانداق بىر تىلنى ئارلاشتۇرۇپ يازغىلى بولىدىغان بۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ پۈتۈپمۇ قالدى!
بۇ Windows Phone SDK 7.1 مۇھىتىدا يىزىلغاچقا Windows Phone 7.5, Windows Phone 7.8, Windows Phone 8, Windows Phone 8.1لەرنىڭ ھەممىسىدە نۇرمال ئىشلىتەلەيسىز!
Windows Phone ئىشلەتكۈچى دوسلار ئۈچۈن ئازراقمۇ بولسا قۇلايلىقلىق يارىتالىسام مەن شۇنىڭغا خۇشال،
تىخى بۇ ئەپنى Windows Phone Store غا يوللىمىغانلىقىم ئۈچۈن يانفۇننىڭ قۇلۇپىنى يەشكەندىن كىيىن ئىشلىتەلەيسىز!
ئالدىنقى تېمىلىرىمدا بۇ توغۇرلۇق مەزمۇنلار بار!
تۆۋەندىكىلەر ئىكراندىن تۇتىۋىلىنغان بىر نەچچە پارچە سۈرەتلەر!
ئىشلىتىشتە مەسىلە بايقالسا، ئىملا خاتالىقلىرى ۋە باشقا مەسىلىلەر بولسا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرساڭلار بولىدۇ!
ئىشلىتىش ئۇسۇلى،كۇنۇپكىدىكى سىرىق رەڭلىك خەتلەرنى كۇنۇپكىنى تىز-تىز ئىككى قىتىم چىكىش ئارقىلىق چىقىرىسىز!
يەنە بىر گەپ، مەن سىنىغان يانفۇننىڭ ئىكران ئىنىقلىقى 480*800 ، مۇمكىن بولسا بۇنىڭدىن يۇقىرى ئىكران ئىنىقلىقتىكى يانفۇنى بار دوسلار بولسا بىر سىنىشىپ بەرسە،يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى ئىكرانلاردا نۇرمالمۇ ئەمەسمۇ ئۇ ماڭا نامەلۇم!
ئۇنداقتا ئىنكاسلار سىلەرگە قالدى!
تاڭ ئاتاي دەپ قاپتۇ... ئاللاغا ئامانەت، ئاللاھ كۆرۈشۈشكە نىسىپ قىلسا كىيىنكى قىتىم كۆرۈشەرمىز!
چۈشۈرۈش ئادىرسى بۇ يەردە!
qiannao تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۈڭ! ئاۋال يانفۇنىڭىزنىڭ قۇلۇپىنى يىشىپ ئاندىن قاچىلىسىڭىز بولىدۇ!
تورخانىدىكى ۋاقتىم توشۇپ كىتىپ Windows Phone 8نىڭ قۇلۇپىنى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا يىشىش دەرىسلىكىنى يوللىيالماي قالدىم،
ئىھتىياجلىقلار
Windows Phone 8 نىڭ قۇلۇپىنى يىشىش دەرىسلىكى
http://bilimhumar.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=170
(مەنبەسى: بىلىمخۇمار ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى)
دىن ۋاقتىنچە كۆرۈپ يانفۇننىڭ قۇلۇپىنى يەشسەڭلار بولىدۇ!
ئاۋارچىلىق كەلتۈرگىنىمدىن خىجىلمەن! تىرشچانلىقڭىزغا قايىلمەن.يەنىمۇ تىرشىڭ ۋاي ئاللا ئالامەت ئىشتىن بىرنى قىپسىز زادى مۇشۇ كەمتى بۇ ۋىپ تېلپۇنلاردا كۆپ جاپاچىكىپسىز ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن، سىز يوللىغان ھەر قانداق بىر تېمىنىڭ ناھايىتى ئەھمىيىتى بار، بۇندىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ يانفۇن ئەپ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ ھەسسە قۇشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن... بولسا سىزدەك ئىلىمخۇمار، ئىزدىنىش روھىغا ئىگە ئەزىمەتلىرىمىز تېخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كەلسۇن...
سىزگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!!!:D:D:D يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 20:42 static/image/common/back.gif
ئاۋال يانفۇنىڭىزنىڭ قۇلۇپىنى يىشىپ ئاندىن قاچىلىسىڭى ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمNet Framework 4. نى تۇرخاندىكى كۇمپىيۇتىرلارغا قاچلىغىلى بۇلمايدىكەن.
يا مەن قاچلىيالمىدىممۇ ئۇيدە تۇر يۇق abduwayt يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 22:20 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمNet Framework 4. نى تۇرخاندىكى كۇمپىيۇتى ...
ۋىندوۋس ئىكىس پى غا net framework 4.0 قاچىلىغىلى بولمايدىغۇ دەيمەن،
net framework 3.5نى قاچىلىغىلى بولىدۇ! مۇشۇنى قاچىلاپ قايتا سىناپ بىقىڭ!
vin تىلىفۇن ئالغاندا ئىشلىتەمەن رەھمەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رۇھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-18 22:38
Windows phone يانفۇنىڭ قۇلۇپ يىشىش بەك تەسمۇ? ئاندىرۇئىد يانفۇنغا رۇت ئالغاندەك ئاسان بۇلسا ئۇيغۇرچە فۇنىت قاچىلاپ ئىشلەتسە بەك ياخشى بۇلاتتى. بۇ بىر كەمچىلىك ئىدى بۇنىمۇ ھەل قىلىپسىز . بەك ياخشى بوپتۇ ، بولسا ، قۇلۇپ يەشمەيمۇ قاچىلايدىغان بولىشىغا تىلەكداشمەن رەھمەت،سىزگە،ئەپ دۇكىنىغا چىقىرىش مومكىن بولماسمۇ،تەرجىمە ئەپلەرنى.... رەھمەت، ئېسىل تىمىلارنى يوللاپسىز، بارىكاللائەمما كىچە كىچە جاپا تارتىۋاتىسىز ! ھەي
ئۆزەڭلارنى ئاسراڭلار بۇرادەر ، كۆپرەك ئارامئىلىشقا دىققەت قىلىڭلار.
ۋىنفونغا كۆچسەك بوولدىغان ئوخشايدۇ.
بەك ياخشى ئىش قىپسىز.
بەت:
[1]
2